ئۆينىڭ ئىنسان ئۈچۈن بولغان رولى
باھارگۈل ئىبرايىم
ئۆي - ئىنسان ئۈچۈن پاناھ جاي بولۇپلا قالماي بىر ئېسىل ئارامگاھتۇر, ئۇ ھەم جەننەت ھەم دوزاخ , ئىشىكلىرى مەھكەم يېپىلغان ئەمما دېرىزىلىرىدىن چىراغ نۇرى چاقناپ تۇرغان ئاشۇ سان-ساناقسىز ئۆيلەردە ھەر كۈنى , ھەر سائەت كىشىلىك ھاياتنىڭ ئاجايىپ-غارايىپ كومىدىيە ياكى تىراگىدىيەلىرى كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. ئاشۇ كىشىلەر سىرتقا چىقىدىغان ۋاقىتتا ساقال-بۇرۇتلىرىنى پاكىز ئېلىپ , چۇۋۇلغان چاچلىرىنى رەتىك تاراپ , پاكىزە رەتلىك كىيىنىدۇ-دە, پەردازلارنى قىلىپ قەددى-قامىتى ۋە چىرايىغا ئۇلۇغۋار , مەغرۇر, لاتاپەتلىك تۈس بېرىشىپ ئۆزلىرى ۋە بىر-بىرىنى ئالداپلا قالماي ئۆزلىرىنى ماختاپ , باشقىلارنى مەسخىرە قىلىش بەدىلىگە روھىي دۇنياسىدىكى بوشلۇقنى،قايغۇ-ھەسرەتلىرىنى ۋە گاڭگىراشلىرىنى يۇشۇرۇشقا ئورۇنىدۇ . ئەمەلىيەتتە ئىنسان بىر-بىرىدىن ئانچە كۆپ پەرىقلىنىپ كەتمەيدۇ , ئۇلارنىڭ ھەممىسى ھاياتلىق بىلەن ئۆلۈم , ھايۋانىي ئىستەك بىلەن ئەقىل ۋە دوزاخ بىلەن جەننەت ئوتتۇرسىدا تىركىشىپ بۇ تىركىشىشتىن مەنىۋى ئوزۇق ئالىدۇ , مانا مۇشۇنىڭ ئۆزى ھايات بولۇپ , ئەنە شۇ ئۆي ھاياتنىڭ ئەڭ چوڭ سەھنىسىدۇر . ئىنسان دىگەن شۇنداق نەرسە,بىرى يەنە بىرى ئۈچۈن مەڭگۈ نامەلۇمخانە , ئىنسان بەربىر ئىنسان , تۇرمۇش بەر بىر تۇمۇش , ئۇ ھامان ئۆز قانۇنىيتى بۇيچە گاھ شاتلىق, گاھ قايغۇ-ھەسرەت , گاھ كۈلكە -چاقچاق گاھ يىغا ئىچىدە داۋاملىشىدۇ.مەيلى قانداقلا بولسۇن ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى ھەقىقىي ئىنساندەك ياشاش يۇلىنى تاللاشتۇر.
| 206 قېتىم كۆرۈلدى | ehsanay | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2015-8-8 10:11:22 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|