سەن بىلەن نىمىشقا تۇنۇشقان بولغىيتىم
ئەلفىرە
مەن سەن بىلەن ئۆتكۈزگەن ھەر بىر كۈنلۈرۈمنى قەدىرلەيتىم ، سەن بىلەن مەڭگۈ بىللە ياشاشنى ئارزۇ قىلاتتىم. بەخىتلىك تۇرمۇش يولىدا ئالغان ھەر بىر قەدىممىنى سەن بىلەن بىرلىكتە جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە ئالسام دەپ ئويلايتتىم ئەپسۇس ... خوشال كۈنلۈرۈم ئۇزۇنغا بارمىدى. سەن بىلەن بۇنچە تىز ئايرىلارىمنى مەن ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايتىم. سەندىن ئايرىلىپ ياشاشنى تەسەۋۋۇرمۇ قىلىپ باقمىغانىدىم.
سەن مەندىن يۈز ئۆرىگەن شۇ دەقىقە ھېلھەم كۆز ئالدىمدا ، سەن ئۆزەڭڭە پەقەتلا ئوخشىماي قالغان ئىدىڭ. مەن سىنى مەن سۆيگەن ئاشىقىم شۇمىدۇ ئەمەسمىدۇ دەپ گۇمان قىلىپ قالغانىدىم. سەن شۇ كەتكەنچە كەلمىدىڭ ، كەينىگە بۇرۇلۇپ قاراپمۇ قويماي كەتتىڭ. مەن كۆتتۇم ،سىنىڭ قايتىپ كىلىشڭنى تەشنالىق بىلەن كۈتتۈم ،يۇلۇڭغا تەلمۇرگەن كۆزلىرىم ئۈمۈدسىز ئۇچقۇنداشقا ، سىنى تۇتىۋېلىشقا سۇنۇلغان قوللىرىم ھاۋادا لەيلەپ قالغانىدى .
مۇھاببەتلىك كۈتۈشلىرىم جاۋاپسىز، ئەقىدەم نەتىجىسز قالغان بولسىمۇ مەن سىنى سۆيۈشتىن توختاپ قالغىنىم يوق. سەندىن كىچىشنىمۇ ئويلاپ باقمىدىم ئەلۋەتتە ،ئەپسۇس سەندىن ماڭا قىلىنغان ۋاپاسىزلىقىڭنى ئويلسام نىمشقىمۇ سەن بىلەن تۇنۇشقان بولغۇيتۇم دىگۈم كىلدۇ .
586 قېتىم كۆرۈلدى | ئەلفىرە | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-2-7 13:48:02 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|