مېھىر-مۇھەببەت
مېھىر-مۇھەببەت تۇرغۇن راخمان(كەمتەر) مېھىر-مۇھەببەت ، دىللارنى يورۇتقۇچى چولپان يۇلتۇز ، قەلىبلەردىكى جاراھەتلەرنى داۋالايدىغان ئەڭگۈشتەر ، قەلىبلەرنى سۈزۈلدۈردىغان سۈزگۈچ ، دىللارنى ئاقاردىدىغان ئالتۇن چوتكا ، يۈرەكلەرنى تۇتاشتۇردىغان كۆۋرۈك ، مۇھەببەتنى ئۇرغۇتىدىغان ياڭراق مىلودىيە ، گۈللىرىڭنى سۇغۇردىغان بۇلاق ، كىسىلىڭنى داۋالايدىغان شىپايى دورا ، ئازاپ - ئوقۇبەت ، قايغۇ - ھەسرەت ، دەرتلىرىڭنى ئۇنتۇلدۇردىغان شىرىن چۈش سەھىپىسى ، سېرلىرىڭنى ساقلايدىغان ھەمىيان ، پىسخىكاڭنى تەڭشەيدىغان رېتسىپ ، ئايرىلىپ قىلىشقا بولمايدىغان قانېتىڭ ، ئەتىۋارلىق ھەمشىرەڭ ، بىردىن - بىر ھەقىقىي يايرىڭدۇر . مېھىر - مۇھەببەتتىن ئىبارەت ئەتىۋارلىق گۆھېرىڭىزنى ئوبدان ساقلاڭ ، ئازار بەرمەڭ ، ناۋادا رەنجىتسەڭ ئايرىلىپ يېراقلارغا كەتسە ، مىڭ يىل نالە قىلساڭمۇ قايتىپ كەلمەيدۇ ، ئۇنىڭغا مېھىر بېرىپ تۇر ، سۇغۇرۇپ تۇر ، ئېھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلىشنى بېلىۋال . قەلب تارازىسىنى چىكىپ قويمىغىن ، دەز كەتمىسۇن ، بولمىسا مەڭگۈلۈك پۇشايمانغا قالىسىز ، داۋاملىق قەلبىڭىزدە كۆكلىتىپ ، تېخىمۇ باراقسان قىلىڭ ، پۈتۈن كائىناتقا تېرىۋېتىڭ . مېھىر - مۇھەببەتسىز تۇرمۇش گۈزەل بولمايدۇ ، جەمئىيەت ئىللىق بولمايدۇ . شۇڭا ، ئانا ۋەتەننىڭ ئىللىق قوينىدا ياشاۋاتقان بارلىق ئەزىزلەر مېھىر - مۇھەببەت بىلەن تولۇق قۇراللىنىپ ، ئۆز - ئارا بىر - بىرىمز بىلەن ئىناق ئۆتۈپ ، خۇش - تەبەسسۈم ئېچىپ ، ئىتتىپاقلىق كۈيى ياڭرىتىپ ، ھەممىمىز ۋەتىنىمىزنىڭ ئىللىق قوينىدا تېخىمۇ ئىجىل - ئېناق ئۆتۈپ ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى ئۈچۈن قولنى - قولغا تۇتۇشۇپ ، قەلبلەرنى تۇتاشتۇرۇپ ، دىللارنى ئىللىتىپ ، ئەبەدىي ئەمىنلىك ئۈچۈن تېرىشايلى ! ئەڭ ئاخىرقى خۇلاسەمنى شۇنداق چىقىرايكى ، مېھىر - مۇھەببەت ، تەلىم - تەربىيە خىزمىتىنىڭ بىردىن - بىر يول باشلىغۇچىسى ، دىللارنى تۇتاشتۇرغۇچى ھەمشىرە ، بالىلارنىڭ روھىتىنى ئويغۇتۇپ ، شىجائىتىنى ئۇرغۇتقۇچى ئوزۇق ، ئوقۇتقۇۋى بىلەن ئوقۇغۇغۇچىلارنىڭ قەلبىنى تۇتاشتۇرغۇچى كۆۋرۈك ، دىللارنى يورۇتقۇچى شام چىراغ ، ئوقۇتقۇچى بولغان ئىكەنسىز ، مېھىر - مۇھەببەت ئۇرۇقىنى مەكتەپتىن ئىبارەت گۈزەل باغچىغا توختىماي تېرىڭ ، ئىللىق مېھرىڭىز ، خۇش تەبەسسۈم چىرايىڭىز بىلەن ھەر ۋاقىت كۈلۈپ قاراڭ ، شۇندىلا ، بارچە قەلبلەرنى ئىللىتىپ ، كەلگۈسىنىڭ ئۈمۈدلىك ۋارىسلىرىنىڭ دىلىنى يورۇتۇپ ، قەلبىنى ئىللىتىپ ، ئۇسسۇزلىقىنى قاندۇرالايسىز. ئۇستاز ، جىسمىڭىزدە ھەر ۋاقىت مېھىر - مۇھەببەتتىن ئىبارەت ئىللىق تەبەسسۈم سىزگە ، مەڭگۈ ھەمراھ بولغاي . مېھىر - مۇھەببەتلا بالىلارنىڭ قەلبىنى ئىللىتىپ ، قەلبلەرنى تۇتاشتۇرۇپ ، تەلىم - تەربىيە شەكلىنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇپ ، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈشتە ، ئەمەلىي رول ئوينايدىغان كۈچتۇر . بۇ ئەتىۋارلىق پۇل قاپۋۇقىنى چىڭ ساقلاڭ ، ئاۋايلاڭ ، ئاسراڭ ، قەلب دۇنيارىڭىزنى قاچىلاڭ ، ئىللىق تەبەسسۈمىڭىز بىلەن ، سەبىي بالىلارنى قاچىلاڭ .



161 قېتىم كۆرۈلدى turhun ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-5-26 9:43:56  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ