مۇشائىرە قەلئەسى توپىدىكى ئەھمىيەتلىك قىسقىغىنە مۇشائىرە دىن سىزمۇ بەھىرلىنىڭ
____________________
@ takdir
توپىمىزنىڭ باشلىقى ،
تەقدىر ئىكەن ۋاي توۋا ،
باش ئەگمەسكە تەقدىرگە ،
ئامال يوقكەن ۋاي توۋا.
nawruz ----
____________________
@ nawruz
ياشاپ ئۆتۈپ بۇ جاھاندىن بىلەلمەي ئاخىر ،
مەن كۆرمىگەن كۆرگۈلۈكلەر، بار تېخى دەيسىز .
كۆتۈرەلمەي تەقدىر قىلىپ قويغان چاقچاقتىن،
سىناق بىرلە دەت- ئەلەمدىن نى غەمنى يەيسىز.
takdir ---------
_____________________
@ takdir
بۈگۈن ھەجەپ قىزىدى،
تەقدىر باشلىق توپىمىز .
يۈرەكلەردىن يۈرەككە،
يەتسۇن ياشلىق ئوتىمىز.
yanar -------
____________________
@ yanar
زاكا قاپتۇ كىيمىگەن ھەم ياتمىغان بۆشۈكلا،
ئاتمىش ياشقا ئۇلىشىپ،
ياش دەمدىكەن ئۆزىنى.
خەۋەر بىرەر گىياھقا- زىمىستاندا ئۈششۈكلا ،
قەبىرىلەرگە يول ئالغاچ، يوغان ئاچسۇن كۆزىنى.
takdir--------
_____________________
@takdir
ئاتمىش ياشنى قېرىدى دەيدۇ توپتا بەزىلەر،
مەن قېرىغان بولساممۇ يۈرەكلىرىم ياش تېخى.
ئۇلۇغ ئارمان يار يۆلەك ئىگەم بولغاچ مەدەتكار،
يەنە يۈز يىل ياشايمەن ئاقارمىدى چاچ تېخى .
yanar--------
____________________
@yanar
تېشى دېمەڭ تۇخۇمنى ئىچىدىنمۇ بۇزۇلار،
بىلىپ قېلىڭ ئەجداتتىن قالغان شۇنداق بىر نەقىل .
چاچ ئاقارسا ئۆز يولى، تېرەك بولماس ھاياتقا،
قېرىش دىگەن بىلىڭ شۇ، ئىشلەتمىسەك گەر
ئەقىل .
takdir—————
____________________
@ takdir
تەقدىر قىسمەت كەلمىسۇن ھەرگىز ،
بۇ ھۆل باشقا ،پىشمىغان باشقا .
قەدىرلەيلى ھاياتنى دوستلار،
بۇ ئېغىز ئۇلاشتى ئەمدى بىر ئاشقا .
nawruz--------
___________________
@ nawruz
بەزىبىر قىسمەتكە پىششىقمۇ ئەمەس،
ماڭاركەن ھەربىركىم ئۆز بىلگەن يولدا.
ۋەلكىن ئويلاڭ بىز ، كىچىكمۇ ئەمەس.
ئوت كۆيمەس، بىلسەكلا - تۇتمىغان قولدا .
takdir-----
____________________
@ takdir
يىتىمنىڭ ئاغزى ئاشقا ئۇلاشسا ،
تېگەركەن بېشى يوغان بىر تاشقا .
دۇنيا ئىشلىرى سىرلىقتۇر سىرلىق،
ھەممىسى تاماشا ئۆلۈمدىن باشقا .
nawruz-------
____________________
@ nawruz
تاماشا پەقەتلا بەزىگە بۇنداق ،
سەۋەبسىز ھېچبىر ئىش بولمايدۇ ئۇنداق.
چۆرگىلىلەر پەلەكنىڭ چاقى ھەر جايدا،
ئاچ قېلىپ سىنىلىپ تاۋلىنار شۇنداق .
takdir------
_________________
@ takdir
تەقدىر قىسمەت چاقچىقى قايتا بىر كەلسە،
چىدىمايمەن بۇنىڭغا ئۆلۈپلا كىتەي.
قوساق توقلاش شەرت ئەمەس ۋاي جېنىم دوستۇم ،
يىتىملەرنىڭ ھالىغا ھالىغا يىتەي .
nawruz------
___________________
@ nawruz
سىناق دېدىم مەن پەقەت ئاچ توق يۈرۈشنى،
زىندان بىرلە روجەكتىن كۈننى كۆرۈشنى .
يارالمىشتىن رىسىق شۇ كۆرگۈلۈكمۇ ھەم ،
ئۆگىتەركەن بىزگىمۇ يۈزنى ئۆرۈشنى.
takdir-------
____________________
@ takdir
تەقدىر سىگنالى گەر، چالسا ئۆلۈمنى،
نە ئامال ھۆل باشنى سۆرىمەي بۇنداق.
ئۈمىدۋار ياشايمەن ھايات بولساملا ،
جاھاننىڭ سىرلىرى شۇنداقكەن شۇنداق.
nawruz-------
__________________
@ nawruz
ئالەمچە سۈيۈندۈم ئۇشبۇ سۆزلەردىن،
تەقدىرگە تېۋىنغان بىر جۈپ كۆزلەردىن.
بايقىدىم يەنە مەن قۇياش ئەكسىنى،
ئەخلاقتىن يورۇغان ئايدەك يۈزلەردىن .
takdir------
13009699741
ئورۇنلۇق پىكىر تەكلىپىڭىزنى توپ باشلىقىغا قالدۇرۇپ قويۇڭ
79 قېتىم كۆرۈلدى | takdir | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-5-27 9:44:48 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|