مۇھەببەت دىگەن نىمە؟
شادىيە مۇھەممەت
مۇھەببەت دىگەن نىمە؟ مەنچە مۇھەببەت دىگەن مال -دۇنيا، چىراي،نام -ئاتاق ئەمەس بەلكى ھۆرمەت، ئىشەنچ،كۈيۈنۈش، ساداقەت ئۈستىگە قۇرۇلغان ئاجايىپ سېھىرلەنگەن ئولۇغ بىر كۆۋرۈك. بىر تەرەپنىڭ كۆڭلى بار قارشى تەرەپنىڭ كۆڭلى بولمىسا بۇ مۇھەببەت كۆۋرۈكىنىڭ بوسۇغىسىغىمۇ بارمىغان بۇلىدۇ. ھەر ئىككى تەرەپنىڭ كۆڭلى بولسا مۇھەببەت كۆۋرۈكىنىڭ ئەڭ ئاستىنى سالغان بۇلىدۇ.ھەر ئىككى تەرەپ ۋاپادارلىقى،ئىرادىسى،كۈيۈنىشى،تىرىشچانلىقى ئارقىلىق مۇھەببەت كۆۋرۈكىنى پۈتتۈرۈپ چىقالايدۇ.پەقەت ۋە پەقەت ئۇغۇل بىلەن قىزدىن ئىبارەت ئىككى ئادەملا بۇ مۇھەببەت كۆۋرۈكىنى بەرپا قىلالايدۇ. بۇ كۆۋرۈك ھەر ۋاقىت ئاسراشقا ،كۈيۈنۈشكە، ساداقەتكە مۇھتاج،چۈشۈنۈش،كۈيۈنۈش،ھالىغا يىتىش،قەدىرلەشلا بولىدىكەن،كۆۋرۈك كونىراپ، باشقا ھەر قانچە ئېغىر كۈن كەلسىمۇ مۇھەببەت كۆۋرۈكى دەز بولمايدۇ. ئەمما تۇيۇقسىزلا بىر تەرەپ ۋاپا،ساختىلىق، يالغانچىلىقتىن بىرىنى ئىسىدىن چىقىرىپ،يامان يولغا ماڭدىمۇ بۇ كۆۋرۈك دەزبۇلىدۇ-دە،بارا-بارا غۇلاپ چۈشۈپ،دىڭىزغا غەرىق بۇلىدۇ.شۇڭا بىز بىلەن تەڭ مۇھەببەت كۆۋرۈكىنى سالىدىغان ئادەمنى تۇغرا تاللاش كېرەك.
بارلىق مۇھەببەت كۆۋرۈكىنى سالىدىغان بىر جۈپلەرگە دەيدىغىنىم: ئۆزۈڭلەردە بار بولغان مۇھەببەتنى قەدىرلەڭلاركى ئۇلار سىز بىلەن مۇھەببەت كۆۋرۈكىنى بىللە سالغىنىغا پەخىرلىنىدىغان، ئۆزىنى شۇ سەۋەبلىك بەخىتلىك ھېس قىلىدىغان بولسۇن ھەرگىزمۇ پۇشايمان يېشىنى تۈكىشىگە سەۋەبچى بولۇپ قالماڭلار.
بارلىق مۇھەببەت كۆۋرۈكىنى سىلىش ئالدىدا تۇرغان بىر جۈپلەرگە دەيدىغىنىم: مۇھەببەت كۆۋرۈكىنى سىلەر بىلەن بىللە سالىدىغان ئادەمنى تۇغرا تاللاڭلار،كىيىن پۇشايمان قىلىدىغان ئىش بولۇپ قالمىسۇن.
بارلىق مۇھەببەت كۆۋرۈكىنى سېلىش ئۈچۈن كۈچەپ،ئەمما مۇھەببەت كۆۋرۈكىنىڭ بۇسۇغىسىغىمۇ كىرەلمەيۋاتقانلارغا دەيدىغىنىم: ھەرگىز مەيۈسلەنمەڭلار ، سىلەر مۇھەببەت كۆۋرۈكىنى بىللە سالىدىغان ئادەمنى تۇغرا تاللىيالماپسىلەر شۇڭا مۇھەببەت كۆۋرۈكىنىڭ بۇسىغىسىغىمۇكىرەلمەيۋاتىسىلەر . ھەممە ئادەمنىڭ چۇقۇم مۇھەببەت كۆۋرۈكىنى بىللە سالىدىغان ئادىمى بار،ئالدىرىماي ئىزدەڭلار چۇقۇم سىلەر بىلەن تەڭ مۇھەببەت كۆۋرۈكىنى سالىدىغان ئادەم پەيدا بۇلىدۇ.
بار يۈرەكتە چوڭقۇر مۇھەببەت،
بىرى ئۈچۈن سۇقىدۇ پەقەت.
مۇھەببەتنى ئۇيۇن كۆرگەنلەر،
ئادەم ئەمەس روھىغا لەنەت.
بار يۈرەكتە چۇڭقۇر مۇھەببەت،
مۇھەببەتنى قەدىرلە ئەبەت.
گەر ناۋادا قەدىرلىمىسەڭ،
پۇشايماندا چېكىسەن ھەسرەت.
2015-8-6تۇرپان
349 قېتىم كۆرۈلدى | شادىيە مۇھەممەت | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-6 23:54:31 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|