مۇھەببەت دىگەن نەرسە

مۇھەببەت دىگەن نەرسە

 

ئ‍ەلفىرە

 

مەن بىر قانچە كىشلەرنىڭ مۇھەببەت سەرگۈزەشتىلىرنى ئاڭلىدىم ، ئەمما كۆپىنچىسى ئاخىرىدا ياخشى كۇرگەن ئاشۇ ئادىمىدىن نەپرەتلىندىكەن . مەن ھەيران بۇلۇپ نىم ئۇچۇن ئىكەنلىكىنى سۇردۇم . ئۇلارنىڭ بەزىسى ئۇ مىنى ئالدىدى دىدى . يەنە بەزىسى مەن ئۇنى ئۇزۇن كۇتتۇم بىراق ئۇ ماڭا كۆڭلىنى بەرمىدى دىدى . يەنە بەزىسى ئۇمىنىڭ سۈيگۈمگە خىيانەت قىلدى دىدى .يەنە بەزىسى بۇلسا ئۇ مەندىن يۇز ئۇرىدى دىدى .ئەمما مەن يەنىلا ئۇلارنىڭ بۇ نەپرەتلىرىنى ئۇرۇنسېز دەپ ئۇيلىدىم , چۇنكى مەن ئۇلارنىڭ مۇھەببىتىنى ھەقىقى دەپ قارىمايمەن ، ئەگەر ئۇلاردا ھەقىقى سۇيگۈ بۇلغان بۇلسا نەپرەتتىن ئىغىز ئاچمىغان بۇلاتتى ، شۇنداقلا يەنە ئازاپتىنمۇ ئىغىزئاچمىغان بۇلاتتى . مۇھەببەت مىھىر بىلەن باشلىنىپ قىيالماسلىق بىلەن ئاخىرلىشىدۇ ، نەپرەت بىلەن ئەمەس .ئەجىبا ئۇ سېزنى ئۇزىنى ياخشى كۆرۈشكە مەجبۇرلىدىمۇ ؟ سېز ئۇنى ئۈزىڭىز خالاپ ياخشى كۆرگەن شۇڭا مىنىڭچە بۇلغاندا نەپرەتلىنىش سېزگە ھەقلىق ئەمەس ئەلۋەتتە ئۇ سېزنىڭ سۇيگۈڭىزنىڭ قەدرىگە يەتمىدى خالاس . ھەممىدىن ئىشىپ كەتكىنى 2يىل 3 يىل ھەتتاكى 5 يىل ئارلاشقان بىر جۈپلەر ئايرىلىپ كەتكەن ۋاقتىدا بىر بىرىگە قارىماس بۇلۇپ كىتىدىكەن . ئەجىبا ئۇلار بىردىنلا ئادىمىلىكىدىن چىقىپ كىتەمدىغاندۇ ؟ بىر بىرنى ياخشى كۆرۈپ ئۇتكەن ئاشۇ گۇزەل چاغلارنى شۇنداقلا ئۇنتۇپ كىتەمدىغاندۇ؟ بىر بىردىن شۇنداقلا يۈز ئۇرۇمدىغاندۇ؟ قىسقىسى ئۇلاردا ۋېجدان بامىدۇ ؟ ئۇتتۇرسىدىكى ئاشۇ ئەسلىمىنىڭمۇ يۈزىنى قىلىپ قۇيمامدىغاندۇ ؟ بىر بىرنى ھاقارەتلەپ كىتىشلىرچۇ تىخى ، ئۇندا ئاتالمىش مۇھەببەتنى سۇرەپ چىقىپ مۇھەببەتنىڭ گۈزەللىكىنى، قىممىتىنى ، ئەرزىمەس نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ قۇيماسلىقىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن . يەنە ئۈزىنى ئۇيغۇر دەپ قارايدىغان ئۇيغۇر يىگىتلىرىگە شۇنى دىمەكچى ، ئەگەر سېز بىر قىزنى كۆڭۇل خۇش قىلىش ياكى مۇنداقلا ئارلىشىپ بىقىش، ياكى سۈپەتكە سۇيگەن بۇلسىڭىز،چۇقۇم ئارقىڭىزغا قاراپ قۇيۇشنى ئۇتۇتماڭ ، چۇنكى ئارقىڭىزدا بىرسى ئاچا-سىڭىللىرىڭىزنى خۇددى سېزگە ئۇخشاش كۇڭۇل خۇشى قىلىش،ياكى مۇنداقلا ئارلىشىپ بىقىش،ياكى سۈپەتكە سۇيگەن بۇلىشى مۇمكىن . سىز بىر قىزنىڭ سۇيگۆسىنى خارلاۋاتقان ئۇنى ئالداۋاتقان شۇنداقلا باشقا قىزلارغا ئاسانلا كۆڭۈل بىرىۋاتقان ۋاقتىڭىزدا يەنىلا شۇ ئاچا-سېڭىللىرىڭىزنى ئۇنۇتماڭ ، چۇنكى ئارقىڭىزدا بىرسى سېزگە ئۇخشاش ئاچا-سېڭىللىرىڭىزغا شۇنداق مۇئامىلە قىلىۋاتقان بۇلىشى مۇمكىن ، ئەگەر سېز بىر قىزنى مەڭگۈلۈك ھەمرا قىلىش ئۈچۈن سۇيگەن بۇلسىڭىز ئۇنداقتا ئۇنىڭ ئەخلاقىغا، ئۇزىنىڭ ئۇيغۇر قىزى ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىغا كۆپرەك كۈڭۈل بۈلۈپ قۇيۇڭ ،چۈنكى كىيىن مەردانە ئۇغلىڭىزنىڭ شۇنداقلا گۈزەل ئەخلاقلىق ئۇيغۇرلارغا خاس قىزىڭىزنىڭ بۇلىشى ئاشۇ ھەمراھىڭىزغا باغلىق . قىزىڭىزنىڭ قانداق بۇلىشىنى خالىسىڭىز شۇنداق قىزنى ھەمراھ قىلىڭ ، شۇنداقلا ھەمراھىڭىزنى ئاشۇنداق قىز قىلىپ ئۈزگەرتىڭ . چۈنكى ئۇيغۇر مىللىتىمىز ئاشۇنداق مەردانە يىگىتلەرگە ئىسىل،پەزىلەتلىك قىزلارغا مۇھتاج . ھەرگىزمۇ يا قىزبالىغا خاس ئالاھىدىلىكى بۇلمىغان يا ئۇغۇل بالىغا خاس ئالاھىدىلىكى بۇلمىغان ئۇغۇللارغا خاس مەردانىلىكىنى ، قىزلارغا خاس ئەخلاقىنى يۇقاتقان قىز ئۇغۇللارغا ئەمەس .قىز بالا بۇلساق قىز بالىدەك ياشايلى ئۇغۇللار بىزنى ھۇرمەتلىسۇن .ئۇغۇل بالا بۇلساق ئۇغۇل بالىدەك ياشايلى قىزلار بىزدىن ئەيمەنسۇن . بۇلمىسا مەن ئۇيغۇر دەپ ئۇيغۇر قىز-ئۇغۇللىرىنىڭ يۈزىنى تۈكۈپ نامىنى بۇلغىمايلى . ئاخىرىدا شۇ ئىسىمىزدە بۇلسۇنكى بىز ھامان بىر كۇنى ئۇلۇپ كىتىمىز ، شۇڭا ئۈتكەن كۆنىمىزگە ئۇرتەنمەيدىغان ھالەتتە ياشايلى ……!!!





187 قېتىم كۆرۈلدى ئ‍ەلفىرە ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-2-11 1:04:05  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-6-22 21:42:58 ئابلىمىت
بەك ياخشى يېزېپسېز بېز ئۇيغۇر ئ‍كەنلېكېمېزنې ئۇنتۇپ، كالماسلېكېمېز ئۇيغۇر قىز ئوغۇل لېرېمېزنېڭ يۇزېنې تۆكمەسلېكنې ئۇمۇد قېلېمەن@@@
2016-6-22 21:39:39 ئابلىمىت
بەك ياخشى يېزېپسېز
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ