سەنمۇ مىڭ ئانام

        سەن مىنىڭ ئانام

سەلىمە    

ئاچا،ساڭا چەكسىز مىننەتتارلىق ئىچىدە بۇ خەتنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن،ھېلىمۇ ئىسىمدە،سەن توي قىلىپ بىزگە كېلىن بولۇپ كەلگەندە مەن ئەمدىلا 9ياشتا ئىدىم ،سەن تولىمۇ چىقىشقاق يېقىشلىق مىھرىبان ئىدىڭ،ماڭا قەۋەتلا ئامراق ئىدىڭ،مەنمۇ ھەم ساڭا بىلىپ بىلمەيلا ئىجىل ئىدىم ،ئۇ ۋاقىتلادا ئاكام دائىم سىرتلادا خىزمەت قىلىپ ھەپتە ھەپتىلەپ قايتالمىغاشقا ئۇنداق كۈنلەردە مەن ساڭا ھەمراھ ئىدىم،توۋا دەيمەن نىمىلا گەپ قىلىپ بەرسەڭ شۇنچىلىك خۇشاللىق بېلەن ئاڭلايتتىم،بەزىدە قىزقارلىق گەپلەرنى قىلىپ كۈلدۈرسەڭ بەزىدە ئۆزۈڭنىڭ دادىسنىڭ بەك بۇرۇن تۈگەپ كەتكىننى دادا مىھرىگە قانماي چوڭ بولغىنىڭنى سۆزلەپ كۆز يېشى قىلاتتىڭ،مىنى ئەزەلدىن بۇ كىچىك بالا دىمەيتتىڭ ئاچىلىق مىھرىڭنى لايىقىدا بېرەتتىڭيۇ،ھەمسۆھبەت بولغاندا بىز تەڭ دىمەتلىك دوسلاردەك ماڭا باراۋەر مۇئامىلە قىلاتتىڭ ،بەزى ،مۇشۇ تەرقىدە يىل ئايلار ئۆتۈپ مەنمۇ چوڭ بولدۇم ،مىھرىمىز شۇنچىلىك چوڭقۇر ،بەزىدە ئانامغا دىيەلمىگەننگەپ سۆزلىرىمنى ساڭا كەڭ كۇشادە دەپ مەسلىھەتىڭنى ئالاتتىم،سەنمۇ ناھايىتى ئەتىراپلىق ئانالىز قىلىپ ماڭا پىكىر بېرەتتىڭ،شۇنداق كۈنلەردە سەن ئۇماق ئوغلۇڭغا ھامىلدار بولدۇڭ،ئۇزۇن،نەچچە يىل ھامىلدار بولمىغاشقا كۆڭۈل ئازارلىرىڭنى تەڭلىكلىرىڭنى ماڭا دەيتتىڭ،شۇڭا ھازىرقى بۇ كېلىش ئالدىدا تۇرغان ئۇماق مىھمىنىڭنىڭ خەۋرىدىن ھەممەيلەن ئالەمچە خۇشال ئىدى ،منىڭ خۇشاللىقىمغىمۇ گەپ كەتمەيتتى ،ئۇچاغلادا ئاكام ھاراقنى كۆپ ئىچىدىغان ھەتتا ئالغان ئايلقلىرى ئۆز ھارقىدىن ئاشماي ماگزىنلارغىمۇ ھاراق ئۈچۈن بوغۇلغان  بىر ھالەتتە ئىدى،ھامىلدارلىق مەزگىللىرىڭنى تۇغۇتلۇق ياتقان مەزگىللىرىڭنى ھەممىنى شۇنچىلىك غورگىل سېرىقتالچىلىقتا ئۆتكۈزدۈڭ،ئەمما ئەزەلدىن ۋايساپ باقمىدىڭ،ھەم بىزنىڭ چوڭ ئائىلىدىن ئايرىلىش خىيالىدىمۇ بولۇپ باخمىغان ئىدىڭ،ھەممە دەت ئەلەم جاپالىرىڭنى بىلگەشكە ساڭا بەكمۇ ئىچىم ئاغرىيتتى،ئەمما قولۇمدىن ھېش ئىش كەلمەيتتى،ئاكامنىڭ قۇلىقىغا بولسا تەربىيە كىرمەيتتى،بانالىرمۇ كۆپ ئىدى ،گەرچە ئۆز ئاكام بولسىمۇ ئازارلىرىڭنى جاپالىرىڭنى ئۆز كۆزۈم بېلەن كۆرگەشكە ئاكامغىمۇ ئۆش بوپ قاغان ئىدىم ،يىللا شۇنداق ئۆتتى شۇنداق جاپالادا بالاڭنىمۇ نەچچە ياشلاغا كىرگۈزۋالدىڭ،مەنمۇ بويۇمغا يىتىپ ياتلىق بولۇش ئالدىدا تۇراتتىم بىرياقتىن جىنىم ئانام بىرياقتىن ئۆز ئاچامدەك ئىجىل بوپقاغان ساڭا قىيالمىساممۇ ،قىزبالا ھامان ياتلىق بولىدىغان گەپكەن ياتلىق بولدۇم ،شۇنىڭدىن ئىتىبارەن بىز ئىگىركىدەك كۆپ مۇڭدىشالمىدۇق،ئەمما يەنىلا مىھرىمىز چوڭقۇر ئىدى،ئاكام بولسا ئۇزۇن مەزگىل ھاراقنى ئۈزمەي ئىشكەشكە ئىپىرتتىن زەھەرلىنىپ ھاراق ئىشمىسە كېسىلى تۇتىدىغان بوپ قالدى،كېسىلى تۇتسا ھېشكىمنى تونىماي ئۇرۇپ قوغلاپ تاكى باشقىلار ئەھۋالنى بىلىپ ئايرىپ ھاراق ئەكىرىپ بېرىپ ئىسىنى تاپقىچە تاتقان جاپا يىگەن تاياق،،…جىنىم ئاچا بىر ئۆشەڭ بىلەتتىڭ،شۇندىمۇ،سەن ئائىلەڭنى سۆيەتتىڭ تۈجۈپىلەپ ئۆي تۇتۇپ ئۆتەتتىڭ،سېنىڭ شۇ تەرەپلىرىڭدىمۇ،ئاياللىق خىسلىتىنى ئۆگەنگەن مەن،مەنمۇ ئانا بولدۇم ،كۆرشىدىغان ۋاقىتلىرمىز تېخىمۇ ئازلىدى ئەمما كۈلپەتلىرىڭ ئازلىمىدى،يا ھېشكىم تارتىشىپ بېرەممىدى،تالاي داۋالاتقىلى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ ھاراق تاشلاتماقچى بولدۇقيۇ ئەمما ھەممىس نۆلگە تەڭ بولدى،بالاڭ ئون ياشقا توشقان شۇ يىلى…ئاھ ئاچا ،…شۇ ئاكام ھارقنىڭ جىگەرنى زەھەرلىگەنلىگى سەۋەپلىك جىگەر قېتىش دەپ دئاگۇنۇز قويۇلدى،ئاكام كەتتى،…نىمە دەي سەن 10ياشلىق ئوغلۇڭ بېلەن تول قالدىڭ،ئارلاپ يوخلاپ مۇڭداشقاندىن باشقا ساڭا ھەم ئاكامنىڭ يۈرەك پارىسىگە ھېشنىمە قىلىپ بېرەلمىدىم ،ئاجىزكەنمەن نۇرغۇن ئىشلارنى قىپ بەرگىم بولسىمۇ ئامالسىز ئىدىم،ئۆزەڭ مىڭ مۇشەققەتتە شۇ ئۇماق ئوغلۇڭنى ئاتا ئانىسى باردەك شۇنداق ياراملىق تەربىيلىدىڭ،خىجىللىقتا ئاغزىمدىن چىقىرالمىساممۇ،ساڭا بەك قايىل بولاتتىم مىننەتتار بولاتتىم ،تۇرمۇشتا ئازار يىسەممۇ ئاتا ئانامنى ئاياپ ئۇلارغا گەپ قىلماي ،دەت ئەلەملىرىمنى ساڭا تۆكەتتىم،سەن بولساڭ ماڭا قايىلمقىلارلىق تەبىيە خىزمەت ئىشلەيتتىڭ بەك جايىللىق قىپ تۇۋاسام ئۆز تۇرمۇشۇڭنى نەقىل كەلتۈرۈپ،ئاياللاردا بولۇشقا تىگىشلىك چىدام غەيرەتكە ئۈندەيتتىڭ،ئاكام كەتكەن بولسىمۇ سەن ئەزەلدىن بىزدىن يىراقلىشىپ باقمىدىڭ،قايتا ياتلىق بولۇشنىمۇ ئويلاشمىدىڭ ئۇغلۇڭمۇ چوڭ بولۇپ ناھايتى ياخشى خىزمەت ئورنىغا چىقتىڭ،ھەممەيلەننىڭ زورى ھەم سالاسى بېلەن 2-قېتىملىق تويغا قوشۇلدۇڭ  ھەم ياتلىق بولدۇڭ ،تويۇڭدا ئۈن سېلىپ يىغلىغۇم كەلدى سەن ئەمدى مىنىڭ ئاچام ئەمەس خەققە مەنسۇپ بوپكەتكەندەك،كۆزلىرىمدە ياش ئويناپ تۇرسىمۇ كۈلۈپ تۇرۇپ سېنى ئۇزتۇپ قويدۇم ،توۋا ئاچا …بەزىدە قىسمەت ئادەمگە ناھايىتى ئېغىر چاخچاقلانى قىلىدىكەن ،تۇرمۇش قۇرۇپ 3يىل بولغاندا دەت ئەلەملىرىڭ يەنە يېڭىلىنىپ ھازىرقى يولدۇشۇڭدىن  تۇيۇقسىز قوزغالغان يۈرەك  كېسىلى تۈپىيلى ئايرىلدىڭ،سەن چاندۇرماسلىققا تىرشقان بولساڭمۇ تامامەن ئۆزەڭنى يوقاتقان ئىدىڭ،ئاق كۆڭۈللۈكۈڭ تۈپەيلى دائىم ئۆزەڭنى ئەيىپلەيتتىڭ،مەن مۇشۇنداق بىر ئايال مەن كىمگە تەگسەم شۇ ئۆلۈپ كېتىدۇ،ئەمدى بىر ئۆمۈر مۇشۇنداق ياشايمەن دەپ يىغلايتتىڭ،ئۆزەڭنى ئوڭشىۋېلىشىڭغا نۇرغۇن ۋاقىت كەتتى ئەمما كۈلۈپ يۈرسەڭمۇ ،كەينى كەينىدىن ئۆمۈر ھەمرايىدىن ئايرىلىش بىر ئايالغا ئوڭاي توختايدىغان ئىش ئەمەس،بۇنى يۈرىكى با ھېس تۇيغۇسى جايىدا ئادەم بولسا چۈشىنىدۇ،مەنمۇ تۇرمۇشتائاز بولمىغان ئازارلارنى يىدىم دەتلەرنى تاتتىم ،ئەمما شۇنداق كۈنلەدە ئۆز ئەلەملىرىڭنى ئۇنتۇپ ماڭا تەسەللى بەردىڭ،بىر كۈنى ئۆيۈڭگە بېرىپ ،قوندۇم قانغۇدەك مۇڭداشتىم ،ئىككىمىز ھېلى يىغلىشىپ ھېلى كۈلىشەتتۇق گەپ ئارلىقىدا ئۆز دەردىڭنى سۆزلىگەش ماڭا ئۆزەڭنى تاشلاپ مەن ساڭا بەك ئامراق مىەن بەكمۇ غېرىپ كۆلۈم بەك سۇنۇق جىنىم سىڭلىم …جىنىم قىزىم جىنىم بالام مىنى تاشلىۋەتمىگىن ،سەندىن بەك سيىنمەن دەپ يىغلاپ كەتتىڭ ،يۈرۈكۈم ئاغرىپ كەتتى،يىغلىشىپ تۇرۇپ ساڭا ۋەدە بەردىم سىنىنمەڭگۈ تاشلىۋەتمەيمەن دەپ سەن يەنە بالاممۇ يالغۇز مەنمۇ شۇ مىنى تاشلىما دەپ تەكرار دەپ كەتتىڭ،ۋەدە بەردىميۇ يەنە يىغلىشىڭدىن قورقۇپ ئارتق گەپ قىلاممىدىم  باشقىلار كېلىن بېلەن قېينى سىڭىل ئەپ ئۆتەممەيدۇ دىيشىدىكەن ،ئەمما شۇنداقلاغا سىنى ئۆزەمنى نەقىل قىغۇم كېلىدۇ،ياخشى ئۆتىمەن دىسىلا ئۆتكىلى بولدۇ چۈنكى ھەممىمىز ئاجىز ئەمەسمۇ،ئاچا قىسقارتىپ يازاي دىسەممۇ …گىپىم تۈگەيدىغاندەك ئەمەس،تۇرمۇشتا نۇرغۇن يوقنىڭ دەردىنى تارتتى يولدۇشۇمغا ۋايسىدىميۇ سىنىڭ تەربىيلىرىڭ ئەمىلىيتىڭ مىنى چىدام غەيرەتكە دالالەت قىپ كەلدى مەندە ھەممىگە چىدايدىغان ،تىرشىىدىغان بىرخىل خىسلەت تەبىلا شەكىللەندى،چۈنكى سەن ماڭا ئەمىلى جانلىق دەرىس ئىدىڭ،ئاچا گىپىمنى قىسقارتاي،…سەن ھاياتتا ھەمشىرەم مۇڭدۇشۇم ،ئىشەنچىلىك تەربىيچىم ساڭا دەيدىغنىم تىنىقىملا بولسا سېنى ھرگىز تاشلىۋەتمەيمەن ،چۈنكى ماڭا نىسبەتەن ئاچىلا ئەمەس مىھرىبان ئانا…ئاچا ۋەدە بېرەي سېنى مەڭگۈ تاشلىۋەتمەيمەن ئاخىرقى تىنىقىمىزغىچە ئايرىلمايمىز سەن ئاچام ئەمەس ئانام  مىنىڭ ئىككى مىھرىبان ئانام با دەپ خۇشال ياشايمەن ئاچا…ئىشەنگىن سەنمۇ مىنڭ ئۆز ئانام،


      مۇھەررىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى 

  • ئۈندىدار : 2041420589

  • تەكلىپ : ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىنسا ، ئەسەر تىلى سەل ئاددىي 


     





332 قېتىم كۆرۈلدى aslima ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-5-31 0:49:30  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ