قەبرىستانلىقتىكى ئانامغا (ئەدەبى سالام خەت) - باھارگۈل مەمەت

قەبرىستانلىقتىكى ئانامغا (ئەدەبى سالام خەت) 

 باھارگۈل مەمەت 


  مېنى قولىغا قەلەم ئالدۇرغان، قەلىب بۇلقىمدىن ئۈنچىلەرنى چاچقۇزغان ، ئانا يۇرتۇم پەيزىۋاتنىڭ ساپ ھاۋاسىدىن قېنىپ-قېنىپ نەپەس ئالغان،ئەمما قىممەتلىك ھاياتى قىسقا كىلىپ ،بۇ يۇرۇق دۇنيادىن ۋاقىتسىز خوشلاشقان ، مېھرىبان ، كۆيۈمچان ،جاپاكەش ئانامغا ،سىزنى سېغنىپ چىرايلىرى كەچكۈزدىكى يوپۇرماقلاردەك سارغايغان سىز ئەڭ ئامراق قىزىڭىز باھارگۈلدىن سېغنىپ ئوتلۇق سالام !!

ئەسسالام پەرزەنىت ئوتىدا كۆيۈپ، سۈيىدە ئاققان،ئەسسالام بارلىقنى پەرزەنتىنىڭ بەختى ھەم تەختى ئۈچۈن ئاتىۋەتكەن ،ئەسسالام پۈتۈن دۇنيانى ئۆزىنىڭ مېھرى ھەم چېھرى بىلەن يۇرۇتقان «بىر دانەم» ئانا،ئەھۋالىڭىز ياخشىمۇ ؟بوۋا-مومىللىرىمچۇ ؟ياخشىدۇ ؟ ھەقاچان مەندىنمۇ ئەھۋال سورايسىز ھە؟! مەنمۇ ئۆيدىكلەرمۇ ،يۇرت-مەھەلىمۇ سالامەتچىلىك ،لېكىن سىزنى شۇنچە-شۇنچە سېغىندۇق...

     بىلەمسىز ئانا، سىز كەتكەندىن بېرى ،ئۆلۈم-يىتىم ،توي -تۆكۈن ۋە باشقا يىغلىشلاردا  ،ئاشۇ مېھرىبان ئانىلار قاتارىدىن سىماسىڭىزنى ئىزلىدىم ؛كوچىلاردا باللىرنى ئەركىلتىپ ،پىشانىسىگە سۆيۈپ بىللە مېڭىۋاتقان پەرىشتىلەر قاتارىدىن سىماسىڭىزنى ئىزلىدىم؛پەرزەنىتلىرى يىقىلغاندا قولىنى سوزغان ،پەرزەنىتلىرىنىڭ قەلبىگە مەغلۇبىيەت ئوقياسى سانجىلغاندا ،جىسمىدىكى ئىبرەت قالقىنىدا توسقان ئاشۇ  قەيسەر ئانىلار قاتارىدىن سىماسىڭىزنى ئىزلىدىم ؛كېچىللىرى ئاي يۇرۇقىدا ھال-مۇڭ بۇلۇۋاتقان ،كۈلكە- چاقچاقلىرى بىلەن زېمىستاننى باھارغا ئايلاندۇرۋاتقان خىزىر سۈپەت ئانىلار قاتارىدىن سىماسىڭىزنى ئىزلىدىم…… 

     كىم دېگەن بولغىيتى :«ۋاقىت ھەممىنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ »دەپ. بۇ ئادەم خاتا دەپتۇ ھەئانا؟!بەلكىم ۋاقىت ھەممىنى ئۇنتۇلدۇرۇشقا قادىردۇر،لېكىن ئانىنىڭ پەرزەنتىگە بولغان مېھرىنى مەڭگۈ ئۇنتۇلدۇرالمايدىكەن .نېمە ؟!نېمىشقا دەمسىز ؟!چۈنكى—ۋاقىت ئۆتكەنسىرى سىزنى تخىمۇ سېغنىۋاتىمەن .پۈتۈن خىيالىمدا سىز:

بازار ئايلانسام، سىزگە ماس كىلدىغان كىيىملەرنى كۆرسەم،ئانام بولسا كىيەتتى ھە! دەپ ،ئۇ كىيىمنى سىيلاپ كېتىمەن؛كوچا ئابتۇبوسلىرىغا چىقسام ،سىز بىلەن تەڭ دېمەتلىك ئانىلارنى كۆرسەم ،ئانام بو لسا ،بىللە ئولتۇرۇپ پاراڭلاشقاچ مەنزىلىمگە  يەتسەم  دەپ ئويلاپ كېتىمەن ؛ئۆيدە سىز ئامراق تاماقلارنى ئەتكەندە ،ئانام بولسا بىر پىيالە ،ياق بىر قوشۇن بولسىمۇ يىۋالسا دەپ خىيال قىلىپ كېتىمەن؛يەنە سىز ئۆز قۇلىڭىز بىلەن ئۆستۈرگەن ئۇزۇن چاچلىرىمنى تارىغىنىمدا ،ئانام بولسا  ،چاچلىرىمنى تاراپ،ئۇششاق ئۆرىسە،مەن قۇچقىدا ئەركىلەپ  دەقىقە بولسىمۇ  يېتىۋالسام دەپ شېرىن خىياللارنى سۈرۈپ كېتىمەن .

ئىشقىلىپ ئوتىڭىز بەك يامان ئىكەن، چىدىمىدىم ،قانداق قىلاي سىزنى سېغىنسام ؛شۇ ئۇنى -بۇنى خىيال قىلىپ سېغىنىش ئوتىمنى ئازراق بولسىمۇ ئۆچۈرەي…………………

   ھە راسىت ئانا،قايسى كۈنى ئاكام ئىشتىن چۈشۈپ بارىمىز دىگەنىدى، مەنمۇ بالدۇرلا ئىشتىن چۈشۈپ  ھەممىمىز ئامراق چۆچۈرە ئىتەي دەپ   تەييارلىق  قىلۋاتاتتىم .تۇيۇقسىز ماشىنا سىگنال بەردى،چىقىپ قارىسام ،ئاق رەڭلىك ماشىنا ئىشىك ئالدىدا توختىدى. كىمدۇ دەپ قاراپ تۇرسام ،ماشىننىڭ ئالدى ئۇرۇندۇقىدىن  ئاكامنىڭ ئوغلى :«ئاچا ، ئاچا » دەپ كەڭ قۇچاق ئېچىپ كەلدى. بۇ ھلقى سىزگە گېپىنى قىلىپ بەرگەن ،سىز يۈزىنى كۆرەلمىگەن ئاكامنىڭ ئوماق ئوغلى .ھازىر گەرچە يېزلاردا ماشىنا ئومۇملىشۋاتقان بولسىمۇ ، ئاكام  مېنى، ئىنى-سېڭىللىرىمنى ئالى مەكتەپتە  ئوقۇتىمەن ھەم ئۆينىڭ  ئېغىر-يىنكىنى كۆتۈرمەن  دەپ ماشىنا ئالمىغان ئىدى.  مانا ئەمدى سىزنىڭ ئازۇيىڭىز بويىچە ئاق رەڭلىك ماشىنا ئاپتۇ، ئاكام بەلكىم سىز بۇرۇن دىگەن:«بالام،ياخشى ئوقۇپ ئەنە ئاشۇنداق ئاق ماشىنا ئېلىپ ،مېنى ساياھەتكە ئېلىپ چىقىڭلار» دىگەن سۆزىڭىزنى ئىسىدە ساقلىغان ئوخشايدۇ.

ھەش-پەش دىگۈچە ، جەم بولۇش تامىقىنى يەپ تاقايدىغان ۋاقىت بولدى .ئاكاملار كىتىدىغان چاغدا :«ئاكا ، ئاق يول بولسۇن »دېدىم.بەلكىم سىزمۇ بولغان بولسىڭىز « بالام ، ماشىنىنى ئاستاراق ھەيدىگىن ،ئاق يول بولسۇن »دەپ   پىشانىسىگە  سۈيۈپ كىتەتتىڭىز ھە ئانا،ئىشقىپ ،دادام ئىككىمىز   يوقلىقىڭىزنى  چاندۇرمىدىم  جېنىم ئانا.

     جېنىم ئانا ، سىزگە كۆڭۈل سىرلىرىمنى ئېيتىپ خېلى يىنىكلەپ قالدىم ،يەنە سىزگە دەيدىغان تۈگىمەس يۈرەك سۆزلىرىم بار ئىدى،كەچتە يەنە قەلىب دۇنيارىمدا سىردىشامەن ، تەربىيەلىك ھېكمەتلىرىڭىزنى  ئاڭلامەن ؛گەرچە سىز بولمىسىڭىزمۇ ،قەلىب ئېتىزىمغا تېرىغان« ئەخلاق گۈللىرىڭىز»نى ئاسرايمەن ،سىز مېنىڭ شۇنداقلا ھەممىمىزنىڭ مەڭگۈلۈك يول باشچىمىز،ھاياتلىق يولىمىزنى يورىتىدىغان چولپان يۇلتۇزىمىز ...

     ئانا !ياتقان يىرىڭىز جەننەت بولغاي !!؟؟

           سىزنى سېغىنىپ يۈرەك پارىڭىز:باھارگۈل






222 قېتىم كۆرۈلدى باھارگۈل مەمەت ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-28 1:02:51  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ