ھەربىر ئۇيغۇرۇم كۆرگىچە تارقىتىڭ

ھەربىر ئۇيغۇرۇم كۆرگىچە تارقىتىڭ

 

گاھى كىشىلەرنىڭ باشقا مىللەتلەر توغرىسىدا ئۇلارنى ماختاشلىرى، مەسلەن: يەھۇدىيلار بالىنى بالىنىڭ قىززىقىشى بويچە قويۇپ بىرىدۇ. بالىنىڭ ئارزۇسىنى ھۆرمەت قىلىدۇ يەنە ئۇنداق بۇنداق تەربىيلەيدۇ شۇڭا نوبىل مۇكاپاتىغا ئىرىشكەنلەرنىڭ ئونيەتتە پىرسەنتى يەھۇدى، ئامىركىدىكى مىليادىرلارنىڭ ئۈچتىن بىرى يەھۇدى. ياپونلار قىزلىرنى ئوقوتۇپ خىزمەتكە چىقارماي ياتلىق قىلىپ بالا تەربىيلىتىدىكەن، بىز ئوغوللارنىلا تەربىيلەيمىز دىگەندەك ماختاش ۋە قاقشاشلىرى ياخشى نىيەتتىن. ئۇلار شۇ ۋەتەن خەلىقنى تەرەققى قىلسا دەپ قاقشايدۇ.

بەلكىم سز ھەممە مىللەتتىن ياخشى يامان تەربىيلەش بار دەيسز لىكىن بۇ پەقەت رىغبەت ۋە ئۈلگە. بەلكىم سزنىڭ دىندارلىقىڭىز كۈچلىنىپ يەھۇدىينى دورامدۇق بىزگە بىزنىڭ كىتاپتىكى ۋە ئۆرپ ئادەتلىرمىز يىتەرلىك دەيسز. لىكىن سز ياراتمايۋاتقان شۇ يەھۇدىيلارنىڭ بالىغا كىتاپنى قانچىلىك موھىم بىلدۈردىغىننى بىلەمسز؟ ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقىغا يىتەلەمسز؟ سزنىڭ بالىڭىز تىلۋۇزۇرغا قاراپ كۈن ئۆتكۈزدۇ ئاندىن يەسلىگە بارىدۇ. شۇ نەچچە يىل ئارلىقتا يەتتە ياشقا كىرگەن بالىڭىز ئۆيدە سزدىن قانچىلىك نەرسە ئۈگەندى؟ ساناشنى ئۈگىتىسز بىردىن ئونغىچە، بەزى ناچار ئاتا ئانىلار تىللاشنى ھەم ئۈگىتىپ ئۈلگۈردۇ.

باشقا مىللەتنى باشقا مىللەت بەكرەك چۈشىنىدۇ. بىز خۇددى قۇدۇقتىكى پاقىدەك ئازلا يوروقلوقنى كۆرەلەيمىز. چۈنكى بىزنىڭ ئاياللىرمىز، خوتونلىرمىز ۋە قىزلىرمىز ياخشى تەربىيلەنمىدى. بىز ئوغول ئوقويدۇ دەپ قارىدۇق، قىزلارنى ئوقوتقاندىمۇ ئۇلارنى باشباشتاق ( ئۆزى نان تىپىپ يەپ ئەرنىڭ قولىغا قارمايدىغان ئوقوپ كىيىن خىزمەتكە چىقىدىغان) ھالەتتىكى بىر بۆلۈك ھازازۇللارنى ئوقوتتۇق. مەكتەپتە بەزى شۇنداق ئائىلدىكى مەسئۇليەتسز ھازازۇل ئوقوتقۇچىلارنىڭمۇ قىز ئوقوغوچىلارغا بولغان تەربىيسى شۇنداق بولدى ئۇلار: « ياخشى ئوقوپ خىزمەتكە چىقساڭلار ئەرنىڭ قولىغا قارمايسىلەر، بىر ئۆمۈر قازان بىشىدا پىرقىراپ بالىنىڭ غەلۋىسنى بىسىقتۇرۇپ ئۆتەمسىلەر »دەپ ئۇلارغائەرگە زىت قاراشتا بولغان ئائىلگە مىھىر ۋە مەسئۇليەت قارشى سۇسلاشقان ھالەتتە تەربىيلىدى ۋە شۇنداق ئاياللار توپى بارلىققاكەلدى. شۇنىڭغا ماس ھالدا ئايالىنىڭ قولىغا قارايدىغان، ئۆزى تىپىپ قامدىيالمايدىغان تاپقان تەرگىنىنىڭ بەركىتى يوق دەيۈز ئەرلەر ھەم ئاتا بولدى.

ئەسلى ئانىلار بالىلارنى تەربىيلەش ئۈچۈن ئۇقۇيتتى . ئەگەر ئانا بالىنىڭ تۇنجى ئوقوتقۇچىسى بولوش سۈپىتى بىلەن بالىغا ئۈلگە بولوپ بىلىمغا ھىرىسمەن، كىتاپقا ئامراق، زىرەك تەربىيلىمىسە ئەكىسچە قىزىغا گىرىم قىلىشنى، ئوغلىغا تىلۋۇزۇرغا قاراپلا ئولتۇردىغان گوموشلۇقنى سىڭدۈرسە بالا چوڭ بولوپ يارماس ناچار كىشىگە ئايلانسا بۇ ئاتا ئانىنىڭ سەۋەبى ئەمەسمۇ؟ توغرا ئىنساپنى تەڭرى بىرىدۇ لىكىن ئاتا ئانا بالىغا ئىنساپنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى، ۋەتەن خەلىققە قانداق بولوشى كىرەكلىكىنى بىلدۈرشى كېرەك، خۇددى ئاشۇ يەھۇدىيلاردەك، ياپون ئالۋاستىلىردەك.

بىز باشقا مىللەتلەردىكى شۇنداق كىشىلەرنى مىسال ئىلىپ تۇرۇپ ئۈلگە قىلمىساق ئاۋۇ مەھەللىدىكى ئايشەمخان بالىنى ئۇنداق باقىدىكەن دىسە بىزنىڭ قاشاڭ خوتۇنلىرمىز ئىرى ئانداق مانداق قىلىپ بىرىدۇ دىيىشتىن يانمايدۇ چۈنكى ئۇمۇ ئوقىمىغان نادان. ھەقىقەتەن ئايال كىشى قەۋىمگە تەسر كۆرسىتىدۇ. بۇ نۇقۇل ئائىلدىكى مەسئۇليەتنى ئايالغا ئىتتىرىپ قويغانلىق ئەمەس لىكىن ئايالدىمۇ ئۆزىگە لايىق مەسئۇليەت بولشى كىرەكتە. ئەر يىرىم خۇدا، ئايال ھەم يىرىم دۇنيا. ئەرنىڭ باشقۇرشىغا بويسۇنمىغان ئايال بالىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟ ئەگەر بالا قىز بولسا ئۇ ئانىدىكى ھاكاۋۇرلۇق، باشباشتاقلىقنى ئۈگىنىدۇ. ئايال كىشى ئايىلىشى ۋە ئۆزىنى ئايىشى كىرەك ئىدى. ئۇ ئۆزىنى ئەر قىلغاننى مەنمۇ قىلالايمەن دەپ مەيدىسىگە ئۇرماسلىقى كىرەك ئىدى. ئۇنىڭ مەيدىسىدە بالىغا بىرىدىغان ئانا سۈتى بار ئىدى. جار سىلىش، مەيدىگە ئۇرۇش ئۇنىڭغا ياراشمايتتى. ھەركىم ئۆزىنىڭ لايىق ئورنىدا ۋەزىپىسنى ئادا قىلىشى كېرەك ئىدى. شۇنداق بولغاندا ئائىلە ئىناق بولاتتى، بالا ياخشى تەربىيلىنەتتى، ئەنە بىز ماختىغان ياپون ئاياللىرى يەھۇدىي ئاياللىرىدەك بىزنىڭ ئاياللىرمىزمۇ ھۆرمەتكە سازاۋەر بولوپ دۇنيانى تەۋرىتەتتى. بۆشۈك تەۋرەتمىگەن، مىھىر بىلەن مەسئۇليەت بىلەن تەۋرەتمىگەن ئانا دۇنيانى تەۋرىتەلمەيدۇ ئەلۋەتتە.

قەلەمدە: ئىمران مۇراتۇف





1303 قېتىم كۆرۈلدى ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-9 14:48:50  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-9-22 11:21:22 ياسنجان
تېخمۇ،مۇشۇنداق ياخشى ئ‍ەسەرلەرنى كۆپرەك يېزشڭىزنى ئ‍ۈمۈت قىلمەن؟ قېرندشم
2015-9-20 17:26:54 ئ‍ارزگۈل
رەھمەت سىزگە ،ناھايىتى ياخشى بولۇپتۇ، شەخسەن مەن شۇنداق ياختۇردۇم، تىخىمۇ نادىر ئەسەرلەرنى يىزشڭىزنىيىزشڭىزغاغا تىلەكداشمەن
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ