دوستۇمنىڭ نەسىھىتى

سىز ئۆزىڭىزنى چۈشىنىڭ ،ئۆزىڭىزنى كونتىرول قىلىڭ! خىيال قىلىڭ، ئەمما يامان ناچار قۇرۇق خىياللانى ئەمەس بەلكى ياخشى راستقا ئايلاندۇرغىلى بولدىغان گۈزەل خىياللانى قىلىڭ !

تىرىشىڭ تىرىشقاندا ناھايتى قاتتىق تىرىشىڭ ،ئويناڭ ئوينىغاندا قاتتىق ئويناڭ بۇ دىگىنىم تېلفۇن ،ۋېيشىن ئەمەس ئاداشلىرڭىز ھەم ئۇكىلىرىڭىز بىلەن ئويناڭ !ئۈگەنگەندە قاتتىق ئۈگىنىڭ، ھېشنىمىنى ئويلىماي ئۈگىنىشنىلا ئويلاپ ئۈگىنىڭ !مەقسەت ئاۋۇتۇش ئەمەس ئۇنى مۇكەممەل ئۈگىنىڭ كەينىڭىزنى ھەم تەكرار قىپ تۇرۇڭ ،قانداق قىلغاندا تىرىشقىلى بولدۇ ؟

ئىزدەنگەندە تەپەككۇر قىلىش ئارقىلىق بۇھايات پۇرسىتىنىڭ، تىنىقىنىڭ ئىككىنچى قېتىم پۇرسىتى ئىكەنلىكىنى يىس قىلغاندا ئادەم ھاياتىنى ئىزدىنىشكە تىرىشىشقىلا تەپەككۇر قىلىپ ئەڭ، ياخشى ئىنسان بولۇش ئۈچۈن ياشاشقا ئاتايدۇ .شۇنىڭ بىلەن بىرگە قاتتىق تىرشالايدۇ .تىرشىشنى ھازىردىن باشلاڭ !ھەرگىزمۇ ئەتە ھېلى ياكى بىردەم تۇرۇپ دىمەڭ چۈنكى بىردەمدىن كىيىن نىم بولدۇ بۇ نامەلۇم .

ئىشىڭىزنى ياخشى قىلىڭ باشقىلارمۇ ئۈزىڭىزمۇ، مەنمۇ ھەم شۇندا قىلشىڭىزنى ئۈمىد قىلمەن . ھەرگىز بىكار قامماڭ ئۈگىنىڭ ، تىرشىڭ كىتاپ ئوقۇڭ خەت يېزىڭ ،ئىزدىنىڭ تەپەككۇر قىلىڭ ! ئۆيدىكىللىرىڭىز بىلەن پىكىرلىشىڭ ، دوسلىرىڭىز بىلەن مۇڭدىشىڭ ، كىنو كۆرۈڭ ئىشقىپ بىكا تۇرماڭ خام خىيال قىپ سالسىز ! ھەقىقىي مەننى يەنى ئۈزىڭىزنى بىلىڭ ھەم تونۇڭ ، ئۈزىڭىزگە يۈز كىلەممەيدىغان ئىشنى قىمماڭ ،شۇندا قىلىش ئۈچۈن خۇشال ياشاڭ سىز ھاياتنى تونۇڭ ھەم چۈشىنىڭ ئۇ توغرىسىدا ئىزدىنىڭ! تىنىقىڭىزنىڭ، نەپسىڭىزنىڭ سىرىنى ئىزدەڭ! شۇ چاغدا بىكا تۇغىڭىز كەممەيدىغان ھەر قەدەملىرىڭىزدە ئويلىنىدىغان ھەتتا نەپەس ئېلىش ئۈچۈنمۇ قورقىدىغان بولسىز ھەم مەندەك ئالدىراش بولىسىز ۋاقتىڭىزنى ئۈزىڭىزنى ئىسراپ قىلماڭ ، چۈشەندىڭىزمۇ !

ھاياتقا باقمىسىڭىز ھايات قالاممايسىز ، ئىرادىڭىز بولمىسا نەتىجىڭىز ئۈلۈم ! ئېرىنچەك بولماڭ بۇ تىرىشچانلىقنڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى ھەم قاتىلىدۇر ! يەنە دىسە يەنە شۇ ئارزۇ-ئارمان نشانلا ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تىرشىڭ ئىزدىنىڭ تەپەككۇر قىلىڭ. بۇ ھاياتنىڭ دۇنيانىڭ سىرىنى بىلىڭ شۇ چاغدا سىز مۇكەلسىز ھەممىنى تونىغان چۈشەنگەن ۋاقىتتا سىزئۇيقىدىن غەپلەتتىن ھەتتا قايتا تۇغۇلغاندەك ھىسياتقا كېلىسىز .سىز ھازىر كېچىكمىدىڭىز ئەمسى ئەمدىدىن باشلاپ تىزلا ھەركەتكە كېلىڭ ماقۇلمۇ ؟ قىسقىسى ياشاشنى كېچىكتۈرمەڭ ! مانا بۇ دوستۇمنىڭ مىنى ئويغاتقىنى ھەم ماڭا بەرگەن ئەڭ ياخشى سوۋغىسى دۇر دوستۇم سىزگە ئامانلىق ئىشلىرڭىزغا ياخشىلىق بەركەت ھەم ئوڭۇشلۇق تىلەيمەن ئاخىردا بارلىقلارغا دەيدىغىنىم غەپلەتكە پېتىپ قامماڭ سىزلەرمۇ تىز ھەركەتكە كېلىڭ ! بۇ ھەقىقى نەسىھەت !! blue eye دىن





317 قېتىم كۆرۈلدى muhabbat ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-5-23 13:36:50  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-7-13 23:37:45 پەرىخە
مىنىڭمۇ مەن ئۈچۈن مۇشۇنىڭغا ئوخشاش كۆيۈنۈپ نەسىھەت قىلالايدىغان ياخشى دوستۇم بولغان بولسا نىمىدىگەن ياخشى بولاتتى-ھە؛
2016-5-27 14:48:24 ئارمان
بۇ دوستىڭىز بەك ياخشى دوستكەن تېخىمۇ تىرىشىڭ
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ