ئاددى ھىكمەتلەر - ئەرشىدىن مەخمۇت

 ئاددى ھىكمەتلەر  

 ئەرشىدىن مەخمۇت  ئەرش 
                   

ياشلىقتا ئۈگەنگەن نەرسەڭ،ئەقلىڭدە قالىدۇ.
قىرغاندا ئۈگەنگەن نەرسەڭ،تىلىڭدا قالىدۇ.

ئىلىكتىرۇنلۇق نەرسىلەرگە،توك سەرپىياتى لازىم بۇلغاندەك،ئىنسانىيەتكىمۇ، ئىلىم زۈرۈرىيەت ئامىلى بىلەن،ئەقىل-ئىدراكقا يۈكلىنىدۇ.

مەغلۇبىيەت -ھەمكارلىقتىن قورقىدۇ.

زىرائەتلەرسۇ بولغاندىلا كۆكىرىپ تۇرغاندەك، ئىنسانىيەتمۇ ئىلىم ئېلىپ تۇرغاندىلا كۆكىرىپ تۇرىدۇ.

تەننىڭ ئاجىزلىشىشى كېسەللىكتىن بولسا، روھنىڭ ئاجىزلىشىشى، بىلىمسىزلىكتىن ئىبارەتتۇر.

بىر ناتىقنىڭ سۆزلىرىدىن ، ئۇنىڭ بىلىمىنىڭ نەچچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايسەن. چۈنكى بىلىم ئۇنى ھەرىكەتلەندۈرىدۇ.

پىششىققان مېۋىنى بىر ئىلىم دېسەك، ئۇنى ئۈزۈپ يېيىشنىڭ ئۆزى، تەپەككۇر دىيىلدۇ.

دانالىق سۆزلىرىنى چۈشىنىش،ئۇ كىشىنىڭ دانالىقى.
     





311 قېتىم كۆرۈلدى arxidin ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-3 14:02:17  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-11-14 10:52:20 tulan
ياخشى يېزىپسز 🌹
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ