دادامغا سۆز - زەينۇرە رەھمۇتۇل

دادامغا سۆز 

ئاپتۇرى:   زەينۇرە رەھمۇتۇل


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  :قەدىردانىم مىھرىبانىم دادا ئۇماق مەلىكىڭىز بىردانە قىزىڭىزدىن سىزگە ئوتلۇق سالام، جىنىم دادا سىزنى شۇنداق سىغىندىم گەرچە چىرايىڭىزنى ئەسلىيەلمىسەممۇ مىھرىڭىزگە قانالماي چۇڭ بۇلغان بۇلساممۇ ، يەنىلا سىزگە بۇلغان مىھرىم سىغىنىشىم كۈندىن كۈنگە كۈچىيۋاتماقتا ،
دادا بىلەمسىز؟ كىچىكىمدىن سىز يۇق يىتىمسىراپ شۇنچە كۈڭۈلسىزلىكلەر ھەم جاپائىچىدە  چۇڭ بۇلدۇم سىزنى سىغىنىش ئەسلەش ئىچىدە كۈنلۈرۈمنى ئۆتكۈزدۈم ،مانا شۇنداق كۈنلەرنى بىشىمدىن ئۆتكۈزۈپ 20 ياشقا كىرىپ قاپتىمەن ،ھەپەش دىگۈچە مەنمۇ بىر بالىنىڭ ئاپىسى بۇپقالدىم ئەپسۇس دادا شۇ پەرزەنتىمنى ئۆزۈمگە ئۇخشاش دادا مىھرىدىن مەھرۇم قىپقۇيدۇم ئۇنىمۇ ماڭا ئۇخشاش يىتىملىق سەپىرىگە ئەكىرىپ قۇيدۇم ،
جىنىم دادا بۇ يىتىملىك دادا سىزلىق مەن بىلەن تۈگەپ كەتمەي پەرزەنتىمگىمۇ قالدى ؟ مەنغۇ كىچىكىمدىم دادا ئاپا  مىھرىگە قانالماي چۇڭ بۇلدۇم لىكىن پەرزەنتىمنى ئانا مىھرىگە قاندۇرۇپ يىنىمدىن ئايرىماي چۇڭ قىلىمەن دەيمەنۇ يەنىلا شۇ دادامىھرىگە ئىنتىلىشلىرىدىن شۇ دادا دەپ چۈچۈك تىللىرىنىڭ سۆزلەشلىرىدىن يۈرۈكۈم ئاغرىپ كىتىدۇ ،ئەينى چاغدا مىنىمۇ شۇ بۇۋاققىنە تاشلاپ بۇدۇنيادىن ئايرىلغىنىڭىزدا ئاپاممۇ مەندەك ئازاپلانغان مىدۇ؟ مىنىڭ دادا دەپ تىللىرىم چىقىپ سۆزلىگەنلىرىمدە ئاپاممۇ يۈرىكىنى تۇتۇپ ئۆكسۈپ يىغلىغانمىدۇ؟
مەنغۇ سىزدىن ئامالسىز مەڭگۈلۈك ئايرىلدىم لىكىن مىنىڭ پەرزەنتىمچۇ تىرىك يىتىم بۇلدى، دادىسى باتۇرۇپ ئۇنىڭ مىھرىدە قۇچىقىدا چۇڭ بۇلالمىدى، جىنىم دادا ماڭە دەڭە قىنى بۇنىڭغا مەن سەۋەپچىمۇ ياكى بۇمۇ بىر تەغدىرمۇ ؟ كاشكى سىز بۇلغان بۇلسىڭىزچۇ ئۇماق نەۋرىڭىزنى قۇچىقىڭىزدا ئەركىلتىپ دادامىھرىڭىزنى بىرىپ باقاتتىڭىز دادا نىمىشقا بۇ يىتىملىك مەن بىلەنلا تۈگمەيدىغاندۇ؟ شۇ ئۇماق نارسىدە بالامنى يىتىم قىلماسلىق ئۈچۈن شۇنداق تىرىشتىم بەك بەك كۆپ قۇربانلىقلارنى بەدىم يەنىلا بۇ تەغدىردىن بالامنى تاتاممىدىم ، جىنىم دادا سىزنى بەك بەك سىغىندىم قىزىڭىزنىڭ يۈرىكىدىن قان ئىقۋاتىدۇ، كۆزىدىن ياش تۇختىماي ئازاپ ئىچىدە ئىڭراۋاتىدۇ ، دادا مىنىڭ بۇ يۈرۈكۈم پۇچۇلنۇپ تۈگۈشۈپكەتتى مەن ھازىر قىلنىڭ ئۈستىدە ياشاۋاتىمەن شۇ پەرزەنتىمنى ئانا مىھرىدىنمۇ ئايرىپ قۇيۇشتىن قۇقۇپلا كۈن ئۆتكۈۋاتىمەن ، مەيلى نىم كۈن كۆسەم شۇ پەرزەنتىمنى ئانا مىھرىگە بۇلسىمۇ قىنىپ چۇڭ بۇلسۇندەپ قانداق قىلسام قىلىپ ئۆزۈم بىقىپ كىتۋاتىمەن مىڭ شۈكۈرلەر بۇلسۇن ،رىزقى ئۈزۈلۈپقالماي چۇڭ بۇلۋاتىدۇ ، قانچىلىك جاپا تاتساممۇ چىدام يۈرۈپ بۇنىمۇ يىشىغا يەكۈزەي دەپقالدىم ،دادا سىز يۇق بۇ كۈنلەرگە سەبىرقىلماق بەك تەسكىلۋاتىدۇ ،يىىنىمدا يۈلەنگۈدەك يۈلەنچۈكۈم يۇق بەك قىينالدىم جىنىم دادا سىزنى شۇنداق سىغىندىم شۇ سىغىنىشلىرىمنى ھىس قىلۋاتامسىز؟ ئۇماق قىزىڭىزنىڭ سىزگە بۇلغان تەلمۇرىشىنى سىزۋاتامسىز ؟ قەدىردانىم مىھرى بانىم دادا 😔
     





258 قېتىم كۆرۈلدى زەينۇرە رەھمۇتۇل ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-5 21:32:48  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-4-27 17:34:40 سۇبىنۇر
بەك تەسىرلىك يىزىپسىز يىتىمنىڭ قەلبىدىكى جاراھەتنى ھەقىقى ئىپادىلەپسىز 👍
2017-4-7 1:49:31 پاتىگۇل
تەسىرلىك يىزلىپتۇ
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ