مەن ئۆلۈمگە ئامراق - ئابدۇۋارىس ئوسمان

         مەن ئۆلۈمگە ئامراق     


بۇتېما نۇرغۇن قېرىداشلىرىمنىڭ قورقۇنۇشلۇق تېمىسى قەبرە ئۆلۈم بۇسۆز تىلغا ئېلىنسا ئۆلەپ كەتكەن تۇنۇشلىرمىز  يادىمىزغا كىلدۇ، ئەمما مەن ئۆلگەنلەرنى ئەسلەپ بۇخەتنى يازمىدىم ،مەن بىرنەپەسنى بولسىمۇ ئالالىغان ھايات بولغان قېرىندىشىمنى ئەسلەپ تۇرۇپ ھەم ئۆزۈمنى ئەسلەپ تۇرۇپ بۇخەتنى يېزىۋاتىمە،ئۆلۈش مىنىڭ ئادەم بولشۇمدىكى ئەڭ مۇھىم بىرنوقتا،ئۆلۈش ئىنتايىن قورقۇنۇشلۇق، ۋەھىمىلىك، ھەم سۈرلۇك ،مۇشۇ ئالاھىدىلكى بىلەن نۇرغۇن كىشلەرنى يامان يولدىن ياندۇرغان ،ئەڭ ياخشى ئادەم ئۆزىنىڭ پات يېقىندا ئۆلدىغانلىقىنى دائىم ئېسىدە چىڭ تۇتىدۇ، بىز ئۆلىمىز بۇخەتنى يازغان قېرىندىشىڭلامۇ پات يېقىنلادا ئۆلىدۇ،ھەم ئۇقاۋاتقان سىلەرمۇ بىرمەزگىل ياشىشىڭلارمۇمكىن،ئەمما يەنىلا ئۆلىسىلەر،ھەردائىم تەكىتلىنىپ ھەم كۆزىمىزگە كۆرنۇپ تۇرۋاتقان بۇئۆلۈم بىزگە تىكىلىپ تۇرسىمۇ  ئىپلاس قارنىيەت ئادەملىرمىز ئازلاپ قالغىنى يوق،بۇئۆلۈم ئەجبا مەن ئويلىغاندەك قورقۇنۇشلۇق ئەمەسمۇ 😢 ئۈرۈكنى قاققا سالغاندەك قەبرىدە قاق بولۇپ كېتىمىز😨مۇشۇ ئېچىنىشلىق تىراگىدىيە كۆزئالدىمىزدا ،ھەربىر ئىنسانىڭ بېشىغا كىلدىغان ئىش تۇرسا ھەيران قالارلىق يىرى بەزەنلەرنىڭ يامان ئىشلاغا جىنايەت يۇلىغا قاتراشقا ۋاقتى بار  😓مەن ئويلاپ قالدىم، بىزئۆلۈمنى ئويلاشتىن دائىم قاچىدىكەنمىز ،بىزنىڭ چوڭ خاتالىقىمىز ئەسلى بۇ ئىكەن ، چۈنكى ئۆلۈمنى ئۇنۇتقاشقا، ئەرلەر- ئاياللارنى، ئاياللار- ئەرلەرنى،  دوست- دوسنىڭ ،ئاتا -ئانىنىڭ مېھرى -مۇھاببەتنىڭ قانچىلىك سۈيۇملۇك قانچىلىك بەخىتلىك ئىكەنلىكىنىمۇ ئۇنتۇيدىكەمىز ،ئۆلۈمنى ئۇنۇتقاشقا ئۆلمەيدىغاندەك ئەسكىلىك قولىمىزدىن كىلدىكە، ئۇنتۇپ قالمىساق كاشكى ۋاقىتلىق ياشاۋاتقانلىقىمىزنى، پۇلغا، بۇقۇلۇمدىكى ئەسكى تىلفۇنغا ،كۇمپىياتۇرخانغا ، دېسكو خانلاغا، قىمماغا، تۈگمەس چايلارغا، ھەرگىزۋاقىت ئاجىرتىپ يۈرمەيتۇق 😰ئاتا-ئانىمىزنىڭ ھاياتلىقىنى قەدىرلەيتۇق ،تويقىلغان بىرجۈپلە بىر-بىرىنى قەدىرلەيتى  ،ھەممە ئىشلاشۇنچىلىك مېھېر مۇھاببەتلىك بۇلتى ،ئەمما نىمىشقا شۇنداق بولمايدۇ ؟ مەن بۇئىشنى كۆپ قىسىم  ئادەم لەرنىڭ ئۆلۈمنى ئۇنتۇپ قالغانلىقى كەلتۈرۇپ چىقاغان دەپ ئويلايمە، ئۆلۈم نى ئۇنۇتقان ئەر ئۆزىنىڭ ئايالىنى ئۇنتۇپ سىرىتلادا بۇزۇلۇپ يۈرىيدۇ ،ئۇبىلسە ئىدى ئۆزىنىڭ ۋە ئايالىنىڭ ھاياتى پەقەتلا بىرقېتملا كېلدىغانلىقىنى مۇشۇ بىرقېتىملىق ھايات پۇرسىتىنى ئەسلىگىدەك مېھېرلىك ئۆتكۈزگەن بولاتى ،ئەمدى پەرزەتلەرگە كەلسەك ئۇلارمۇ بىرقېتىملىقلا كېلدىغان ھاياتىنى بىلسە ئىدى ،ئاشۇ چوڭ قىلغان ئاتا-ئانىسىنى قەدىرلەپ دۇنيادىن يا ئۆزى كۆزيۇمغان ياكى ئاتا-ئانىسىنى كۆزيۇمدۇرغان بولاتى، سىز ئويلاپ قالغانسىز تېمىدىن چەتنەپ كېتىپتۇ دەپ، توختاڭ ئەمدى تېمىغا قايتايلى ،مەن ئۆلۈمگە ئامراق، مەن باشتا دىگەندەك مىنىڭ ئادەم بۇلشۇمدىكى ئەڭ چوڭ سەۋەپ ئۆلۈم ؟چوڭقۇر ئويلۇشۇم بىلەن ھاياتلىقنى سۈيدىغان بولدۇم، كىتاپ ئوقۇش نەزىريە بولسا، ئەمىليەتتە قەبرىستانلىقنى زىيارەت قىلدىم، ئۆزەمنىڭ پات يېقىدا مۇشۇ ئۆلۈكلەرنىڭ سېپىغا قۇشۇلدىغانلىقىمنى بىلدىم، بۇيارقىن نوقتىنى بىلدىم، قاندا قىلشىم كېرەك،چۈنكى مەن بۇيەردە زىمىنغا دەسسەپ تۇرۇپتىمەن، ،قانداقىلشىم كېرەك،ئۆلمەيدىغان ئادەم يوق ئىكەن ھەممە ئادەم ئۆلدىكەن ، ئاھ  خۇدا بۇھېكىمەتلىك يارالمىشىمدا قاندا ئىشقىلاي ئۆزىمنى خوش قىلىپ باشقىلارنىڭ كۆزيېشىغا كۈلەيمۇ ،ياق  ياق😰 بۇخىل ياشاش ماڭا ماسكەلمەيدۇ ،ئادەمنىڭ ياشاش ۋاقتى بەكلا قىسقا بۇقىسقا ۋاقىتتا ئەڭ ئۈنۈملۇك ئەڭ ياخشى ئۇسۇلنى تېپىپ ياشىشىم كېرەك ،ھازىرقى بۇ ئۆزەمگە ئىشنىشىمنىڭ يوقرى ۋاقتى ھەم ياشلىقىم، مىنىڭ ھازىرباسقان قەدىمىم ،بەلكىم پۈتۈن ھاياتىمغا تەسىر قىلدۇ، بۇدۇنيادىلا ئەمەس،ئۇدۇنيارىمغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ ،بەزەندە ئويلاپ قالمە مۇشۇ ياشى ۋاقتىمدىلا ئۆلسەم بەك ياخشى بولتى ،چۈنكى ئالدىمدا مەن ئويلاپ باقمىغان يامان يوللار بەك كۆپ ئىكەن،شەيتانلارنىڭ قاتتىق قۇتراتقۇلىقىغا بىلىپ تۇرۇپ شۇنىڭ كۆرسەتكەن يۇلىغا دەسسەپ  يۈرۇپ قالامەنمۇ؟شەيتان بىزگە ئۇچۇق دۈشمەن ،كىمدىنلا سورىسام شەيتان كۆزگە كۈرۇنمەيدۇ دەيدۇ، ئەمما مەن بۇ زىمىندا نىمىشقىدۇر، نەگىلا قارىسام شۇنچىلىك جىق شەيتانلارنى كۆرۇپ تۇرۋاتىمەن  ،پەقەت بىركۈن ئۇيلانسىڭىز سىزمۇ شەيتانلارنى كۆرەلەيسىز ،مەن قەبرىتانلىققا باردىم  ،قاتتىق مۇزىكا ئاۋازى ئاڭلاندى ،بۇقەبرىستانلىق قارماي يولنىڭ يېنىدا بولغاشقا  ماشىنلاردىن چىققان مۇزىكا ئاۋازى ئىدى ، قەبرىستانلىققا يېقىنلاشسا مۇزىكا ئاۋازى يوقايتى ،كىشىلەردىكى بۇخىل ئۆلگەنلەرنى ھۆرمەتلەش تۇيغىسى مىنى خوش قىلدى ، ئۆزەمگە كىلەي مانا بۇيەرگىمۇ كەلدىم ،ئەي ئۆلۈكلەر سالام سىلەرگە مەن بۇيەردە تۇرۇپ سىلەردىن نۇرغۇنلىغان سوئالنىڭ جاۋابىنى ئالغىلى كەلدىم ،مەنمۇ سىلەرنىڭ ئاراڭلاغا پات يېقىندا قۇتۇلىمەن، سىلەرنىڭ ئۆلگىنىڭلا ماڭا ئىبرەت ،ھايات تۇرغۇنۇمغا چەكسىز شۈكۈرلەرنى ئېيتىمەن ،ئەي ئۆلۈم مەن ساڭا ئامراق بارچە ئىنسانلار بەلكىم ساڭا ئۆچتۇر، ئەمما مەن ساڭا ئامراق ،سەن بولغاچقا مەندە بۇھاياتقا بولغان  چۈشەنچ پەيدا بولدى ،سەن بولغاچقا مۇھابەتنىڭ سېھرى كۈچى ھەقىقى نامايەن بولدۇ،مىنى ھەردائىم ئەسكەرتىپ تۇرسەن ،سەن بىلەن يېقىن دوسمەن ،پۈتۈن دوسلۇرۇمنىڭ بىرسىنى تاللاشقا توغرا كەلسە مەن ئىككىللەنمەي سىنى تاللايمەن ،ئەي ئۆلۈم ھەيران بولۋاتامسەن،سەن مىنى ھەردائىم ئۇنۇتمىغانغا ئوخشاش مەنمۇ سىنى ئۇنتۇپ قالغىنىم يوق ،مانىڭغا قارا ئەي كۆزۇم كۆردىڭمۇ ئۆلۈم دۇستۇمنىڭ مۇشۇنچىلا دوسلىرنى ئۇنۇتماي يەر قۇينىغا ئەكىركېتىپتۇ، سىلە  بىلىپ قېلىڭلا ئەي پۈتۇن ئەزايىم بۇ ئۆلۈكلەر ئىچىدە نۇرغۇنلىرى ئۆلۈمنى ئۇنتۇپ ياشىغان بولسىمۇ ئەمما ئۆلۈم بۇلارنى ئۇنتۇپ قالماپتۇ ،ھەي ئۆلۈم مەن ساڭا ئامراق ،سىنىڭ مۇشۇ ئادىل مۇئامىلەڭگە ئامراق، كاتتا باي بولسىمۇ جېنىنى كېچىك تۈرمەي ئالسەن ،نامرات بولسىمۇجېنىنى  ئالسەن ،ماڭا  زۇلۇم قىلغان ئادەملەرنىڭمۇ جېنىنى ئېلۋاتسەن ،ئەيىش -ئىشرەت يولىدا ئۆزىنى بىلمەي كىچىككىنە ھوقوقىغا كۆرەڭلەپ كەتكەن تويماسلارنىڭمۇ جېنىنى ئېلۋاتسەن،ئادىللىق سۇزلاپ كەتكەن ھازىرقى بۇجەمىيەتتە ھەقىقى ئادىل سەنلا قالدىڭ، بىرقىسىم ئاق كۆڭۈل كىشلىرمىزساڭا نەپرەت كۆزى بىلەن قارىدى،چۈنكى سەن ياخشى ئالىم ئەخلاقلىق كىشلىمىزگىمۇ رەھىم قىلمىدىڭ، مەن سىنىڭ بۇ سۈرلۈك قورقۇنۇشلۇق ھالىتىڭگە ئامراق ،ياخشىلار قاندا چىقىدۇ، دەل سىنى ئۇنۇتماي سىنى ئەسلەپ تۇرغانلاردىن چىقىدۇ دە ،ئالىم ،دوكتۇر ،پەيلاسوپ ،ئېنجىنىر ،ئىجاتكار ،شائىرلارنىڭ دۇنياغا چىقىشى دەل سىنىڭ كارامىتىڭدىن بولغان ئۇلارسىنى ئۇنۇتمىغاچقا ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ئۈنتىنسىز ھاياتى بىلەن كۈرەشقىلغاچقا شان- شەرەپلەرنىڭ مۇھاببەتنىڭ ھەقىقى قىممىتىنى بىلىپ يەتتى ،ئەي ئۆلۈم سىنىڭ بولغىنىڭ ئادەملەرنىڭ قىممىتىنى ياراتتى ، بىزسىنىڭ بولغانلىقىڭ ئۈچۈن ئۈچۈن ئۆزقىممىتىمىزنى بىلىپ يەتتۇق،ئەي ئۆلۈم سىنىڭ مەۋجۇتلۇقۇڭ بولمىسا دۇنياندا چوڭ بىر بۇزغۇنچىلىق، بۇزۇق چىلىق، بولغان بولاتى   ،ئاتا-ئانىلارنى ،دوس -دوسلارنىڭ ،ئالىم ئۆلىمالارنىڭمۇ قىمىتى يوقىغان بولتى مېھرى-مۇھاببەتتىن سۆزئاچقىلى بولمايتى،ئەي ئۆلۈم سەن بولغاچقا مەن ياخشى ياشاشنى بۇ ھايات ۋاختىمنى قەدىرلەشنى بىلدۈردىڭ . مىنى ئادەم قىلىپ ئادەمدەك ياشاشقا ئۈندەپ تۇردۇڭ ،مۇشۇندا خىسلىتىڭ تۇرسا ساڭا ئۆچ بۇلۇشقا لايىق ئەمەسمەن ،مۇشۇ خىسلەتلىرىڭنى نۇرغۇن ئادەملەر ئۇنۇتتى ،ئۇلار بىلسە ئىدى ئۆلۈمنى ئۇنۇتقانلىق چوڭ خاتالىق ،ئۆلۈم ئۇنتۇلسا ۋاقىت ئىسراپ خولىقى بولدىغىنى ئېنىقلا تۇرغان گەپ ،مانا بۇ سوئالىمغا ئالدىمدا تۇرغان بۇئۆلگەن قېرىنداشلىرىم جاۋاپ بېرەلەيدۇ ،بۇلار نامسىزكەتتى ، بۇلارغا قايتا ياشاش پۇرسىتى بولغان بولسا ئىدى ،پەقەت ئۆلگەنلەرنىڭ بىرسىلا قايتا ياشىيالىغان بولسا ئىدى ،ئۇ بۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئەخلاقلىق پەزىلەتلىك ئېسىل ئادەم بولشىدا گەپ يوق ئىدى نىمە ئۈچۇن بىلەمسىلەر،ئۇ بۇدۇنيادا ئۆلۈمدىگەن بىر ئۇقۇمنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماي بارچە ياخشىلقى بىلەن مېھىر  مۇھاببەتلىك ياشايدۇ ،ئالىم ،ئۆلىمالىرمىزنى نىمىشقا ئۆلسىمۇ ئەسلەپ تۇرمىز ؟ بۇنىڭ جاۋابى سىلەر ئۈچۈن بەك ئاددى ئۇلار ياخشى ئادەم خەلقىم دەپ ياشىغان ئېسىل ئادەم دىيشىڭلا مۇمكەمىن ،ئەمما سىلەر نىمە ئۈچۇن ئالىم ،ئۆلىمالىرمىز شۇندا ياشايدۇ ، دەپ ئۇيلىمايسىلەر ،ئالىم ئۆلىمالىرمىزنىڭ شۇندا ياشىشىدىكى سەۋەپ پەقەتلا بىر ئۇلار مەن بىركۈنى ئۆلىمەن .دەپ ياشايدۇ ئۇلارئۆلۈمدىن قوقمايدۇ ئۆلۈمنى ئۇنۇتماي ياشايدۇ ،ئۆلۈم بولمىسا ئالىم ئۆلىمالىرمىز ھەرگىز خەلقىم مىللىتىم دەپ جاپا تارتىپ يۈرمەيتى،ئەمما ئۆلۈم مەۋجۈت ھەربىرجان ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىپ كۆرىدۇ ،بىز ھازىرقى جەمىيتىمىزدە ئۆلۈمنى ئەسلەشتىن قورقۇپ يۈرشىمىز خاتا ،ئۆلۈمنى ئۇنۇتقان ئادەمنىڭ قۇلىدىن ھەر يامانلىق كىلدۇ ،ئۆلۈمنىڭ مۇشۇ ياخشى تەرپى تۇرسا مەن قاندامۇ ئۆلۈم گە ئۆچ بۇلاي ،،،،،
خىيال قىلىپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە پۇتامنىڭ سىقىراپ ئاغرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم ،ئۆزىمگە دېققەت قىلدىم ،كۆزىمدىن ياشلار تامچىپ چۈشىۋاتىدۇ ،دەرھال ئەتراپىمغا قارىدىم ئۇف خۇداغا شۈكرى ئەتراپىمدا ھېچكىم يۇق ئىكەن،    
يازغۇچى : ئابدۇۋارىس ئوسمان
     





849 قېتىم كۆرۈلدى 944382894 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-6 0:09:07  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ