مىنىڭ غايەم مەنمۇ دادامدەك ياخشى خوتۇن ئالىمەن / تەسىرلىك

 

مىنىڭ غايەم مەنمۇ دادامدەك ياخشى خوتۇن ئالىمەن / تەسىرلىك

 

كۇنلەر ئايلارنى ،ئايلار يىللارنى قوغلۇشۇپ ،بۇ ئۆيدىكى بارلىق ئىشلارنىڭ گۇۋاھچىسى بولغان نەۋرىمۇ ھەش پەش دىگۇچە 8ياشقا كىرىپ قالدى. ئۇ باشلانغۇچنىڭ 2-يىللىقىدا ئوقۇۋاتاتتى. بىر كۇنى ئۇ مەكتەپتىن كېلىپلا تاپشۇرۇق دەپتىرىنى كۇتۇرگىنىچە مومىسىغا تاماق يىگۇزىۋاتقان ئاپىسىنىڭ قېشىغا كىردى -دە ،
-ئاپا،بۇگۇن مۇئەللىم بىزگە چوڭ بولغاندا قانداق غايەڭلەر بار ، نىمە ئىشلارنى قىلغۇڭلار بولسا شۇنى يېزىپ كېلىڭلار دەپ تاپشۇرۇق بەردى
غايە دىگەن نىمە ئاپا ؟ دەپ ھەيرانلىق بىلەن سورىدى.
-بالام غايە دىگەن مۇئەللىم دىگەندەك چوڭ بولغاندا چوقۇم قىلىمەن دەپ كۆڭلۇڭگە پۇككەن ئارزويۇڭ، سەن دەپ باقە ،چوڭ بولساڭ نىمە ئىشلارنى قىلماقچى دەپ ئوغلىغا قايتۇرۇپ سۇئال قويدى ئانا.

ئوغلى بىردەم ئانىسىغا ،بىر دەم چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان مومىسىغا قارىۋەتكەندىن كېيىن تۇيۇقسىزلا:
مەن چوڭ بولسام دادامدەك ياخشى خوتۇن ئالىمەن، ئۇ چاغدا سىزمۇ مومامدەك قېرىپ چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرسىڭىز ئۇ سىزنى ئىتتىرىپ سىرتلارغا ئاچىقىدۇ ،تاماقلارنى يىگۇزۇپ قويىدۇ، يەنە تېخى مۇنچىغا ئەكىرىپ چاچلىرىڭىزنى يۇيۇپ قويىدۇ ……
بۇ ئارزويۇمنى تاپشۇرۇق دەپتىرىمگە يازسام بولامدۇ ئاپا؟

شۇ تاپتا ئانا كىچىككىنە ئوغلىنىڭ ئاغزىدىن چىقىۋاتقان ئادەمنىڭ كۆڭلننى ئېرىتكۇدەك بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي ئوغلىنى باغرىغا چىڭ باسقىنىچە كۆزىدىن ئېقىۋاتقان خۇشاللىق ياشلىرىنى يۇشۇرالمىدى ۋە ئۆزىنىڭ بارلىق قىلغانلىرىنىڭ ئوغلى ئالدىدا ئەينەكتەك رول ئوينىغانلىغىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۇشىنىپ يەتتى...





1349 قېتىم كۆرۈلدى ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-1-17 22:25:11  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-1-21 19:47:32 نۇرنىسا قاسىم
رەخمەت بەك جاپا چەكتىڭلار سىلەر يازغان ئەسەرلەر ماڭا بەك يارىدى ئەسەر يازغۇچىنىڭ دادىسىنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كىلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن
2016-1-18 3:29:35 ulpat
”ئ‍اتا ئىزنى ئوغۇل باسىدۇ دىگەن “شۇدە·
2016-1-17 23:17:13 غىرىپ
بەك ياخشى مەزمۇنكەن
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ