ھەر جەھەتتە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى يىتەكلەشتە ئويلىغانلىرىم

         ھەر جەھەتتە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى يىتەكلەشتە ئويلىغانلىرىم

تۇرغۇن راخمان (كەمتەر)



ھەر جەھەتتە ئارقدا قالغان ئوقۇغۇچىلار ،نۆۋەتتە ئۇستازلارنىڭ بېشىنى قاتۇرىۋاتقان ، ئاتا - ئانىلار ئەندىش قىلىۋاتقان ئەڭ مۇھىم مەسىلە . بۇ خىل ئوقۇغۇچىلار دەل ۋاقتىدا يىتەكلەنمەي سەل قارىلىپ ۋاقتىدا ئۆزگەرتىلمىسە ، ئالدىنى ئالمىسا ، ۋاقىتنىڭ ئۇزۇرىشىغا ئەگىشىپ ، ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلار كۈنسايىن كۆپىيىپ ، ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلار توپى شەكىللىنىدۇدە ، ئوقۇتۇش خىزمىتىگە زور تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ . بۇ خىل ھەر جەھەتتىن ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى دەل ۋاقتىدا ئىلمىي تەربىيلەش ئىنتايىن زۆرۈر . تۆۋەندە مەن ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى ئىلمىي يىتەكلەش توغرىسىدا  ئۆزەمنىڭ كۆز قارىشىمنى ئوتتۇرغا قويۇپ ، كەڭ ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئورتاقلىشىپ باقماقچىمەن :
بىرىنچىدىن ، تەربىيلەش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ھەر قانداق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەڭ ئاۋال بالىلارنىڭ ، روھى ھالىتىنى ئىگەللىشى ، پىسخىكىسىنى چۈشۈنىپ ، دىئاگنوز قويۇپ ، ماس ھالدىكى تەربىيلەش ئۇسۇلىنى قوللىنىش كېرەك .
ئىككىنچىدىن ، قايسى تەرەپلەردىن ،قايسى دەرىجىدە ئارقىدا قېلىۋاتقانلىقىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ ئالدىنى ئېلىش ، دەل ۋاقتىدا بايقاش ، بىرى بايقالسا ، بىرىنى كونتۇرول قىلىش ئىنتايىن زۆرۈر . شۇنىسى ئېنىقكى ، ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلار ، تۇيۇقسىزلا پەيدا بولغان ئەمەس ، ئۇلار تۈرلۈك سەۋەپلەر ، زىددىيەت ، توقۇنۇشلار ، ئوقۇتقۇچى ، ئاتا-ئانىلارنىڭ سەل قارىشى ،  ئىچكى ۋە تاشقى ئامىللار ۋە ھەر خىل مۇھىتنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن شەكىللەنگەن . شۇڭا ، سەۋەبىنى تېپىپ چىقىش ھەمدە ھەل قىلىشنىڭ يولىنى تېپىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك .
ئۈچۈنچىدىن ، ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلار ، بىر كۈندە ، بىرلا ۋاقىتتا ، ئوخشاش سەۋەپتىن پەيدا بولۇپ قالغان ئەمەس . دەل ۋاقتىدا ، ئىلمىي ئۇسۇلدا ئالدىنى ئالماسلىق سەۋەبىدىن ، بىز قاخشاۋاتقان ، يىتەكلەپ ئۆزگەرتەلمەيۋاتقان ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلار توپى شەكىللەنگەن . ئوقۇتقۇچىلار  دەسلەپتە بىر - ئىككى ئوقۇغۇچىغا سەل قاراپ ، دەل ۋاقتىدا ئەھمىيەت بەرمەي ، تەدبىر قوللانماي ، ئالدىنى ئالماي ، ئىلمىيلىك بىلەن يىتەكلەپ  ئۆزگەرتمەي ، تېخىمۇ زىددىيەتلىك مەسىلىنى ، يىشىلمەيدىغان توقۇناقنى شەكىللەندۈرگەن . شۇڭا ، ئوقۇتقۇچىلار ھەر ۋاقىت سەگەك بولۇپ ، ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى ئامال بار شەكىللەندۈرمەسلىكى كېرەك . ناۋادا شەكىللەنسە دەل ۋاقتىدا ئالدىنى ئېلىپ ، بۇ خىل ئوقۇغۇچىلار توپىنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى قەتئىي ئېلىشى ، ئۆزلىرىگە مېزان قىلىشى زۆرۈردۇر .
تۆتىنچىدىن ، تەلىم - تەربىيە جەريانىدا ، ئىلمىي يىتەكلەپ ئۆزگەرتىشنىڭ ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقىشقا سەل قاراشقا بولمايدۇ . دۇنيادا نۇقسانسىز ئادەم بولمىغاندەك ، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكى ۋە قىزىقىشى بولىدۇ ، ئەلۋەتتە ئوقۇغۇچىلارمۇ شۇنداق . تەربىيلىگۈچى  ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارقىدا قىلىش سەۋەبىنى تېپىپ چىقىش بىلەن بىرگە ،قىزىقىشى ۋە ئالاھىدىلىكىنى تېپىپ چىقىپ ، قىزىقىشى ۋە ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكىنى جارىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئۆزگەرتىش ئۇسۇلىنى قوللانسا ، ئۈنۈمى ئەڭ تىز بولىدۇ . كېسىپ ئېيتىشقا بولۇدۇكى ، ئارقىدا قالغان ھەر قانداق بىر ئوقۇغۇچىدا ، چوقۇم بىر ئالاھىدىلىكى ۋە قىزىقىشى بار ھەمدە سەۋەبىمۇ بولىدۇ ، ئامال بار ئۇلارنىڭ ئاشۇ خىل ئالاھىدىلكىنى تېپىپ چىقىپ ، ئالاھىدىلىكىنى جارىي قىلدۇرۇش سورۇنى ھازىرلاپ ، ئۇلارغا ئۆزىنى نامايەن قىلىش پۇرسىتىنى يارىتىپ بېرىش ئارقىلىق ، ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇپ ، كاللىسىدا پەيدا بولغان تۈرلۈك بېسىمنى يىنىكلىتىپ ۋە تۈگىتىپ ، نەتىجىسىنى دەلىللەپ ، روھىنى ئۇرغۇتساق ،ئۇلاردا ئۆزىگە ئىشىنىش ۋە ئۆزىدىن مەمنۇن بولۇش تۇيغۇسى يىتىلىپ ، قىزغىنلىقى ، تەشەببۇسكارلىقى ۋە مۇستەقىللىقى ئاشىدۇ ، جىمغۇرلىق ۋە ئەندىشى ئازىيدۇ . مەكتەپتىن ، ئوقۇتقۇچىلاردىن بىزار بولۇش ۋە كوللېكتىپتىن يېراق تۇرۇشتەك ھالەتلىرى تۈگەيدۇدە ، ئۆزلىگىدىن دەرسلەرگە قىزىقىدىغان يىتىلىدۇ ، بىزارلىقى يوقايدۇ ، بىسىم ھاسىل قىلماياىغان بولىدۇ ، بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى تەربىيلەش ۋە يىتەكلەش ئاسانلىشىپ ، ئۈنۈم تىزلا قولغا كەلتۈرۈلىدۇ .
بەشىنچىدىن ، ماس ھالدىكى پائالىيەت ۋە مۇسابىقىلەرنى دائىملاشتۇرۇپ ، چېنىقتۇرۇش ۋە ئۆزىنى نامايەن قىلىش سورۇنى ھازىرلاپ ، نەتىجىسىنى دەلىللەپ ، ئىشەنچىسى ئاشۇرۇلسا ، ئۆزىنىڭ قالتىس ئىكەنلىكىدىن پەخىرلىنىدۇ ، ئۆزىدىن مەمنۇن بولىدۇ ۋە سۆيىنىدۇ ، ئۆزىنىڭ ياراملىق ، قولىدىن ئىش كىلىدىغان ، ھەممە كىشى ئىشىنىدىغان ئوقۇغۇچى ئىكەنلىكىنى بىلىپ سۆيىنىدۇ . بۇنىڭ بىلەن قىزىقىش دائىرسىدە ئارزۇ - ئارمانلىرى يىتىلىدۇ ، ئەقلىي بۇلىقى ئاستا - ئاستا ئېچىلىپ ، ياخشى بولغان ئەخلاق پەزىلىتى ، توغرا ئۆگىنىش ئادەتلىرى يىتىلىدۇ . بۇ جەريان ئۇستازلارنىڭ چوقۇم سەۋېرچان بولۇشىنى ، زىرىكمەسلىكى ، ئېرىنمەسلىكى تەلەپ قىلىدۇ .
دېمەك ، ئۇستازلار يۇقارقى بىر قانچە نوقتىلارغا ئەھمىيەت بېرىپ ، قەتئىي سەل قارىماي ، ئىلمىي بىلەن ئەتراپلىق  يىتەكچىلىك قىلىپ ، مۇستەقىللىقى ، تەشەببۇسكارلىقى ۋە ئاكتىپچانلىقىنى يىتىلدۈرۈلۈپ ، قىزغىنلىقى ئاشۇرۇپ ، ئىشەنچىسى تۇرغۇزۇپ ، ئالدىن ئۆگىنىش ئادىتى يىتىلدۈرۈپ ، ئارزۇلىرىنى تۇرغۇزۇپ، ھەر ۋاقىت يىتەكلەشكە ئەھمىيەت بېرىلسە ، ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى سىزىپ - سەزمەي ، بىلىپ - بىلمەيلا ، ئۆگىنىشكە تەبىيلا قىزىقىپلا كىرىشىپ كىتىدۇ ، تەربىيلەشنىڭ توغرا يولى ئۆزلىگىدىن پەيدا بولىدۇ . ئەكسىنچە بولسا ، قىزىقىش بولماي، روھىيتى ئۇرغۇماي ، ئىشەنچىسى تۇرغۇزۇلماي ، ئارزۇسى تىكلەنمەي ، مېھىرلەر تۇتاشماي ، ئىلمىي تەربىيلەش يولى ئېچىلمايدۇ .
بۇنىڭدىن سېرت ، ئوقۇتقۇچىلاردا كەسىپچانلىق ۋە بېغىشلاش ئىستىگى بولمىسا ، ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزگەرتىشتىن سۆز ئېچىش بەك تەس . ئوقۇتقۇچى بۇ خىل ئوقۇغۇچىلارنى ئەتراپلىق تەربىيلەپ ئۆزگەرتىمەن دەيدىكەن ، ئاۋال ئۆزىنى تەربىيلەش ، ھەممىدە ئۆلگە بولۇش ، مېھىرلىك بولوش ، ئۆگىنىشنى ، ۋاپادارلىقنى ، مىننەتدارلىقنى ، سەمىمىيلىكنى ، راستچىللىقنى ئۆزى ئۆلگە كۆرسىتىپ ، ئاندىن ئۇلارغا ئۆگىنىشنى تەشەببۇس قىلسا ، مائارىپ ئەڭ ئىلمىي بولغان تەربىيلەش قانۇنىيتىگە يۈزلۈنۈپ ، ئەمەلىي سۈپەت يارىتىلىدۇ دەپ قارايمەن .
     

مۇھەررىر: ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى 

ئۈندىدار :2041420589






36 قېتىم كۆرۈلدى turhun ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-6-2 10:18:47  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ