چۈشۈمدە سەن جىنىم

چۈشۈمدە سەن جىنىم

 

ئاپتۇرى ؛ نەفىسە ئابلىمىت

 

 بۈگۈن 1 . ئاينىڭ 3 . كۈنى يەكشەنبە ئىدى ، مەن تىخىچە تاتلىق چۈشلۈرۈم ئىچىدە شىرىن ئ‍ۇخلاۋاتاتتىم، شۇنداق مەن چۈش كۆرۈۋاتاتتىم ، چۈشۈمدە كەپسىز ئۇماق شاھزادەملا بار ئىدى، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە كىممۇ چۈشۈمگە كىرەلەيتى.

 ئاپامنىڭ چاقىرىشى بىلەن، تاتلىق چۈشلۈرۈمدىن ئويغۇنۇپ كۆزۈمنى ئۇۋۇلاپ ئاستا ئىچىپ ئورنۇمدىن تۇردۇم ۋە كۆرگەن چۈشلۈرۈمنى ئەسلەپ كۈلدۈم ، كۈندە چۈشلۈرۈمدە پەقەت شۇنىلا كۆرەتتىم ، چۈشلۈرۈم شۇنداق پەيزى ئىدىكى ، رىئ‍اللىققا ئ‍ايلىنىشىنى بەكمۇ ئۈمۈد قىلاتتىم.

 سىرىتقا چىقىپ ساپ ھاۋادىن نەپەسلىنىپ كىردىم دە يەنە كۈندىكىدەك ئۆزۈمنىڭ ئىشلىرىنى قىلدىم ، ھەر كۈنى ئەتتىگەندە قولۇمغا تىلفۇننى ئىلىپ ئ‍ۇماق شاھزادەمگە ئ‍ۈندىداردا گەپ قىلاتتىم ، بۈگۈنمۇ شۇنداق قىلدىم ، لىكىن ئ‍ۇنىڭدىن جاۋاپ كەلمىدى،  تىلفۇنغا پات پات قارايتتىم، لىكىن يەنىلا جاۋاپ خەت يوق ئ‍ىدى ، كۆڭلۈم يېرىم بولدى، ئ‍ۇنىڭدىن ئ‍ەنسىردىم، ئۇنىڭ دوستىدىن ئۇنى سورۇدۇم ، ئ‍ۇمۇ ئ‍ۇنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى ئ‍ۇخمايدىغانلىقىنى ئىيتتى ، تىت تىت بولدۇم، ئەنسىرىدىم تىلفون قىلىشنى ئويلۇدۇم يۇ ئ‍ۇنى بىزار قىلىپ قويۇشتىن ئ‍ەنسىرەيتىم، كەچ بولغاندا ئ‍اخىرى ئ‍ۇنىڭدىن خەت كەلدى. شۇنداق خۇش بولدۇمكى بىر ئۆزۈم بىلەتتىم، يۈرەكلىرىم تىترەپ كەتتى، ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشتىم،  ئ‍ۇنىڭ بىلەن پارالاشسام بەك خۇش بولاتتىم ، شۇنداق ئ‍ۇنى مەن بەكلا سۆيىمەن ، قانچىلىك دەرىجىدە سۆيىدىغىنىمنى ئ‍ۆزۈممۇ تەسۋىرلەپ بىرەلمەيتىم، ئ‍ۇنىڭ ئۈچۈن ھەممە ئ‍ىشنى قىلاتتىم.

 توۋا ئۆزۈمگە ھەيرانمەن ، ئ‍ۇنى بەك ياخشى كۆرىدىغىمدىن ھەر دائىم باشقىلارنى چاقىرىمەن دەپ ، ئۇنىڭ ئ‍ىسمى ئ‍اغزىمدىن چىكەتكىلى تاسلا قالاتتى.

 شاھزادەم ئ‍اشقازىنىنىڭ ئ‍اغرىۋاتقىنىنى دەپ يەنە يوقاپ كەتتى ، شۇ تاپتا ئۇنىڭ قىشىدا بولغان بولسامچۇ دەپ كەتتىم ، ئ‍ۇنىڭ بىرەر يىرى ئاغرىسا مىنڭ يۈركۈم ئ‍اغرىيتى ، مەن ئ‍ۇنىڭغا ئ‍اغزىمدا تەسەللىي بەگەندىن باشقا ھىچ ئىش قىلىپ بىرەلمەيتىم ،شۇڭا ئازاپلىناتتىم، ئ‍ۇ گەپ قىلمىدى ، مەنمۇ تىلفۇننى قويۇپ قويدۇم دە ئ‍ۆزۈمنىڭ ئ‍ىشىنى قىلدىم ، كەچتە ياتىدىغان چاغدا ئ‍ۇنىڭغا بامۇ جىنىم دەپ ، سۆز قالدۇردۇم ، ئۇ يەنە گەپ قىلمىدى ، مەن خىيال سۈرۈپ ياتتىم، خىيالىمدا يەنىلا ئ‍ۇ بار ئىدى. ئ‍ۇيقۇم كەلمەي تىلفۇنغا قارىدىم، ئۇ ماڭا با جىنىم دەپ سۆز قالدۇغان ئ‍ىدى. شۇنداق خۇش بولدۇم، مەن ئۇنىڭغا جاۋاب قايتۇرۇپ بولۇپ، تىلفۇننى قويۇپ قويدۇم، بەكلا خۇش ئ‍ىدىم ، مەن يەنە چۈش دۇنيارىمغا ماڭماقتا ئ‍ىدىم ، كۆزلۈرۈم ئاستا ئاستا يۇمۇلماقتا ، چۈشۈمگە، ئۇماق شاھزادەم كىرمەكتە ئ‍ىدى.

 2016 . 1 . 4 K





552 قېتىم كۆرۈلدى nafisa ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-1-6 2:07:10  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-1-8 17:08:13 ئايپاشا
ياخشى يېزىپسىز قوللايمەن
2016-1-8 12:15:43 Sofya
بەك پەيزە بوپتۇ ياقتۇردۇم 😊
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ