سۆيگۈ تىۋېشلىرى
ئەيسا ئەلى
كۈنلىرىم ئۈتىۋاتىدۇ، قانداق ئۈتىۋاتقىننى يىزىپ چۈشەندۈرەلمەيمەن ، قەلىمىم يىزىشقا، تىلىم ئېيتىشقا ئاجىز كىلدۇ… ئىشقىلىپ يۈركىمنىڭ ئاغىرىۋاتقىنىنى، ئىچىكى ئەزايىمنى بىر نەرسە يەپ كىتىۋاتقاندەك، سىزىمنى ھىس قىلالايمەن… بىراق ئىپادىلەپ بىرەلمەيمەن.
ھېلىمۇ ئىسىمدە بىزنىڭ تۇنجى كۈرۈشكەن تۇنۇشقان ۋاقتىمىز، سەن خىزمەت ئىھتىياجى بىلەن ئىدارىمىزغا كەلگەن شۇنداقلا خىزمەت سەۋەبى بىلەن غۇۋا يۇرۇپ تۇردىغان ئىككى ئادەم ئاران پاتىدىغان مىنىڭ ئىشخانامغا كىرگەن ئىدىڭ. دەسلەپ مەن، ھەم سەن ئىككىلىمىز بىر بىرمىزگە ئانچە دىققەت قىلمىدۇق، مەنمۇ ساڭا دىققەت نەزىرىمنى سالمىدىم چۈنكى ئۇ چاغلار مىنىڭ تۇرمۇشۇم بەك خۇشال بوپ كەتمىسىمۇ بىراق ،خاتىرجەم ،تىنىچ ئۈتىۋاتقان ۋاقىتلار ئىدى…
شۇ ۋاقىتتا سەن تۇنجى ئىشخانامغا كىرىپ ماڭا تۈزلا سالام قىلغاندىن كىيىن ئۈرە تۇرۇپ ماڭا خىزمەت ئىھتياجلىق مەزمۇننى دەپ بىرىپ ئۈرە تۇرغانتىڭ ، مەن سىنى ئولتۇرۇشقا ئۈندىدىم سەن تەكەللۇپ ، قىپ ئولتۇردۇڭ. سەن چىرايلىق بۇيۇڭمۇ ئەۋرىشىم بولسىمۇ بىراق مەن ساڭا تۈزۈك سېپ- سېلىپ قارمىغان ئىدىم شۇنداقلا ئىككىمىزلا بار ئىشخانىدا بىرە ئېغىز خىزمەت توغۇرلۇق گەپ چىقسا چىقتىكى بولمىسا ئىككىلىمىز بىرە ئېغىز سۆز قىلماي جىمجىت ئولتۇردۇق…يىرىم كۈن شۇنداق ئۆتتى …چۈشتىن كىيىنمۇ شۇنداق ئۈتۈپ كىتىۋاتاتتى…مەن پەقەت سەن مىھمان بولغانلىق ئۈچۈن زىرىكىش ھىس قىلمىسۇن دەپ ساڭا قارمايلا ئانچە مۇنچە گەپقىلدىم ، بارا بارا پاراڭلار پەيدا بولدى.
بىر كۈن شۇنداق ئۈتۈپ بولشىغا ئازلا قالغاندا نىم سەۋەپلەردىندۇر گىپىمىز بىر يەدىن چىقىپ پارىڭىمىز تۈگەيدىغاندەك قىلمايتى، شۇ تەرىقىدە ئىشتىن چۈشدىغان ۋاقىت بوپ بىز خوشلاشتۇق ، ئەتىسى يەنە بىرگە ئىشلىدۇق ،پاراڭلىشىپ بىر بىرمىزگە يىقىن بولدۇق… كەچ كىردى مەن سىنى تاماققا تەكلىپ قىلىپ ئۇچۇر يازدىم ، سەن ماقۇل بولدۇڭ بىر دوستۇڭ بىلەن بىرگە چىقتىڭ …
ئەنە شۇ كۈندىن باشلاپ مەندە ساڭا نىسبەتەن قىزىقىش پەيدا بولدى. ئەتسى كۈڭۈل پەيدا بولدى ھەم ئىككىمىزكۈڭۈل ئالماشتۇردۇق ھەم …قىلدۇق … شۇنىڭدىن ئىتبارەن سەن كۆڭلۈمنى بارا بارا ئۈزۈڭنىڭ قىلۋالدىڭ، مۇشۇ تەرىقىدە بىر يىل ۋاقىت ئۈتۈپتۇ سەنمۇ ماڭا كۆڭلۈڭنى بەرگەنتىڭ مەنمۇ ھەم ساڭا چىن سۆيگۈمنى بەرگەنتىم چۈنكى مەن سىنى ياخشى كۈرەتتىم… قانداق ياخشى كۈردىغىنمنى ئېيتىپ بىرەلمەيمەن ئىشقىپ بەك ياخشى كۈرەتتىم سىنىڭ بارلىقىڭ ماڭا خۇشاللىق ئاتا قىلىپلا قالماي يەنە نۇرغۇن دەرت ئازاپلارنى ئاتا قىلغان ئىدى شۇنداقتىمۇ ياخشى كۈرۈش دىگەن شۇنداق بۇلىدىكەن. شۇنچە ئازاپلانغان ۋاقىتلىرىم بولغان بولسىمۇ شۇ ۋاقىتلاردا سىنىڭ كىچىككىنە مىھر بىرشىڭ سۆيگۈ بىرشىڭ بىلەن ھەممىنى ئۇنتۇپ كىتەتتىم…
مانا بىر يىل ۋاقىت مۇشۇ تەرىقىدە ئۈتۈپتۇ، گەرچە مىنى ئازاپلىغانلىرىڭ مىنى ئالداپ قويغانلىرىڭ بولغان بولسىمۇ شۇلارنى ئۇنتۇپ يەنە شۇ خۇشال ۋاقىتلارنى ئەسلەپلا بەك ئاددى ئويلاپ كەپتىكەنمەن … سىنىڭ يالغان سۆزلەشلىرىڭ كۆپ بولسىمۇ، بىراق مەن يەنىلا سىنىڭ قەسىمىڭگە ئىشىنىپ كەلگەن ئىدىم بىراق ، ئەپسۇس تۇلىمۇ ئەپسۇس سەن بىلەن تۇلا ئۇرشۇپ قالدىغان بوپقالدىم سەۋەبى سەن ئىلگىرى ماڭا ھەممىنى بىلىپ بولساممۇ يەنە گىپڭدە چىڭ تۇرۇپ مىنى بىلمەيدۇ دەپ يالغان ئىيتقان ۋاقتىڭ بولغاچقا مەن ساڭا تازا ئىشەنمەس بولغان ئىدىم چۈنكى مەن سىنى ئالدىمىغان ئىدىم …بىراق مەن سەن ئۈچۈن باشقىلارنى ئالدىغان ئىدىم … بەلكىم تەڭشەپ قويغان چىغى…بىر چاغلاردا سەن دوسلىرىڭ بىلەن بەك ئوينايدىغان بوپكەتتىڭ … مەن تۇسۇپ باقتىميۇ بىراق بەك تۇساشقا ئامالسىزلىقىمنى ھىس قىلدىم چۈنكى ئىككىمىزنىڭ ئارلىقى خېلى بار ھەم مىنىڭ … بار بولغانلىقى ئۈچۈن بەك كۈچىيەلمىدىم كۈچەپ سىنى توسقۇم بولسىمۇ تۇسالمىدىم ، شۇ جەريانلاردا باشقا ئۇغۇللار بىلەن سۈزۈڭ چىققان بولسىمۇ سەن بىلەن ئۇرشۇپ بىقىپ قىيدىشىپ بىقىپ يەنە سىنىڭ ماڭا بەرگەن قەسىمىڭگە ئىشىنىپ ئۈزۈمگە تەسەللى قىپ ئۆتكۈزۋەتكەن ئىدىم … شۇ ئۆتكۈزۋەتكىنىم ئۈچۈن بولسا كىرەك، بۇنداق ئىشلىرىڭ تەكرالىنىۋەردى. بەلكىم مەن بىلمەيدىغان نۇرغۇن ئىشىڭ باردۇ بىراق مەن يەنىلا قەسىمىڭگە ئىشىنىپ سىنى ياخشى كۆرگەچكە يامان تەرەپلەرنى ئۇنتۇشقا ئۇرۇنۇپ كەلدىم ، كۈنلەرنىڭ ئۈتۈشى بىلەن سەن مىنى ئالداپ قۇيۇپ باشقا يۇرۇتقا يۇرت ئاتلاپ ئوينىغىلى بىرىپ كەلدىڭ… شۇ ۋاقىتلاردىمۇ نىمىش يۈز بەرگەندۇ دەپ ئازراق ئىشلىرىڭنى بىلىپ قېلىپ يۈركىم سۇقۇشتىن توختىغىلى ئازلا قالغان ۋاقىت بولغىنى ھازىرغىچە ئىسىمدە شۇ ئىشلارنى ئويلىساملا كۆڭلۈم ئاجايىپ بوپكىتىدۇ …سەن شۇ ئىشلارنىمۇ ماڭا قەسەم بىلەن چۈشەندۈردىڭ مەنچۇ يەنە ئامالسىز ئىشەندىم چۈنكى سەن نىم ئۈچۈن ساڭا ئارتۇق گەپ قىلالمايدىغىنمنى بىلەتتىڭ … ئەگەر مىنىڭ قانتىم بوغۇشلاغلىق بولمىغان بولسا شۇ ۋاقىتتىكى ئاچچىقىمدا قانداق قىلسام قىلىپ سەندىن ھەقىقى جاۋاپ ئالغان بۇلاتتىم… ھەي سۆيۈش دىگەن كۈچى ھەقىقەتەن چوڭ ئىشكەن شۇنداق قىلغانلىرىڭ راس بولسۇن ياكى شۇ ۋاقىتلاردا ئۈزۈڭنى ئاقلاش ئۈچۈن بولسۇن ئىشقلىپ شۇ سۆيگۈ بىلەن يەنە ھەممىنى ئۇنتۇپ كىتەتتىم…
مانا مۇشۇ تەرىقىدە ئۈتىۋاتاتتى. سەن يەنە خىزمەت سەۋەبى بىلەن ئۈرۈمچىگە كەتتىڭ مىنىڭ كۆڭلۈم ئەندىكىپلا تۇراتتى، خۇددى ساڭا بىر ئش بوپقالدىغاندەك ياكى ماڭا بىر ئىش بوپقالدىغاندەك ، ياكى سەن بەرگەن ۋەدەڭدىن بىلىپ بىلمەي ئېزىپ يىنىپ قالدىغاندەك بىلنەشتى… ئويلىغىنمدەك سەن ھەتتا يۇقاپكەتمەسلىككە قەسەم ۋەدە قىپ تۇرۇپ تىلفۇنىڭنىڭ تۇكى يوقلىقنى توختاپ قالغانلىقىنى باھانە قىلىپ ئالدى كەينى بۇلۇپ ئۈچ ئاخشام مەن بىلەن ئالاقىلاشماي يۇقاپ كىتىپ كۈندۈزى چۈشتىن ئاشقانلاردا ئالاقىلاشتىڭ…شۇ كىچىدىكى ئازاپلىنىش ھىسياتى تا ھازىرغىچە ئىسىمدە پەقەت ئۇ ئىشلارنى مانا مۇشۇ ھازىرغىچە ئەسلەپ باقمىغانتىم مانا ئەمدى ئەسلىدىم …ساڭا نەپرىتىم كىلۋاتدۇ ، بىلەمسەن سىنىڭ ماڭا بەرگەن ئازاپلىرىڭنى پەقەت ئەسلىگۈم يوق ئىدى ،چۈنكى مىنىڭ ساڭا ئۆچ بولغۇم يوق بىراق بۈگۈن بىر قىسىملىرى يادىمغا يىتىپ چىشلىرىم بىر بىرنى قاتتىق چىشلىشۋاتدۇ … شۇنداق قىپ سەن ئۈرۈمچىدىن قايتىپ كەلگەندىن بىرى ماڭا بولغان مۇئامىلەڭ ئۆزگىرەشكە باشلىدى ، ماڭا بۇرۇنقى مۇئامىلەڭدىن قىلچىلىك ئەسەر قالمىغان ئىدى بىزنىڭ سۆيگۈمىزدىنمۇ ئەسەر قالمىغاندەك ھىس قىپ ساڭا نەچچە رەت ئېيتقانتىم سەن ماڭا ئارتۇق ئويلىۋاپسىز دەپلا چۈشەنچە بەردىڭ…
مەن ھەقىقى ھىس قىلشقا باشلىدىم ، سۇغۇق مۇئامىلە ، گەپ قىلسا گەپ قايتۇرماسلىق ، مەن بىلەن گەپلىشۋېتىپ باشقىلاغا گەپ قىپ كىتىش ، پاراڭلىشۋېتىپ تۇيۇقسىز يوق بوپ كىتىش ، چۈشەنچە بەرمەسلىك ، بۇرۇنقىدەك ۋەدىدىن قىلچىلىك ئەسەر قالماسلىق، باشقا ئۇغۇللار بىلەن ئۈندىداردا پاراڭلاشقاننى ئاز دەپ كۈزۈمگە كۆرسىتىپ تۇرۇپ ئاشكارە ھالدا خۇددى زوتەي ئۈچتە ھەمرا خېنىملاردەك كۈچۈكلىنىپ ئۇلارغا نازلىنىپ يىلىنىش ھىسياتىدا پاراڭلىشىپ كىتىشلىرىڭ ماڭا بولسا شۇنداق سۇغۇق مۇئامىلىرىڭ …… ئىشقىپ بەك كۆپ ئىشلارنى ھىس قىلغانتىم ھىس قىلغىنىم توغرا بوپ چىقىپ ئاخىرى سەن ئۈزۈڭدىكى نىقابىڭنى ئېپ تاشلاپ ئۆز گىپىڭدە ۋەدەڭدە تۇرمىغانلىق سەۋەپلىك ئىككىمىز ئايرىلدۇق…
بىلەمسەن بىزدە قەسەم ۋەدىنى چوڭ بىلىش ئىددىيسى بار ھەم ئادەم قەسەم ۋەدە قىلغان ئىكەن ئۇرۇنداش كىرەك. چۈنكى قەسەمدىن ئىنسان ئۆتكەن بىلەن ياراتقۇچى ھەرگىز ئۆتمەيدۇ. شۇ بەرگەن قەسەملەر بىر كۈنى چۇقۇم تۇتىدۇ…شۇڭا بۇنىڭدىن كىيىن يالغان قەسەم بەرمەسلىكىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلمەن…بىلەمسەن سىنىڭ ۋەدەڭدە تۇرمىغىنىڭ ئۈچۈن بىز ئايرىلغان كۈنى شۇنچە ئاچچىقىم كىلىپ يىرىلىپ كەتكۈدەك بولغان، ساڭا نەپرەتلەنگەن بولساممۇ بىراق بىر ۋاقىتلاردىن كىيىن كۆڭلىم يەنە سىنى تارتتى بۇ نىمە ؟ سەن بىلەمسەن بۇ ھەقىقى سۆيگۈنىڭ كۈچى، ھەقىقى مۇھاببەتنىڭ كۈچى…مىنىڭ سۆيگۈم مىنىڭ غۇرۇرىمنى دەپسەندە قىلشقا ئۈندەۋاتىدۇ.شۇنداقلا ماڭا بىسىم قىلۋاتىدۇ…
ساڭا يانا شۇنى ئېيتاي جېنىم بۇنۇڭدىن كىيىن باشقىلارنىڭ سۆيگۈسىنى ئالدىما…دۇنيادىكى ئەڭ پەسكەش ئادەمنىڭ ئىشىنى ھەرگىز قىپ سالماسلىقىڭنى ئۈمىد قىلمەن …سەن كۆڭلىمدە يەنىلا مىنىڭ سۆيگۈنۈم …بىلەمسەن مۇشۇ خەتلەرنى يىزۋاتقىنمدا بىر يەرلىرىمدىن يەنە ساڭا نەپرىتىم كەلسىمۇ بىراق يەنە بىر يەرلىرىمدىن سىنى باغرىمغا بىسىپ قېنىپ قېنىپ سۈيۋالغۇم كىلۋاتدۇ …مانا شۇ تاپتا يۈركىمنى ھەر تەرەپتىن قىستاش تالاش تارتىش قىلش قىيناۋاتدۇ…يۈركىمدە نۇرغۇن سۆزلەر بولسىمۇ بىراق بۇسۆزلىرىمنىڭ ئاخرىنى يىزىشقا راسلا ئاجىزلىق قىلدىم. يىزىشقا ماغدۇرىم يەتمىدى…بىلسەڭ قۇلۇم ھەم يۈركىمدە جان قالمىدى… ئاخىرنى كىيىن يىزىشقا قويغۇم يوق شۇڭا مۇشۇ يازغىنمنىڭ تىزراق ساڭا يىتىپ بىرشىنى ئۈمىد قىلمەن…خەيىر ! تەقدىرنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرشى باردۇ…بۇ كۈنلەرمۇ چۇقۇم ئۈتۈپ كىتىدۇ… ئەلى… 2015-يىلى دىكابىر…
351 قېتىم كۆرۈلدى | aisaali | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-12-11 17:55:06 | :يوللانغان ۋاقتى |
2016-1-18 0:54:28 | gulum |
bak yahxi yizip siz japa tatgz rahmat |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|