بىز بىرىنچى
مۇھەممەد ئەركىن چىن يار
ھايا يوقالسا بالا كېلەر (ئۇيغۇر خەلىق ماقاللىرى )
ھەمىمىزگە مەلۇم ، ئائىلە كىشى ئۈچۈن ئەڭ سۆيۈملۈك ماكان ، سىرتلاردا دېيەلمىگەن گەپ سۆز ، تىل قىسىنچىلىقلارنى ئائىلدە ئورتاقلىشىپ ھەل قىلالايمىز . كەچلىكى ھارغىنلىق ئىچىدە قايتىپ كەلگىنىمزدە بىر شىرەدە ئولتۇرۇپ تاماق يېيىشنىڭ ئۆزىمۇ بىر بەخىت . مەن بۇ ھەقتە بىر مەسلىنى سۆزلەپ ئۆتەي .
بۇرۇن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان بىر مەھبۇس بولۇپ ، ئۇ جازا مەيدانىغا ئېلىپ چىقىلغاندا .پادىشاھ ئۇنىڭدىن ئۆلۈشتىن بۇرۇنقى بىر شەرتىنى بەجا كەلتۈردىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ .مەھبۇس « ئۇنداق بولسا نەن ئائىلەمدىكىلەر بىلەن بىر ۋاق تاماق يەۋالسام »دەپتۇ .
پادىشاھ قوشۇلۇپتۇ ،شۇنداق قىلىپ مەھبۇسنىڭ ئائىلسدىكىلەر بىر شىرەدە ئولتۇرۇپ تاماق يەپتۇ . تاماق يېيلىپ بولغاندىن كېيىن مەھبۇسنىڭ ئايالى بىلەن بالسى مەھبۇسنىڭ پۇتىغا ئېسىلىپ يىغلاپ كېتىپتۇ . بۇ ھالنى كۆرگەن پادىشاھ مەن ئۇنى ئۆلتۈرۋەتسەم ئائىلسدىكىلەرنىڭ قىساسىغا قالمامدىم دېگەنلەرنى ئويلاپ ، مەھبۇسنى ئۆلۈمدىن ئازاد قىپتۇ .
ھازىرچۇ ؟ بىر قىسىم كىشلىرىمىز بۇنىڭ ئەكسىچە .كۆز ئالددىكى بەخىتىنى نابۇت قىلۋاتىدۇ . تۇرمۇش سەۋىيىرىمىز ئۆسكەنسىرى تەرەقىياتقا ماسلىشىمىز دەپ كېچە -كېچە ھەر خىل باھانىلەر بىلەن سىرتلاردا ئاشنا ئوينايدىغان ئەھۋاللارمۇ شەكىللەندى . ئۆيگە قايتالمىغان ۋاقىتلىرىمزدا ئائىلمىزنىڭ بىزگە تەلمۈردىغانلىقىنى بىلمەيدىغاندىمزمۇ . ئوماق سەبىيلىرىمزنىڭ پات - پات سائەتكە قاراپ « ئاپا ، دادام تېخى كەلمەيدىغۇ » دېگەنلىرنى ئېسىمزدىن چىقىرۋەتتۇقمۇ . ئاياللىرىمزنىڭ قاتار چاي ئوينىغىلى ماڭغانلىقىنى كۆرۈپ گەپ قىلماس بولدۇق . شۇ سەۋەپتىن ئائىلىمىز ئويۇن - تاماشىنىڭ قۇربانى بولۇپ ئاجىرشىش نىسبىتىنى كۆپەيتىۋەتتى .
بىر كۈنى ئەرزىيەت ئىشخانىسغا دوستۇمنى ئىزدەپ باردىم ، ئىشخانا ئىچىگە كىرىپ كۆردۈمكى بىزنىڭ مىللەتتىن بولغان ئەر-خوتۇنلار ئىشخانا ئىچىگە توشۇپتۇ . دوستۇم مېنى كۆرۈپ ئىشخانا سىرتىغا چىقىپ پاراڭلىشايلى دەپ ئىشارەت قىلدى . ئىشخانا سىرتىغا چىققاندا بۇلارنىڭ نېمە ئىش قىلغىلى كەلگەنلىكىنى سورىدۇم .
ھەممىسى ئاجىراشقىلى كەلگەنلەر . دېدى دوستۇم ئۇھسىنىپ ،
ئەتىراپىمىزغا قارايدىغان بولساق ، نۇرغۇنلىغان سەبىيلىرىمىز يىتىم قېلۋاتىدۇ ، ئائىلىدە تەربىيەسىز قېلۋاتىدۇ . سىتاتستىكىغا ئاساسلانغاندا، بىز مىللەتنىڭ ئاجىرشىش نىسبىتى دۆلىتىمىز بويىچە بىرنچى ئورۇندا تۇردىكەن ، ئەگەر يەنە ئازىراق تىرشسا دۇنيا چىمپىيۇنى بولۇش ئېھتىمالىغا يېقىن . تېخى بىز ئۆزىمىزنىڭ ئاجىرشىپ كەتكىنىمزنى داۋراڭ سالمىز . بۇ شەرەپ ئىشمۇ ؟ قاچانغىچە مۇشۇ بىرنچىلىكىنى ساقلاپ يۈرەمىز …
| 259 قېتىم كۆرۈلدى | مۇھەممەد ئەركىن چىن يار | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-10-21 12:35:31 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|