سالام خەت
ئەكبەر ئەركىن
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم مەن ئۈچۈن ئەڭ قەدىردان، ھاياتىمنىڭ ئاپىرىدە قىلغۇچىللىرىدىن بىرى بولغان دادا. قانداق ئەھۋالىڭىز. ئەزىز تېنىڭىز ئامانمۇ؟ ئادەمنىڭ ئەڭ چوڭ كۈشەندىسى بولغان ئاغىرىق سالاقلاردىن يىراق تۇرغانسىزمۇ؟ تۇرپان دىيارىنىڭ پىژغىرىم ئىسسىقلىرى سىزنى قىيناۋاتقاندىمۇ؟ ۋە ياكى تۆت ئەتىراپى ئېگىزدىن-ئېگىز قوپۇرۇلغان تاملىرى ئارسىدا ئولتۇرۇپ ئەركىنلىكىڭىزنى ئىلگىركى بەخىتلىك ئائىلىمىزنى سېغىنىپ يۈركىڭىزنىڭ بىر يەرلىرى ئاچچىق بولۋاتقانمىدۇ؟ بەلكىم ئويلىغانسىز دادا، سىزنىڭ نادانلىقتا قىپ قويغان ئاشۇ خاتالىقىڭىزنىڭ ئۆز پۇشتىڭىزدىن تۆرەلگەن، ئەمدىلا ئۇچۇرما بولىۋاتقان ئوماق بالىلىلىرڭىزنى قاناتسىز، مەڭگۈلۈك قەدىناسىڭىز بولغان ئاپامنى يۆلەنچۈكسىز، ئېنە-سېڭلىلىرىڭىزنى قوغدايدىغان قاناتسىز، ئاكىڭىزنى ئوڭ قولدىن ئايرىپ ئاتا-ئانىڭىزنى يۈركىدىن ئايرىغىنىڭىزنى ئۇيلىغىنىڭىزدا ئىختىيارسىز ئەلەم كۆز ياشلىرىڭىز تۆكۈلىدىغاندۇ؟
نەق گەپكە كەلسەك. بىر پەرزەنىت ئۈچۈن ئەڭ سەبىئي، ئەڭ گۈدەك، ئاتا مېھرىگە ئەڭ مۇھتاج ۋاقىتلىرنىڭ «دادا» دېگەن سۆزدىن مەھرۇم قېلىپ كۈن كەچۈرمىكى بەكمۇ تەسكەن دادا. چۈنكى ئەلمىساقتىن ئوغول ئاتىنىڭ باسقان قەدىمىنى بېسىپ چوڭ بولىدۇ ئەمەسمۇ؟ ئالدىمغا قارىدىم، سىزنىڭ باسقان قەدىمىڭىز تۇرماق سىزنىڭ سىزنىڭ سىمايىڭىزمۇ كۆرۈنمەيتتى. ئەجىبا ئەمدىلا سەككىز ياشقا كىرگەن مەن رەزىللىككە تولغان بۇ جاھاننى ئۆزۈم يالغۇز كېزىمەنمۇ؟
بەزىدە ئولتۇرۇپ ئەسلەپ قالىمەن. چوڭ ئۆيدە تۇردىغان ۋاقىتلىرىمدا سىز مېنى كۆرگىنى كەلگەندە بوينىڭىزغا ئېسىىۋىلىپ زادىلا قويىۋەتمەيتىم. بەزىدە قۇچىقىڭىزدا ئولتۇرۇپ ئۇخلاپ قالاتتىم. پەقەت شۇ چاغلاردىلا مېنىڭ ئاتا مېھرىدىن ئەڭ ھۇزۇر ئالغان ۋاقىتلىرىم بولغىيدى. قايتار ۋاقتىڭىزدا سىز بىلەن كەتكۈم كېلەتتى،كەينىڭىزدىن ئەگىشەتتىم، يىغلىغىنىمغا ئۇنىماي قاياقلارغىدۇر غايىپ بولاتتىڭىز. مومام بىچچارە يىغامغا چىدىماي مەن بىلەن بىللە يىغلاپ «-يىغلىما بالام، داداڭ ئەتىلا كېلىدۇ. سېنى ئەتىلا كېلىپ ئەپ كېتىدۇ.» دەپ مېنى بەزلەيتى. 10يىل! توپتوغرا 10يىل بولدىغۇ دادا. ئاشۇ ئەتىلەرنى ساقلاپ ئولتۇرۇپ 10يىل ئۆتۈپ كەتتىغۇ. لېكىن سىمايىڭىز يەنىلا پەقەت ھەر كېچىدىكى چۈشۈمدىلا ئەككىس ئېتەتتى دادا. ئەينى چاغلاردىكى قايناق بۆرتالا بازارلىرىدىكى كوچىلاردا ئۈچ چاقلىق ۋېلىسپىتتە مېۋە-چىۋە سېتىپ يۈرگەن چېغىمىز، مېنىڭ چوڭ ئۆيدىن سىزنىڭ قېشىڭىزغا قېچىپ بېرىۋالغان چاغلار 10يىل ئاۋالقى گۈزەل بىر چۈشكە ئايلاندىغۇ دادا.
ۋاقىتنىڭ رەھىمسىزلىكىگە قاراڭ. ھەر قېتىم كۆرۈشۈشكە بارغىنىمدا ئاشۇ رەھىمسىز يىللارنىڭ يۈزىڭىزگە قالدۇرغان يالدامىللىرى مېنىڭ ئىچىمنى ئاچچىق قىلاتتى. مەنمۇ چوڭ بولدۇم دادا ئامانچىلىق بولسا يەنە نەچچە يىلدىن كىيىن جەم بولغان ۋاقتىمىزدا كۆرىدىغىنىڭىز ئەينى چاغدىكى يىغلاڭغۇ ئوغلىڭىز ئەمەس بەلكى ئۆزىڭىزنىڭ ياش چاغلىرڭىزنىڭ سىماسى بولىدۇ دادا. بارچە ئۇرۇق-تۇققان، دوست-بۇرادەرلىرىڭىز يولىڭىزغا تەلمۈرمەكتە. ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ دادا. بىز ھەممىمىز بۇندىن كىيىنكى تاماق ئۈستىلىدە ھەممىزنىڭ جەم بولىشىنى ساقلايمىز.
سىزنى تۆت كۆز بىلەن كۈتۈپ ئوغلىڭىز ئەكبەردىن.
2016-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى
ئۈندىدا:2629888235
251 قېتىم كۆرۈلدى | akpar430 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-12-6 2:29:12 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|