ئاغرىنىش-قاقشاشلاردىن توختاڭ

ئاغرىنىش-قاقشاشلاردىن توختاڭ

گۈلزىرە مەخمۇت

   ئاغرىنىش-قاقشاشلاردىن بەكلا زېرىكىپ كەتتىم . بەلكىم كىشىلەرنىڭ بەخت تۇيغۇسى ئازلاپ كەتكەندۇر ، ۋەياكى تۇرمۇش بېسىمى ئېشىپ كەتكەندۇر . ئىشقىلىپ ، ھەممىمىزگە ئاسان ئەمەس ، بىراق بۇ خىل پاسسىپ پوزىتسىيە بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدىن يىراق بولۇشى كېرەك ئىدى ، بىراق ھازىر قاقشاشلار تۇرمۇشىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىغا ئايلىنىپ قالدى . ‹‹ بۇ ئۆي ئىشلىرى پەقەت تۈگىمەيدۇ ›› ، ‹ ‹خىزمىتىمىز بەك جاپالىق ، شەنبە-يەكشەنبىمىزمۇ يوق ، بەك ھاردىم › › ، ‹‹ بۇلاردىن بەك زېرىكتىم ، دائىم ئىش چىقىرىپلا تۇرغان › › ، ‹ ‹ قىلىدىغان ئىشىمىز بەك جىق ، بىر قولۇمنى ئىككى قىلىپ بولالمايۋاتىمەن ››  دېگەندەك قاقشاشلار.....نېمانداق تۈگىمەيدىغان قاقشاشلار بۇ ! بۇ خىل قاقشاشلار تۇرمۇشىڭىزنى ئۆزگەرتەلىدىمۇ ؟ بىرەر ئىشىڭىز ئازلىدىمۇ ؟ ياق ، ھەممىسى شۇ جايىدا ، تېخى تۈگىمىدى . ئەكسىچە ، كەيپىياتىڭىز تېخىمۇ ناچارلىشىپ ئىشلىرىڭىز ھەل بولمايۋاتىدۇ . شۇنداق ئەمەسمۇ ؟ لېكىن ئادەم ياخشى كەيپىيات بىلەن ئىش قىلسا ، ھەممە ئىشى ئاسانغا توختايدۇ ، ئىش ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ . ناچار كەيپىياتچۇ ؟ ئىشلىرىڭىزغا تەسىر يەتكۈزۈپ ، قىلغانسىرى تۈگىمەيدۇ ، قاقشاشلار تېخىمۇ كۆپىيىشكە باشلايدۇ .

   تۇرمۇشتا كۆڭۈلسىز ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى ناھايىتى نورمال ئىش . چۈنكى تۇرمۇشنىڭ ئۆزى كۈلكە ۋە يىغىنىڭ بىرلەشمىسىدىن تەركىپ تاپقان . ھاياتىڭىز ھەرگىزمۇ توختاپ قالغان سۇغا ئوخشاش بىر خىل رېتىمدە ئۆتمەيدۇ . ھەممىمىز تۇرمۇشنىڭ ھەرخىل سىناقلىرىغا دۇچ كېلىمىز . بەزىدە خۇشاللىقتىن ئۆزىمىزنى بەختلىك ھېس قىلساق ، يەنە بەزىدە ئازاپ-ئوقۇبەتلەردىن ئۆزىمىزنى گوياكى بەختتىن بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقىمىز يوقتەك ھېس قىلىپ ئۈمۈدسىزلىنىمىز . شۇنداق چاغلاردا يېقىنلىرىمىزدىن ئاغرىنىمىز . نېمىشقا مەن بىلەن كارى بولمايدۇ ؟ مەن شۇنداق ناچارمۇ ؟ ئەجەپ بىلىشى يوقكەن ، ئادەم نېمانداق شەخسىيەتچى ؟ دېگندەك .....بىراق ، سىز ئويلاپ باقتىڭىزمۇ ؟ بەلكىم باشقىلارمۇ سىزگە ئوخشاش ئۈمۈدسىزلىك پاتقىقىغا پېتىپ قېلىپ ، يولىنى قانداق داۋاملاشتۇرۇشنى بىلەلمەي قېلىۋاتقاندۇر.....نېمىلا دېگەن بىلەن ھەممىمىزنىڭ دەرد-ئەلىمى بار . ھەركىم شۇ غېمى بىلەن ئالدىراش . شۇڭا كونىلار‹ ‹ توخۇ داڭگال چۈشەيدۇ ، ئۆچكە جاڭگال ›› دەپ بىكار ئېيتمىغان .

   باشقىلارنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنى كۆرۈپ ، ئۆزىڭىزنىڭ تۇرمۇشىدىن ئاغرىنماڭ . بەلكىم ئاشۇ كىشىلەرنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق دەردى بار ، پەقەت شۇ ئىچىدە بىلىدۇ . بەزىلەر ئاغرىنىشنى ئۆزىگە كەسپىي كېسەل قىلىۋالغان بولسا كېرەك . كىمنى كۆرسە شۇنىڭغا دەرت تۆكىدۇ . باشقىلارنىڭ ئاشۇ دەرتلەرنى ئاڭلىغۇسى بارمۇ ؟ ئاڭلاشنى خالىمايدۇ ، پەقەت شۇ قائىدە يۈزىسىدىنلا ئاڭلاپ قويىدۇ خالاس . شۇڭا دىيدىغىنىم ، ئاغرىنىشلارنى قويۇپ ، ئۆزىڭىزنى كۆپرەك تەھلىل قىلىڭ ، ئۆزىڭىزگە ئۆزىڭىز ياردەم قىلىڭ . سەۋەپنى كۆپرەك ئۆزىڭىزدىن ئىزلەپ ، باشقىلاردىن ئاغرىنىشىنى توختىتىڭ . بىر ئادەم بىلەن يەنە بىر ئادەمنىڭ تۇرمۇشى ئوخشىمايدۇ . شۇڭا ، تۇرمۇشىڭىزنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ پوزىتسىيەرىڭىزنى ئۆزگەرتىپ بېقىڭ . سىز ھاياتقا كۈلۈپ باقسىڭىز ، ھاياتمۇ سىزگە كۈلۈپ باقىدۇ .

   مەن مۇنداق بىر ھېكايىنى ئاڭلىغان : پويىزدا مەنزىرە كۆرۈپ كېتىۋاتقان بىر كىشىنىڭ تۇيۇقسىز بىر پاي ئايىقى چۈشۇپ قاپتۇ . ئۇ كىشى دەرھاللا يەنە بىر پاي ئايىقىنى سېلىپ سىرتقا تاشلىۋېتىپتۇ . ئۇ كىشىنىڭ ئەتراپىدىكىلەر بۇنى كۆرۈپ ئەجەپلىنىپ سوراپتۇ : ‹‹-نېمىشقا يەنە بىر پاي ئايىقىڭىزنىمۇ تاشلىۋېتىسىز ؟ ئايىقىڭىز يوق ، ئەمدى قانداق قىلىسىز ؟›› ئۇ كىشىنىڭ جاۋابى ھەممەيلەننى ھەيران قالدۇرۇپتۇ :‹‹-بىر پاي ئايىقىم چۈشۈو قالغانغا كۆڭلۈم يېرىم بولدى . بىراق يەنە بىر ئايىقىمنى تاشلىۋەتسەم ، ئايىقىمنى تېرىۋالغان كىشىنىڭ بىر جۈپ ئايىقى بولمامدۇ ؟ ›› بۇ ھېكايىنى ئاڭلاپ ئاشۇ كىشىنىڭ تۇرمۇشقا بولغان  ئاكتىپ ئۈمۈدۋار پوزىتسىيىسىدىن شۇنداق سۆيۈندۈم . توغرا ، ئۈمۈدۋارلىق كىشىگە ھۇزۇر ئاتا قىلىدۇ ، تۇرمۇشىڭىز تېخىمۇ كۆڭۈللۈك ئۆتىدۇ . ھېكايىدىكى كىشى گەرچە ئايىقىدىن ئايرىلىپ قالغان بولسىمۇ ، بىراق ئۇ ئاھ ئۇرۇپ كەتمىدى . چۈنكى ئۇ باشقىلارنى ئويلىدى . ئەگەر ئۇ ‹‹ ئايىقىم نېمىشقا چۈشۈپ قالىدۇ ؟ دېرىزە تۈۋىگە كەلمىگەن بولسام ئايىقىمدىن ئايرىلىپ قالمايتىم .....›› دېگەندەك سۆزلەرنى قىلمىدى . ئاشۇنداق سۆزلەرنى قىلسىمۇ ، بەرىبىر ئۇنىڭ ئايىقى ئالدىغا كېلىپ قالمايدۇ،-دە ! شۇڭا ئۇ ئاقىلانىلىق بىلەن ئۈمۈدۋار بولۇشنى تاللىغان . كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا بۇنداق ئىشلار جىق يۈز بېرىپ تۇرىدۇ . لېكىن ئۆتكەن ئىشنى كىم ئۆزگەرتەلەيدۇ ؟ ئۆزگەرتىش قولىمىزدىن كەلمەيدۇ ، لېكىن ئۆتكەن ئىشقا تۇتقان پوزىتسىيىمىزنى ئۆزگەرتەلەيمىز . ئاغرىنىشلارنى كۆنۈپ قالغانلار قانداق قىلىدۇ ؟ ئاھ ئۇرۇپ ھالى قالمايدۇ . ئۇلارنىڭ تۇمۇشى ئاغرىنىشلارغا توشۇپ كەتكەن . لېكىن بىز نېمىگە موھتاج ؟ تۈگىمەيدىغان ئاغرىنىشلار بىزگە نېمە ئېلىپ كېلىدۇ ؟ ئاغرىنىش ئاغرىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . بىز ئۈمۈدۋار ئاكتىپ ئېنىرگىيىگە موھتاج ! شۇڭلاشقا ، تۇرمۇشتا ئۈمۈدۋار بولۇڭ ! ئۆلمىگەن جاندا ئۈمۈد بار دەپتىكەن . بىرەر قىيىن ئىشلارغا دۇچ كەلگەندە نېمىشقا مەن بۇنداق تەلەيسىز دەپ قاقشىماي ، مۇشۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلسام بولار ؟ دەپ كاللا ئىشلىتىڭ . سەۋەپ قىلساڭ سېۋەتتە سۇ توختايدۇ دەيدىغۇ ، چوقۇم ھەل قىلالايسىز قاقشاشنى توختاتسىڭىز ! ئۆزىڭىزگە باھانە ئىزدىمەڭ . باھانە ئاقمايدۇ ، باھانە ھېچقانداق ئىشنى ھەل قىلالمايدۇ ! شۇڭا ، ئۆزىڭىزنىڭ پاسسىپ پوزىتسىيەرىڭىزنى ئۆزگەرتىڭ ، ئەتراپىڭىزدىكى ئۈمۈدۋار كىشىلەردىن ئۈلگە ئېلىڭ .

   سىزگە نىك(Nick Vujicic)尼克·武伊契奇 توغرىلىق سۆزلەپ بېرەي: نىك ئاۋىستىرالىيەنىڭ موربېن شەھىرىدە تۇغۇلغان داڭلىق نۇتۇقشۇناس . ئۇ تۇغما مېيىپ ، قولى يوق ، پۇتىمۇ يوق ، بىراق ئۇ ھاياتىدا ئاجايىپ مۆجىلەرنى ياراتتى . ئۇ ئۆزىنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەش ئارقىلىق باشقىلارغا ئۆزىنى ۋە دۇنيانى مېھىر-مۇھەبىبىتى بىلەن سۆيگەندىلا ، ھەرقانداق قىيىنچىلىقنى يەڭگىلى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن . ئۇ مۇنداق دېگەن : ۋاز كېچىشنىڭ ئۆزى مەغلۇبىيەت ، ھاياتلىقنىڭ قىممىتى پۈتكۈل ۋۇجۇدى بىلەن كىرىشىش . ئۆزۈڭ بول ، ئۆزۈڭگە ئىشەن ، ئۆزۈڭنىڭ قىلالايدىغانلىقىغا ئىشەن . سەن ھەركۈنى تاللاشقا دۇچ كېلىسەن ، سەندە پەقەت ئۈمۈد تۇيغۇسى بولغاندىلا ، غەلبە ئۈچۈن كۈرەش قىلالايسەن !2004493052-8.jpg2004491Q2-3.jpg

   ھېچقانداق ئادەم تۇيۇقسىزلا نەتىجە قازىنىپ قالمىغان . بىر ئادەمنىڭ نەتىجىسىنىڭ كەينىگە نۇرغۇنلىغان ئوڭۇشسىزلىقلار يوشۇرۇنغان . نىكنىڭ ھاياتىمۇ ھەم شۇنداق . ئۇ تۇغۇلغان ۋاقتىدا ھەتتا ئاتا-ئانىسىمۇ ئۇنى قوبۇل قىلالمىغان . ئۇ ئۆلۈۋېلىشنىمۇ ئويلىغان ، بىراق يەنىلا ئۈمۈدۋارلىق بىلەن ياشاشنى تاللىغان . ئۇ باشقىلارنىڭ ئۆزىگە قانداق قارىشىغا پەرۋا قىلمىغان . ئۇ تۇنجى قېتىملىق نۇتۇقىنى سۆزلەش ئۈچۈن باشقىلارنىڭ 52 قېتىم رەت قىلىنىشىغا ئۇچرىغان . بىراق ئۇ قەتئىي ۋاز كەچمىگەن ، تىرىشچانلىقى ئارقىلىق بەش مىنۇتلۇق نۇتۇق سۆزلەش پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈرگەن . ئۇ نۇتۇق سۆزلەش جەريانىدا ئۆزىنىڭ باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان كەچۈرمىشلىرىنى ناھايىتى يۇمۇرلۇق ، ئوبرازلىق قىلىپ سۆزلەپ ، باشقىلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن . ئۇ مۇنداق دېگەن : ئادەمنىڭ ھاياتىدا پۇت-قولىدىن ئايرىلىپ قېلىشى قورقۇنچلۇق ئەمەس ، بەلكى غايە ۋە ئۈمۈدنىڭ بولماسلىقى ئەڭ قورقۇنچلۇق ئىش . كىشىلەر دائىم قىلالمايۋاتقىنىدىن ئاغرىنىدۇ . بىراق مەن ئۆزۈمنىڭ نېمىلەردىن بەھرىمەن بولۇۋاتقانلىقىمنى ، نېمىلەرگە ئېرىشەلمەيۋاتقانلىقىمنى ئېسىمدە تۇتىمەن . ھەرگىزمۇ ئېرىشكەن نەرسىلىرىمنىڭ قەدرىنى قىلمايدىغان ئىشنى قىلمايمەن . قەدىرلىمەسلىك سېنى پۇشايمانغا قالدۇرىدۇ . تەقدىرىمىزنى ھەقىقىي ئۆزگەرتىدىغىنى پۇرسەت ئەمەس بەلكى ئۆزىمىزنىڭ پوزىتسىيەسىدۇر . مەغلۇپ بولۇش قورقۇنچلۇق ئەمەس ، مۇھىمى داۋاملىق سىناپ بېقىش . ئەگەر سىز مەغلۇپ بولسىڭىز ، يەنە ئورنىڭىزدىن تۇرۇڭ . پوزىتسىيە ھەممىنى ئۆزگەرتىدۇ !

2004496222-7.jpg

   باشقىلار نېمە قىلىۋاتىدۇ ، مەن نېمە قىلىۋاتىمەن دېگەننى كۆپرەك ئويلاپ تۇرۇشىمىز كېرەك . بۇرنىڭىزنىڭ ئۇچىنىلا كۆرمەي تېخىمۇ يىراقلارغا نەزەر سېلىشنى ئۆگىنىڭ . ئاغرىنىشلار سىزنى ھالسىرىتىپ قويمىسۇن ! ئۆزىڭىزنىڭ پاسسىپ پوزىتسىيەرىڭىزنى  ئۆزگەرتىڭ ، ئەتىڭىزنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولۇشىغا ئىشىنىڭ !

تۆت قۇلاق قەلىمىدىن

2016-يىلى 12-نويابىر



     





595 قېتىم كۆرۈلدى sansiz99 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-12 22:47:04  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ