جەننەت ئانىلىرىمىزنىڭ ئايىغى ئاستىدا

ئانىسى ھايات ۋاقتىدا بىرەر قېتىم تەرىتىگە سۇ بېرىپ باقماي، ئۆلۈپ كەتكەندە مىيىتىغا سۇ ئىسسىتىشتىن ئارتۇق بىچارىلىك بولامدۇ؟

ئانىسى ھايات ۋاقتىدابىرەر چىشلەم گۆش بېرىپ باقماي،ئۆلۈپ كەتكەندە قوي سويۇپ نەزىرىنى بېرىشتىن ئارتۇق گىرىلىك بولامدۇ؟

ئانىسى ھايات ۋاقتىدا بىرەر قېتىم ئانا ھالىڭ قانداق دەپ ئەھۋال سورىماي تۇرۇپ،ئۆلۈپ كەتكەندە ۋاي ئانام دەپ توۋلاپ يېغلاشتىن ئارتۇق ئارتىسلىق بولامدۇ؟

 ئانا ھايات ۋاقتىدا قەدىرلىمەي ئۆلگەندە پۇشماش قىلىشتىنمۇ ئارتۇق ئەخمەقلىق بولامدۇ؟

ئانىسى ھايات ۋاقتىدا بىر ياغلىق ھەدىيە قىلالماي ئۆلگەندە قىممەت كىپەنلىك كىيدۈرۈشتىنمۇ ئارتۇق دۆتلۈك بولامدۇ؟

ئانىسى ھايات ۋاقتىدا بىر كۆرەي دىمەي ئۆلگەندە يۈزىنى كۆرىۋالسام دىيىشتىنمۇ ئارتۇق ساراڭلىق بولامدۇ؟

ھەممەيلەن ئانىمىزنى قەدىرلەيلى! ئاسرايلى، ئۇنى رازى قىلايلى چۈنكى گۈزەل جەننەت ئاشۇ جاپاكەش ئانىلىرىمىزنىڭ بىزلەرنى دەپ ئەمدىلىكتە ماڭالماي قالغان سۆيۈملۈك ئايىغى ئاستىدا……





350 قېتىم كۆرۈلدى 1774981010 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-1-8 22:48:50  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ