ئادەم تىللاش
مىلىتسىيە
ئۇچقاندەك تەرەقىي قىلىپ شەھەرلىشىش ، يېزىلارنىڭ بازارلىشىشى ،كىشلەرنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرشى كۈندىن - كۈنگە تىز بۇلىۋاتىدۇ .
بۇخىل تەرەقىيات تۇرتىكىسىدە شەھەرلەردە ، يېزىلاردا بولمىسۇن كۆپ مىللەت ئولتۇراقلىشىش ، ھەرقايسى رايۇن خەلىقلىرى ئولتۇراقلىشىش ئەھۋالى شەكىللىنىپ تۇرمۇشىمىز كۈندىن -كۈنگە رەڭگارەڭ بۇلىۋاتىدۇ .
بۇخىل مۇھىت باللارنىڭ ئۈسۈپ يىتىلىش تەرەقىياتىغا ،چوڭلارنىڭ تۇرمۇش ، سودا -سېتىق ،مەدەنىيەت ئالماشتۇرشىغا زور پايدىسى بولدى .
لىكىن مانا مۇشۇنداق ئەۋزەل شارائىتتا بىرقىسىم ناچار بولغان ئەھۋال مەيدانغا كىلىۋاتىدۇ ،قارىماققا بۇ بىر ئادەتتىكى مەسىلە بولسىمۇ ئاتا-ئانىلارنىڭ ھەم جەمىيەتتىكى ھەرقانداق بىر ئادەم كۆڭۈل بىلىشكە تىگىشلىك بولغان مەسىلە . ئۇ بولسىمۇ دەل باشقىلارغا تىل ئارقىلىق ھاقارەت قىلىش «تىللاش».
تىللاش بولسا ئەخلاققا چېتىلىدىغان سۆز .
: ئەخلاقلىق بولغان ئادەملەرنىڭ تىلى گۈزەل بۇلىدۇ ،بۇخىل ئادەملەر كىشلىك مۇناسىۋەت ھەم ئىلمى بولغان ئىلىم سورۇنلىرى ياكى باشقا مۇناسىۋەتلەردە زور ئۇتۇقلارنى قازانغان بۇلىدۇ . ھەممىمىز ئەخلاقىغا ھۆرمەت قىلىدىغان ،ئىلىمىگە قول قۇيىدىغان ، دىننى ئالىم ،تەرجىمان مۇھەممەد سالىم داموللا ھاجىم بىلەن پاراڭلاشقىنىمدا ئۇنىڭ «بىزنى ئاتام سەت گەپتىن تۇساتتى ،مەن ھاياتىمدا سەت گەپ قىلىشتىن يىراق تۇردۇم »دېگىنىنى ئاڭلىغانتىم . دېمەك بۇ ئادەمدىكى گۈزەل ئەخلاق ھەم پۈتۈك ئىلىم دەل ئۇنىڭ گۈزەل تىلىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ .
تىللاش يەنى مەدەنىيەت ھەم ئىتىقادقا چېتىلىدىغان سۆز .
بىر ئائىلىنىڭ ئائىلە مەدەنىيىتى ئىسىل ھەم ئىتىقاد ئەركىنلىكى ئاستىدا بولسا بۇخىل ئائىلىدە سەت گەپ قىلىدىغان ئادەم مەۋجۇت بولمايدۇ . ئائىلە مەدىنىيىتى بالىغا تۇنجى تىل دەرسى بىرىدىغان مەكتەپ بۇلۇپ باللارنىڭ قانداق تىل قۇيۇشىغا سەۋەپ بۇلىدۇ . ئاتا -ئانىنىڭ پەرزەنىت ئالدىدا ئىشلەتكەن تىلى باللارنىڭ كىيىنكى تۇرمۇشىدا ئىشلىتىدىغان تىل بۇلۇپ قالىدۇ .
ئەر -ئايال ئەخلاق سىرتىدا پاراڭلىشىدىغان ئائىللەرنىڭ باللىرنىڭ تەپەككۇرى ھاجىز ، سەلبى پىكىرلىك ،ھەم ئەخلاق سىرتىدىكى سۆز -جۈملەرنى ئىشلىتىشكە ماھىر كىلىدۇ .
شەرىق مۇتەپەككۇرلىردىن مۇھەممەد پەيغەمبەر: «بىركىشى ئۆزىنىڭ قېرىندىشىنىڭ ئاتا-ئانىسىنى تىللىسا ، ئۇ ئۆزىنىڭ ئاتا -ئانىسىنى تىللىغان بولدى » دېگەن ،دېمەك بۇ ئىتىقاد نوختىدىن قارىغاندىمۇ يوللۇق ئەمەس ئىكەنلىكىنى . شۇ ئائىلىنىڭ ئىتىقاد قارشىنىڭ كەمچىل ئىكەنلىكىدىن دېرەك بىرىدىغان مەسىللەرنىڭ بىرە .
ئەخلاق ئادەم زىننىتى ،تىل قەلىبنىڭ ئەينىكى .
بىز تىلىمىز بىلەن ئۆزىمىزنىڭ ساپاسىنى باشقىلارغا بايان ئەيلەيمىز .
تىللاش يەنە مىللەت ھەم تىنىچلىق مەسىللىرگىمۇ چېتىلدىغان بۇلۇپ ھەرقانداق تىلدا ئىشلىتىلگەن تىللاش سۆزلىرى كۈشلۈك ھەم تىنىقسىز ئادەم ئېغىزىدىن ئچىقىدۇ ، تاۋۇش -ئۇدارى قاتتىق بۇلىدۇ چۈشەنمەيدىغان ئادەم بىر قاراش ياكى ئاڭلاش بىلەنمۇ ھاقارەت سۆزى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالايدۇ ھەم تىنىچلىقنىڭ يىمىرلىشىغا ئاساس سالىدۇ .
دائىم سەت گەپ قىلدىغان ئادەمنىڭ پىسخىكا ساپاسى ناھايىتى تۆۋەن بۇلىدۇ ،بۇنداق ئادەملەر روھى دۇنياسى ھاجىز ئادەملەر بۇلىدۇ . بۇلارنىڭ سۈكۈتتىكى ساراڭدىن پەرقى بولمايدۇ .
ئارتۇق ئادەم تىللايدىغانلارنىڭ ئىللىق ئائىلىسى بولمايدۇ ،چۈنكى مۇھاببەت تىل ئارقىلىق ياغلاپ تۇرۇشقا مۇھتاج بۇلىدۇ .
دېمەك سەت گەپ قىلىش ھەم ئادەم تىللاش ئادەمنى ئىتىقادتىن يىراقلاشتۇرسا ،جەمىيەتتە كىشلەردىن جامائەتتىن يىراق قىلىدۇ .
كۆپ ئادەم تىللايدىغانلارنىڭ يۈزى نۇرسىز بۇلىدۇ .
مىلىتسىيە
623 قېتىم كۆرۈلدى | militsiya | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-11-11 19:53:53 | :يوللانغان ۋاقتى |
2016-11-13 22:53:51 | چالىقۇشى |
توغرا قوللايمەن قەلىمىز ئۆتكۈركەن بارىكاللا 👍👍👍 |
2016-11-13 12:37:34 | مۇھەررەم |
ئادەم تىللاش دىگەن ئەسەرنى مىلىتسىيە بەك ياخشى يېزىپسىز،ئاپىرىن ئىلىمىڭىزھەم بىلىمىڭىز،مەنپەئەتلىك بولسۇن رەھمەت تىرىشىڭ |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|