تەلىم-تەربىيە خىزمىتىدە

         تەلىم-تەربىيە خىزمىتىدە
تۇرغۇن راخمان(كەمتەر)



پەرزەنتلەرنىڭ ئەڭ خۇشال ۋاقتى،دەل ئۇنىڭ ئۆزىگە ۋە بىزگە بولغان ئىشەنچ تۇيغۇسىنىڭ تولۇق شەكىللەنگەنلىكىنى، مېھىرلىك قەلىبلەردىن سۇغۇرۇلۇپ،ھاياتقا تولۇپ-تاشقان ئېشەنچ تۇيغۇسى بىلەن كۈلۈپ قاراۋاتقانلىقىنى،جىسمىدا  غەيرەت-شىجائەتنىڭ يالت-يۇلت قىلىپ،ئاتا ئانىنىڭ، ئۇستازلارنىڭ ئىللىق مېھرىدە،ئەركىن پەرۋاز قىلىۋاتقانلىقىنى بىلەلەيمىز،ئۇلارغا تېخىمۇ مېھرىمىزنى بېرىپ،دىلىنى ئىللىتىپ، ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇپ،يۈكسەك مەسۇلىيەت بىلەن،مەسئۇل بولۇشىمىزنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھىس قىلدۇرىدۇ.ئۇلارنىڭ قەلبىدە، بىز بىردىن بىر يولباشچىسى،يىتەكلىگىچۈسى،ئەڭ ئىشەنچىلىك ئادىمى،يۆلەنچۈكى.ئۇلار بىزنىڭ بارىمىز،ئەتىمىز،قۇياشىمىز، ئىزىمىز ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك.
ئاتا-ئانا ۋە ئۇستازلارنىڭ مېھرى-مۇھەببىتى،دەل پەرزەنت مۇھەببىتى بولۇپ،سۆيۈش-سۆيۈلۈش،مۇھەببەت،بېغىشلاش ۋە كۆيۈنۈشتىن باشلانسا،ئۈنۈملۈك بولىدۇ،بۇنىڭ بىلەن تەربىيلەش مېھىر-مۇھەببەتكە تويۇنۇپ،بالىلار تېخىمۇ بەخت ئىچىدە،ئىشەنچ تۇيغۇسىدا،ئەتراپلىق تەربىيلىنىدۇ،تەلىم-تەربىيەدە ئەڭ يۇقۇرى سۈپەت قولغا كەلتۈرلىدۇ.

تەلىم-تەربىيەدە،يۇقىرى ئۈنۈم بەرپا قىلىشتا،ئوقۇتقۇچى دەرس مۇنبەر ياكى تەلىم تەربىيە سورۇنىغا قەدەم قويۇشتىن ئاۋال، كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە خىزمەت جەريانىدا مەركىزى مىڭىسىدە ساقلىنىپ قالغان بارلىق زىددىيەتلەر ۋە توقۇنۇشلارنىڭ ھەممىسىنى كاللىسىدىن تولۇق چىقىرىۋېتىپ،تولۇپ-تاشقان مېھىر-مۇھەببىتى بىلەن،قەلبىگە چوقۇم بالىلارنىلا سىڭدۇرۇپ، ھەقىقىي مېھىر-مۇھەببىتى بىلەن مۇنبەر ياكى تەلىم-تەربىيە سورۇنىغا ئىللىق مېھىر بىلەن چىقالىغاندا قولغا كەلتۈرىدىغان نەتىجە.بۇنىڭ ئۈچۈن،تەربىيلىگۈچى قەلبىگە بىر پارچە ئاق قەغەزنى مۇجەسسەملەپ،ئاق قەغەزگە بالىلارنىڭ ئىسمى ئويۇپ چىقىشنى نىيەت قىلغاندىلا، يۇقىرى ئۈنۈملۈك دەرسخانا كەيپىياتىنى بارلىققا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.

تەلىم-تەربىيە جەريانىدا،ئوقۇغۇچىلارغا لەۋزە قىلىشقا بەكلا دېققەت قىلىڭ،لەۋزە قىلغان ئىكەنسىز،چوقۇم لەۋزىڭىزدە تۇرۇڭ،ئۇنداق قىلمايدىكەنسىز،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشەنچىسىدىن تىزلا ئايرىلىپ قالىسىز،نەتىجىدە ئوقۇغۇچىلاردىمۇ يالغانچىلىق ئادىتى شەكىللىنىپ قالىدۇ،چۈنكى ئوقۇغۇچىلار ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان ياش نوتا،يۇمران مايسا،قاياققا ئەگسىڭىز،شۇ ياققا ئىگىلىدۇ.ئۇلارغا ھەر قانداق ھەركىتىمىز تىزلا يوقىدۇ، ئۇلار بىر پارچەسۈزۈك ئاق ۋاراق بولغاچقا،بىزدىن ئۆگىنىشنى توغرا دەپ قارايدۇ،بەك تىز دورايدۇ،ھەر بىر ھەركىتىمىز، ئەينەك بولۇپ كورۈنىدۇ، ئۇلارغا ھەرگىزمۇ سەلبى تەسىرىمىز كۆرۈنمىسۇن.شۇڭا بەكلا دىققەت قىلشىڭىز كېرەك،بولمىسا تەلىم-تەربىيە ئىشلىرىغا زور تەسىر يەتكۈزىدۇ.  

”بولىدىغان مايسا،كۆكىدىن مەلۇم“دېگەندەك،دەل ۋاقتىدا پەرۋىشلىمەي،ئوزۇقلۇق بەرمەي،ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرماي، تەنلىرى قېتىپ،بىخلىرى سۇسىزلىنىپ،قۇرۇق- قاقخشال بولۇپ كەتكەندە،كېچە-كۈندۈز ئۇخلىماي پەرۋىشلەپ،ئوزۇقلۇق بەرسىڭىزمۇ كۆكلىمەيدۇ.تەلىم-تەربىيە ئۈنۈمىمۇ ئاشۇنداق. شۇڭا،بالىلارنىڭ ئۆگىنىش ئادىتى،قىزغىنلىقىنى كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپ يېتىلدۈرمىسىڭىز،ياراملىق ئىزباسارلارنى تەربىيلەپ چىقىمەن دېيىشىڭىز قۇرۇق گەپ.تەلىم-تەربىيە بولسا،پەرۋىشلەش جەريانىدۇر.بالىلارنى تەربىيىلەشتە،بىخ ھالىتىدىن باشلاپ،ئىللىق تەبەسسۈمىڭىز بىلەن،مېھرى-مۇھەببىتىڭىزنى بېرىپ،قەلبىگە شۇڭغۇپ كىرىپ،ئەجىر قىلىپ پەرۋىشلەپ،تەربىلىشىڭىز بەك زۆرۈر.      

ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە،ئۇيغۇنۇش،ئەقلىنى تېپىش ئاساسى ئامىل،ئاتا-ئانىلاننىڭ ئويغىنىشى ئىنتايىن مۇھىم.ئۇلار ئويغانسا،بالىلار،مۇدىرلار،ئوقۇتقۇچىلار ھەممىسى ئويغۇنىدۇ.يەنە بىر جەھەتتىن ئۇيغۇنۇش،رەھبەرلەر ئويغانسا مۇدىرلار،ئىلمىي مۇدىرلار ئويغۇنىدۇ،مۇدىر،ئىلمىي مۇدىرلار ئويغانسا،ئوقۇتقۇچىلار ئويغىنىدۇ، ئوقۇتقۇچىلار ئويغانسا، ئوقۇغۇچىلار ئويغۇنىدۇ،لىكىن ئويغىنىش ئوڭ تاناسىپ بولماي، تەتۈر تاناسىپ بولۇپ قالسا،يۇقىرى سۈپەتلىك  ئوقۇتۇش ئۈنۈمدىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس، ئاتا-ئانىلار ئويغۇنۇپ، ئوقۇتقۇچى ئويغانمىسا،ئوقۇتقۇچىلار ئويغۇنۇپ،مۇدىرلار ئويغانمىسا،ئويغىنىشلار ھالسىزلىنىپ، بىلىپ-بىلمەي،يېرىم يولدا  ئۇخلاپ قېلىشى مۈمكىن،ئاچقۇچ دەل ئويغۇنۇشتا.

مائارىپتا ئوقۇغۇچىلارنى ئەتراپلىق،ياراملىق تەربىيلەشكە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئاساسى ئامىللار بولسا،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر جەھەتتىن تەربىيلىشنى بوغۇپ قويۇش،مايسىنى تارتىپ ئۆستۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىش،ئەتراپلىق تەربىيىلىنىشنى چەكلەش،قىزىقىشىغا يول قويماسلىق،ئوزىنى نامايەن قىلىش پۇرسىتىنى يارىتىپ بەرمەسلىك،تەپەككۇرىنى بوغۇپ قويۇش، مۇستەقىللىنى يىتىلدۈرمەي،دوگما ئۆگىنىش ھالىتىنى ئۆگىتىپ، نىشان ئارزۇسى ئۈچۈن تېرىشماي،ئىمتىھان نەتىجىسى ئۈچۈنلا تېرىشىش ئادىتىنى شەكىللەندۈرۈپ قويۇشتىن ئىبارەت.

تەلىم-تەربىيەدە،ئىددىيۋى ئەخلاق،شىنجاڭ،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە يەرلىك دەرسلىكلەرنى ئالاھىدە مۇھىم بىلىش،مەكتەپ مۇدىرى،مەركىزى مېڭىسىگە ئورۇنلاشتۇرۇش،بىر قولىدا تەنتەربىيە،مۇزىكا،گۈزەل-سەنئەت ۋە ئۇچۇر-تېخنىكا دەرسىنى چىڭ تۇتسا،يەنە بىر قولىدا ئۇيغۇر تىلى ئەدەبىياتى، خەنزۇ تىلى ئەدەبىياتى،ئېىنگلىز تىلى دەرسىنى چىڭ تۇتىشى، ئىككى قولىنىڭ ئوتتۇرسىدا ماتېماتىكا،ئىلىم-پەن،ئۇنىۋېرسال ئەمەلىيتى دەرسىنى تۇتۇشى،بارلىق پەنلەرنى باراۋەر كۆرۈپ،مۇئامىلە قىلىشى،ساپا مائارىپىنى ھەقىقىي ئۈنۈملۈك يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇشى،ئوقۇغۇچىلارنى ئەتراپلىق تەربىيىلەشكە كاپالەتلىك قىلىشى،ھەقىقىي ياراملىق،قابىل، قولىدىن ئىش كىلىدىغان”بىرگە ماھىر،كۆپكە قادىر“بولغان، ۋەتەننىڭ قىزىللاشقان ھەم ئىختىساسلاشقان،ساپالىق ئىزباسارلىرىنى تەربىيلەشتە بوشاشماي تېرىشىش كېرەك.
     

مۇھەرىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى 

ئۈندىدار : 2041420589

باھا : ئىزدىنىش ياخشى بوپتۇ ، مومكىنقەدەر تەپسىلىي چۈشەندۈرۈش بىلەن موھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈشنى ئاساس قىلساق .


     


     





24 قېتىم كۆرۈلدى turhun ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-18 14:35:56  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ