چۈشۈمگە كىرىڭ دادا!

         چۈشلىرىمگە كىرگىنە دادا

ماھىنۇر قادىر

 سىزنى ئەسلىمىگەن ،ئويلىمىغان بىر كۈنۈم يوق ،قەلب تۆرۈمنىڭ سۇلتانى دادا،  ھەر دائىم سىزنىڭ مېھرىڭىز ھەم ئاق كۆڭلىڭىزنىڭ سايىلىرىدە يۈرگەچكە،ئەزەلدىن چۆللەردە چاڭقاپ باقمىدىم ،جىنىم دادا، ئەمما سىزنىڭ ھىدىڭىزنى ھېچ بىر خۇش پۇراقلاردىن ئىزدەپ تاپالمىدىم دادا،  مېھرىڭىزنى ھېچبىر ئىنساندىن تاپالمىدىم دادا ،پەقەت سىزلا مېنى مىننەتسىز ئاسراپ قوغداپ ،يۆلەپ كەلگەن ،ئەمما دادا مەن چىدىماي قالدىم دادا ،كېچىلىرى ئويغۇنۇپ كەتسەم قارا كېچىلەردىن سىزنى ئىزدەپ باقتىم، "دادا!" دەپ چاقىرغانلارنىڭ ئاغزىغا قارىدىم ،تونۇشلارنى قېلىنلىق بىلەن دادا ،دەپ چاقىرىپ باقتىم ،ئەمما دادا ئاغزىم سېغىنغان "دادا"دىيىش ئارزۇيۇمنىمۇ قاندۇرالمىدى، كۈلدۈم ،قىينالسام كۈلدۈم ،ئازار يىسەم كۈلدۈم،چەتكە قېقىلسام كۈلدۈم ،ئاغرىسام مېھرىڭىز يەنە نەچچە ھەسسىلىنىپ قايتىپ يىغلىدىم، ئەمما ئۆلمىدىم دادام،ئارمىنىمنى يەپ ئۆتكەي بالام دىگەن .دادام شۇ سەۋەپ بارىنى ماڭا بېرىپ تېچنلا كەتكەن دادام، ئۆلمىدىم ف ،مەن شۇنداق ياشاۋاتىمەن دادا ،كۈلۈشكە ئۇستا بوپ كەتتىم ، چېھرىمدىكى شۇ سېغنىشنى يوشۇرۇپ ،كۈلۈشكە ئۇستا بوپ كەتتىم،دادا ،باشقىلارغا چاندۇرماي كۈلەلەيمەن، يۈرەكلىرىم تۈگىگىلى تۇردى،چۈشۈمگىمۇ بولسىمۇ كېلىڭ دادا،  مەندىن شۇنداق رايىڭىز يانغانمىدى؟چۈشلىرىمگىمۇ كىرمىدىڭىز ،سىز ئۈچۈن پۇرسەت تاپساملاا چۈشۈمدە كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىپ ئۇخلايدىغان بولدۇم ،دادا  چۈشۈمگە بولسىمۇ كىرىڭ ،جىنىم دادا سىزنى چۈشۈمدە بولسىمۇ قانغىدەك پۇرىۋالاي ،شۇ ئىللىق باغرىڭىزغا ئۆزەمنى تاشلاپ،سىزنى تازا پۇرىۋالاي دادا……مىنى ئىنى سىڭىللىرىغا مەندەك مېھىرلىك بولسۇن دەپ ،شۇنداق ئەمەلىيتى بىلەن ماڭا دەرىس بەرگەن دادام……مەن سىز كۈتكەن جايدىن چىقىش ئۈچۈن ساختا كۈلۈپ يالغۇزۇم ئانامنىڭ كۆڭلىنى ئاۋۇندۇرۇش ئۈچۈن ،ئاجىزىم سىڭلىمنى خاتىرجەم تۇرغۇزۇش ئۈچۈن ،ئۇماق ئۇكام ئاچا بولسىمۇ قىز بولسىمۇ،غەيرىتى با تېرىكىم بولغىچىلىكى بار دىسۇن ئۈچۈن ئاسمان ئۆرۈلسىمۇ ،ئازارىم بولسىمۇ دىل يارام بولسىمۇ، توختىماي كۈلۈشنى ئۆگەندىم دادا…ئەمما ماڭا تەسەللى ئۈچۈن بولسىمۇ،تەكلىپ دادا چۈشۈمگە كىرىڭ…ماڭا غەيرەت بېرىش ئۆچۈن بولسىمۇ ئىلتىماس دادا…چۈشۈمگە كىرىڭ…  


ماھىنۇر قادىر    2017-5-27


تەھرىرى:مۇھەممەدتوختى سەببەت
     

مۇھەرىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى 

ئۈندىدار : 2041420589


     


     





868 قېتىم كۆرۈلدى ماھىنۇر(قادىر) ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-5-27 6:23:38  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ