ئىككى قۇدىنىڭ دىيىشكەن گەپلىرى………
ئابلىمىتجان
(تەنـھا تۇرنـــــــــــــــا)
ئوغۇلنىڭ ئانىسى ،نىمانداق قارايلا قۇدام ،قاش كۆزلىرىدىن قار-مۇز ياغدۇرۇپ ؟
قىزنىڭ سىلىچە ئەمەس قۇدام،گەپ-سۆزلىرىدىن شاقىراپ تۇز ياغدۇرۇپ،نىمىگە خاپا بولمايتىم ،قىزىم بىر ئازنىلاپ كەلسۇنا ،بۇنىڭدىن كىيىن بىر كۆزىلىرىگە زىخ بولۇپ ئولتۇرمىنىغىننى بىركۆرەي !
ئوغۇلنىڭ ئانىسى- ۋىييەي ئاچىسىغا گەپ قىلغاندەك سىزلەپ كەتكىنىنى ما خوتۇننىڭ ئەمدى، نىمە قىلغىنىڭىزنى ئۇنتۇپ قالغان ئوخشايسىز ئۇنتۇغاق قۇدام، كىچىكىڭىزدە قاغا كۆمگەن تۇغۇم،ھۆپۇپ چوقۇغان ئۇزۇم يەپ قالغانمۇيا؟…
ئالدىرىماڭ ئىسىڭىزگە سىلىپ قوياي ھە !
مۇنداق دەڭ نازلىق قۇدام ،ئا ئون يەتتە ياشتىن ئاشقۇچە يا گۆش بولماي،يا بەز بولماي ئولتۇرۇپ قالغان قىزىڭىزنىڭ خىرىدارىلىقىنى قىلىپ، ئوغلۇمغا تويلاپ بەرگىنىم ئۇچۇنما ؟دەپ بىقىڭە مەن سىزگە نىمە قىلدىم ؟ ……………
ۋاي شۇ چاغدا داستىخانغا تىزغان ناللىرىڭ كۆيۇك،قۇيغان تىخى چىيىڭىز بەززە چۇچۇك.پىچقان تاۋۇزلىرىڭ توڭ ھەم ئالا،قاق جىگدىلەر پىشمىغان ئالا بۇلا.قۇدى گۆشى پىشمىغان تىخى كىچىك، قىز بەرگەننىڭ كۆڭلى قالا!؟ ………
ئالتە كۇنلۇك يەرگە شاپاشلاپ ئالدىڭىزغا كەلسەم، تىكلەپ قويغان قوچاقتەك، دوتەي سوققان پوتەيدەك، پەت-پەت تىرەكتۇردىن چۇشمەي ئولتۇردىڭىز،قۇدىلاشقانغا يارىشا يۇز يىقىشىپ كۆرىشىدىغاننىڭ ئورنىغا ئوڭ قولىڭىزغا مەللە، قولتۇقىڭىزغا زەللە قىستۇرىۋىلىپ قەستەن سول قولىڭىز بىلەن كۆرۇشتىڭىز……
يىغىپ رەتلىگۇچى: ئابلىمىتجان (تەنــھا تۇرنـــا)
280 قېتىم كۆرۈلدى | tanhaturna | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-10-8 2:00:25 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|