مۇھەببەتلىشىش دەستۇرى(3-قىسىم)

مۇھەببەتلىشىش دەستۇرى(3-قىسىم)

 

ئاپتۇرى:ھەزرتىئەمەر رىشىت QQ:2253336853

 

يىگىتىنىڭ تاشلىۋىتىشىدىن قورققان قىز تېننى ئەمەس بەلكى قەلبىنى ئامانەت قۇيۇشى كېرەك. ئەخلاق ۋە ھايانى ئۆزىگە ئۆلچەم قىلغان مۇھەببەت ئۇزاققا داۋاملىشدۇ. بىر-بىرىنى ھەققى ياخشى كۆرۇدىغانلار بىر-بىرىدىن ھايا قىلىدۇ،پەقەت ئۇلارنىڭ مۇھەببىتى شەھۋەت ئۈستىگە قۇرۇلمىغان بولسىلا. بىر ھەققى ۋىجدانلىق ئەركەك ئۆزى چىن قەلبىدىن سۆيگەن قىزنى نىكاھىغا ئالماستىن بۇرۇن شەھۋەتكە چاقىرمايدۇ،ھەم ئۇنداق گەپلەرنى قىلىشتىنمۇ ھايا قىلىدۇ،ھايا بولمىغان ئادەمدە ئىمان بولمايدۇ،ئىمان بولمىغان ئادەمدىن ياخشىلىق ۋە ۋاپا كۈتكىلى بولمايدۇ. سىزگە ئۇنداق بۇلمىغۇر تەلەپنى قۇيغان ئەر سىزنى ھۆرمەت قىلمايدۇ،سىزنىڭ بەختىڭىزنى،كەلگۈسىڭىزنى ئۇيلاپمۇ قۇيمايدۇ،پەقەت ئۇلارنىڭ ئۇيلايدىغىنى ئۆزىدىكى ئەسەبى شەھۋانى نەپسىنى بېسىقتۇرۇشلا خالاس.يىگىتىڭىز سىزگە شۇنداق تەلەپنى قۇيسا،ئۇنى بۇ نىيتىدىن ياندۇرۇڭ ياكى مۇناسىۋىتىڭىزنى ئۇزۇڭ.يگىتىڭىزنىڭ:«ماڭا ئشەنمەمسىز؟»،«مېنى ھەققى ياخشى كۆرمەيدىكەنسىز.»،«مەن سىزنى چۇقۇم نىكاھىمغا ئالىمەن.»،«قەسەم قىلاي مەن سىزنى تاشلىۋەتمەيمەن»…دېگەندەك يالغان سۆزلىرىگە ئىشىنىپ قالماڭ.ئەگەر ئۇ سىزنى ھەققى ياخشى كۆرسە،سىزنىڭ شۇ كۈنگە قەدەر ھاياتىڭىزدىنمۇ مۇھىم بىلىپ ساقلاپ كەلگەن،قىزلار ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك بولغان،كەلگۈسىدىكى جۈپتى-ھالالىگە ئەڭ چوڭ سۇۋغىسى بولغان،بەخىتلىك بۇلۇشىدىكى ئەڭگۈشتەر بولغان قىممەتلىك ئىپپىتىڭىزنى ئۆزىنىڭ بىردەملىك شەھۋەت نەپسىنىڭ قۇربانى قىلىۋېتىشنى،ئۇتۇپەيلى سىزنى ئۈمۇرلۇك ئازاپقا قۇيۇشىنى ئۆزىگە ھەرگىزمۇ راۋا كۆرمەيدۇ.ئەگەر سىز شۇ چاغدا ئەقلىڭىزدىن ئېزىپ،ھېسياتىڭىزنىڭ كەينىگە كىرىپ ۋەياكى ئۇ ھېجقىزنىڭ گەپلىرگە ئىشىنىپ،ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن قورقۇپ ئامانىتىڭىزنى ئۇنىڭغا تاپشۇرسىڭىز، شۇ كۈنىدىن باشلاپ سىز ئۇنىڭ ئىچ-پۇشىقىنى چىقىرىپ بېرىشكە يارايسىز خالاس،ئۇنىڭ ئالدىدا نە ھۆرمىتىڭىز،نە غۇرۇرىڭىز،نە قىممىتىڭىز قالمايدۇ.ئۇ سىزنى ئۆزىنىڭ شەھۋانى نەپسىنى قاندۇرىدىغان«ھەقسىز پاھىشە»سۈپىتىدە ئەرمەك قىلىدۇ،خالاس.ئۇ سىزدىن پايدىلنىشنى تۇختاتقاندا،سىزنى خۇددى ئىچىملىك قۇتۇسىنى تاشلىۋەتكەندەكلا تاشلىۋىتىدۇ.ئۇ چاغدا زارلىغان بىلەن،مىڭ پۇشايمان قىلغان بىلەن ئۇرنىغا كەلمەيدۇ،كەلگۈسىدىكى سىزنى نىكاھلاپ ئالغان ئەر ئالدىدابېزىرىپ،تاتىرىپ قىزىرىپ تۇرۇشتىن باشقىغا يارىمايسىز،تىل-ھاقارەت ۋە مۇش-پەشۋادىن ھۇشڭىزنى يۇقۇتۇپ قان تۈكۈرۇپ،زار يىغلاپ ياتقىنىڭىز ياتقان. ئەگەر سىز ئەقىلسىزلىقىڭىزدىن ياكى ھېسياتنىڭ كەينىگە كىرىپ كەتكەنلىكىڭىزدىن ۋە ياكى قايسىبىر سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئىپپىتىڭىزدىن يۇقىتىپ قويغان قىز بولسىڭىز ئۇنىڭلىق بىلەن ئۆزىڭىزنى تاشلىۋەتمەڭ،ئىنسان خاتالىق ئۆتكۈزۈشتىن خالى بۇلالمايدۇ،ئاللاھ تەۋبە قىلغانلارنى كەچۈرىدۇ،جەمىيەتمۇ سىزنى تاشلىۋەتمەيدۇ.سىز ھەرگىزمۇ«تاز بولساڭ قۇلاققىچە»دەپ ئۆزىڭىزنى نابۇت قىلماڭ،تېنىڭىزنى بازارلىق مەھسۇلات سۈپىتدە پۇل تېپىشنىڭ ۋاستىسى قىلىۋالماڭ.ئۆزىڭىزنى قەدىرلەڭ،ھاياتىڭىزنى سۈيۈڭ،ھاياتىڭىزغا كۈلۈپ قاراڭ،ئۆزىڭىزنى كۈچلەندۇرۇڭ.ئەگەر گىپىمگە كىرمىسىڭىز«سودىگەر»لەرسىزگە نىجىس كېسەلنى ھەدىيە قىلىدۇ،دۇنيا سىزگە خارلىق تەختىنڭ پادىشاھلىقىنى بېرىدۇ،ئەزرا ئىل سىزگە ئۈلۈمنى تەۋسىيە قىلىدۇ.

داۋامى بار…





478 قېتىم كۆرۈلدى izdan ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-9 9:01:08  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ