ياق ۋە ماقۇل
تاھىرجان ئىسمايىل
«ياق» ۋە«ماقۇل»
مەن سېنىڭ ئالغا ئىلگىرلىشىڭنىڭ بىر پارچىسى بولمىغان ھەرقانداق نەرسىگە «ياق» دېيىشىڭنى خالايمەن.
ھېكايەڭنىڭ، دائىرەڭنىڭ، يولۇڭنىڭ، ئۆزگىرىشىڭنىڭ سۆيگۈ ياكى ھۇزۇر، ياكى سىرلىقلىق ۋە ياكى يۈكسىلىش ھېس قىلدۇرالمىغان ھەرقانداق نەرسىگە «ياق» دە
قەدىمىڭنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان ياكى كىچىكلىتىدىغان، ياكى ئاستىلىتىدىغان، ياكى ئۇزارتىدىغان ۋە ياكى ئازار بېرىدىغان ھەرقانداق نەرسىگە «ياق»دە
يوشۇرۇشىڭ كېرەك بولىدىغان، ياكى سېنى روھىي جەھەتتىن ئازابلايدىغان ھەرقانداق نەرسىگە «ياق»دە
سېنى راھەتسىزلىكتىن ياكى قانداقتۇر قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ يولۇڭنى يورۇتىدىغان ھەرقانداق نەرسىگە «ماقۇل»دە
گۈزەللىككە «ماقۇل»دە
قولىنى سوزغانلارغا «ماقۇل»دە
ئىشەنچىڭنى ئاشۇرىدىغان رېئاللىققا «ماقۇل»دە
ياخشىلىققا، ياخشىلارغا «ماقۇل»دە
نېئمەتلەرگە «ماقۇل»دە، رىزىقلارغا «ماقۇل»دە
...
ۋە ئۆزۈڭنى بەك ئاسرا، يادىڭدا بولسۇن، سەن غەيرەتسەن، شىجائەتسەن، نۇرسەن، ھېسىياتسەن، ھاياجانسەن... سەن بارلىق گۈزەللىكلەرنىڭ، ياخشىلىقلارنىڭ ساھىبىسەن ۋە ھەممىدىن قىممەتلىكسەن!
360 قېتىم كۆرۈلدى | تاھىرجان ئىسمايىل | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-2-4 19:35:36 | :يوللانغان ۋاقتى |
2017-4-16 18:03:58 | زۇلخۇمار |
ياق ۋە ھە ئارقىلىق نۇرغۇن نەرسىنى يوقىتمىز ۋە ئىرىشمىز ياخشى مەزمۇنكەن |
2017-3-20 1:47:39 | گۈلزىرە |
بەك مەزمۇنلۇق بوپتۇ ! ئادەم ياق ۋە ماقۇل دېيىشنى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك ! قەلىمىڭىزگە دەرت بەرمىسۇن ! |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|