يەنە بىر مۇھاببەت ھىكايىسى
(ئابابەكرى ئىزگۈ )
بىر يىگىت بىر قىزنى ھاياتىم دەپ سۆيەتتى، ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەرۋاقىت ھەرقانداق بەدەلگە تەييار ئىدى ، كۆرگەنلا ئادەم ئۇ ئىككىسىنى بىر بىرىگە پەقەتلا ماس كەلمىگەن دەپ مەسخىرە قىلاتتى ، چۈنكى قىز بولسا ئىنتايىن ئوماق چىرايلىق بۇلۇپ ، بەكلا ئاقكۆڭۈل ياخشى ئىدى ، لېكىن يىگىت پۈتۈنلەي ئادەتتىكىچە بۇلۇپ ۋاي دىگۈدەك ھېچ يىرى يوق بولسىمۇ ئىنتايىن ئەقىللىق ئىدى ، قىزنىڭ ھالىغا بەك يىتەتتى ، قىزنىڭ ئازراقلا كۆڭلى يېرىپ بۇلۇپ قالسا ئۇنى ئامال قىلىپ كۈچنىڭ يىتىشچە كۈلدۈرۈشكە خۇشال قىلىشقا تىرىشاتتى، قىزمۇ يېگىتنى بەكلا ياخشى كۆرەتتى ، ئالدىراش بولغاچ يىگىتنى ھەردائىم ئىزدەپ تۇرالمايتتى ، بىراق يىگىتنىڭ ھەرۋاقىت ئۆزىنى ئەسلەپ تۇرۋاتقانلىقىنى بىلەتتى ، يىگىتمۇ قىزنىڭ ئالدىراشچىلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ ئۇنى ئاۋارە قىلمىدى ، ئەمما بىرمىنۇتمۇ قىزنى ئىسىدىن چىقارمىدى …… كۈنلەر بىر خىل رېتىمدا ئۆتىۋەردى ، شۇكۈنلەردە يىگىت ئۆزىنىڭ ساقايماس بىرخىل كىسەلگە گىرىپتار بۇلۇپ ۋاقىتىنىڭ كۆپ قالمىغانلىقىنى بىلدى ، بىراق قىزنى ئەنسىرتىپ قۇيۇشتىن بەكلا ۋايىم يىگەچ ، قىزغا ۋە ئۆز ۋىجدانىغا بەرگەن ۋەدىسى يەنى (ئۇنىڭ كۆزىدىن تامچە ياش ئاققۇزمايمەن ، ) دىگەن ۋەدىسنى بۇزۇشنى خالىمىدى ، قىز بىلەن ئالاقىلاشقاندا : سىز ياخشى تۇرغان بولسىڭىز مەنمۇ چۇقۇم ياخشى تۇرۋاتىمەن ھاياتىم دەيتتى ، «كىسەلنى يۇشۇرساڭ ئۆلۈم ئاشكارە » دەيدىغان گەپ بار ، يىگىتتىن خەۋەر كەلمىگىنىگە مانا بۈگۈن ئۈچ كۈن بولدى ، قىزنىڭ بارغانچە چۈشلىرى بۇزۇلۇشقا باشلىدى ، يىگىتكە تىلفۇن قىلدى ، ئۇلانمىدى ، ئالدىراش بولسا كىرەك ، دەپ توغرا چۈشۈنۈپ ئۆز ئىشلىرى بىلەن ئۆتىۋەردى ،
مانا يىگىتنىڭ ۋاپات بولغىنىغا ئون ئىككى كۈن بولدى ، قىز بۈگۈن ئازراق بىكار بولغاچ يىگىتنى ئىزدەپ ئۆيىگە باردى ،… قىز يىگىتنىڭ قەبرىسى ئالدىدا توختىماي ياش تۆكتى ، ئاۋازى قۇيۋېتىپ ھۆڭرەپ يىغلاپ تاشلىدى ، ئالدىراشچىلىق ئاقماس باھانىلەر بىلەن يىگىتنى يالغۇز تاشلاپ قويغىنىغا مىڭ پۇشايمانلارنى قىلىدى ، يىگىتنى ناھايتى سېغىنىپ ئۇنىڭ قەبرىسنى قۇچاقلاپ يۈرۈكى مىڭ پارە بۇلۇپ قان - قان يىغلىدى ، ئەمما يىگىت مەڭگۈ قايتىپ كەلمەيتتى ……
ئالدىراشچىلىق باھانىلىرى بىلەن سۆيگەن ئادىمىڭىزنى يالغۇز قويماڭ ! بولمىسا ئۇنىڭ سىزدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلىپ بۇدۇنيادىن كىتىپ قالغىننى بىلمەيلا قالىسىز !! ئىلتىماس شۇلار ئۈچۈن بىر مىنۇت ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ قۇيۇڭ !!!
| 637 قېتىم كۆرۈلدى | ئابابەكىرى ئىزگۈ | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-12-2 2:02:51 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|