جىمجىتلىقنى شۇنچىلىك خالايدىغان بوپ قالدىم

جىمجىتلىقنى  شۇنچىلىك خالايدىغان بوپ قالدىم

 

سۈبھىنۇر

 

دۇنيا بەزىدە ئاددىي بەزىدە مۇرەككەپ .

 ئاددىيلىقى يوقاتقىنىڭنى تاپقىنىڭدا،

مۇرەككەپلىگى بولسا تاپقىنىڭنى يوقاتقىنىڭدا .

 بۇ ھاياتتا مېنىڭ تاپقىنىمدىن يوقاتقانلىرىم كۆپرەك،

 دائىم يىقىلدىم،

 ئورنۇمدىن تۇرۇش ئۈچۈن قول ئۇزاتقىنىمدا ئەتراپىمدا ھېچكىم بولمىدى.

ھەمىشە يالغۇزلۇق بىلەن يۈزمۇ-يۈز كەلدىم،

يالغۇزلۇق ئىنسان ئۈچۈن بېرىلىدىغان ئەڭ چوڭ سىناق ئىكەن ،

 لىكىن ئەنە شۇ يالغۇزلۇقتا ئىنسان ئۆزىنى تاپار ئىكەن .

 ئەتراپىڭغا قارىساڭ

ھەممە ساختا مىھىر-مۇھاببەتتىن ساداقەتكىچە ھەممىگە خىيانەت ئارىلاشقان ،

بۇ ۋاقىتتا يالغۇزلۇق خۇددى سەن ئۈچۈن سادىق بىر دوستقا ئايلىنىدىكەن.

 يالغۇزلۇقنى

جىمجىتلىقنى

شۇنچىلىك خالايدىغان بوپ قالدىم .

 چۈنكى مەن ئۈچۈن ئەڭ ئىشەنچىلىك ئەڭ سادىق بولغىنى پەقەتلا شۇ يالغۇزلۇق...





620 قېتىم كۆرۈلدى سۈبھىنۇر ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-1-30 23:05:49  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-2-6 1:07:13 ⁉��ئ‍ەسىلمە💟
قاراڭغۇ ئ‍ورمان دىگەن ھېكايە بەك ياخشكەن، مەن باشتىن ئ‍اخىرى ئ‍وقۇۋاتىمەن، ئ‍ۇنۇڭدىن باشقا مەزمۇنلارمۇ بەك ياخشى، سىلەرگە كۆپ رەھمەت! يازغۇچى ئ‍ۇستازلار جاپا چەكتىڭلار! سالون مەسئۇللىرغىمۇ رەھمەت!
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ