قەلەم ۋە شائىر

قەلەم ۋە شائىر

 

قەلەم … بۇ دۇنيانىڭ ئىززىتى ، ئاخىرەتنىڭ شەرىپىدۇر. قەلەم تۇتقانلارمۇ ھەم قۇلىدىكى شۇ مۇقەددەس قەلەم بىلەن ھەقنى ھەقىقەتنى يازسا ئۇلارمۇھەم بۇ دۇنيادا ئىززەتكە ، ئاخىرەتتە شەرەپكە نائىل بۇلىدۇ ئىنشائاللاھ…… لىكىن يېزىشتىن مەقسەت بۇلا بوپ قالسا ھەرگىز بولمايدۇ ! ئۇنۇتماسلىق كېرەككى ئالى مەقسەت ئۇلۇغۋار نىشان ئۈچۈن تەۋرىنىشى كېرەك قەلەم . قەلەمكەشلەرگەدەيدىغىنم شۇكى قەلىمىڭىزنىڭ قۇۋۋىتىنى، تىلىڭىزدىكى ناتىقىلىقنى مۇھەببەت، شىئىرلىرغا يازمىللىرغىىلا ئەمەس،ئاز بولسمۇ رىئال تۇرمۇشتىكى مەدھىيلەشكە ، كۈيلەشكە تىگىشلىك بولغان ئىشلانى مەدھىيلەش ئۈچۈنمۇ، قامچىلاشقا تىگىشلىك بولغاننى قامچىلاپ ، چەكلەش ئۈچۈنمۇ تەۋرەنسە ئاندىن قەلەم ئۈزىنىڭ ھەقىيقى مەنسىنى، ئۆز رولىنى ۋەزىپىسنى تېخىمۇ ياخشى تاپقان بۇلاتتى. چۈنكى ھازىر بىز ياشاۋاتقان بۇ جەمىيەتتە ھەممىمىزنىڭ شۇنىڭغا ئىھتىياجىمىز بار! بۇنداق دىسەم بەزىلەر دىيىشى مۇمكىن (يازغانغا نىمىگە پايدىسى بار؟ بىز يېزىپ ئۆزگەرتەلەيمىزمۇ؟……) جاۋابىم شۇكى : ئاڭلاڭ قېرىندىشىم ، ئىقتاد، مەسئۇلىيەت، بۇرچ نوقتىسىدىن ئېيتقاندا بۇ ھەر گىز توغرا سۇئال ئەمەس، بىز بۇنىڭلىق بىلەنلا بۇ ھالەتتە قۇيۇۋەتسەك ، ئۆز ھالىغا تاشلاپ قويساق بولمايدۇ. ھىچ بولمىغاندا باشقىلانى ئۆزگەرتەلمىسەكمۇ، ئۈزىمىزنى ، يېقىنلىرىمىزنى، قېرىنداشلىرمىزنى ئۆزگەرتەلەيمىز. شۇنىڭغا سەۋەپ بۇلالايمىز. بەجايىكى .... ھەر بىرىمىز شۇلارغا نىسپەتەن بىر پادىچى ئىكەنلىكىمىزنى ئۇنتۇپ قالمىساقلا، شۇنىڭ مەسئۇلىيتىنى ھەقيقي چۈشىنىپ يىتەلىسەكلا! شەخسەن ئۈزۈمنى ئېلىپ ئىيتسام ، مەن بىردۇختۇر. مىنىڭ ئالدىمغا قالايىقان ، رەتسىز كىيىنگەن بىر ئادەم كىرىپ، كىسىلىنىڭ ئېغىرلىقىدىن ئۈزىمۇ بىلمەيلائالدىمدىلا قەي قىلۋەتسە ، مەن ئۇنىڭغا قاراپمۇ قويماي سىرتقا چىقىپ كىتەمدىم؟ ياكى ئۇنى ئۇنىڭ ئۈزى چىقىپ كىتىشنى تەلەپ قىلامدىم؟ ۋە ياكى سەسكەنمەي ، بىمارنىڭ نەزىردىكى دوختۇرلۇق سالاھىيتىم بىلەن داۋاسىنى، سەۋەبىنى قىلامدىم؟؟؟ ئەلبەتتە ئەڭ ئاخىردا دىيلىگەندەك يەنى مەسئۇلىيتىمنى، بۇرچۇمنى ئادا قىلمەن. ھەرگىزمۇ ئۇنى ئۆز ھالىغا تاشلاپ قۇيۇپ ، بۇرچۇمدىن باش تارتمايمەن. ئەگەر مەن شۇنداق قىلسام ، ئۇمۇ شۇنداق قىلسا، سىزمۇ شۇنداق قىلىسىڭىز، ئۇ بىمار قانداق قىلىدۇ، قانداق ئەسلىگە كىلىدۇ؟ ، ئۇنىڭدىكى كىسەللىك ، ساقىسزلىق قانداق ئۇڭشىلىدۇ؟؟؟ چۇقۇم داۋاسىنى قىلىش كېرەك. خۇلاسە:ئۆز مەجبۇرىيتىڭىزدىن ، مەسئۇلىيتىڭىزدىن باش تارتماڭ، قەلەمنىڭ كۈچىگە سەل قارىماڭ، ئۆزگەرمەيدۇ ، ھىچ پايدىسى يوق دەپ تاشلىنىپ قالمىسۇن. قەلەملەر ئۆز مەسئۇلىيتىنى، قەلەم تۇتقانلار ئۆز رۇلىنى ، مەجبۇرىيتىنى بىلگەندە چۇقۇم ئۆزگىردۇ .

بىدارى 7~26





642 قېتىم كۆرۈلدى بىدارى ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-18 15:03:05  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-3-27 18:40:22 nurani
ھەقىقەت ياخشى ئىدىيە ئۇتتۇرغا قويۇلۇپتۇ
2016-1-5 6:36:40 يىگچى
ناھايتى ياخشى مەزمۇن يېزىپسىز !! ئ‍ىمكانىيەت يار بەرىسە ئ‍ورتاقلشىپ باقساق قانداق دەيسىز . ئ‍ۈندىدار نۇمۇرىم :1666273165
2015-8-20 1:00:27 ئۈچۈن
ياخشى يىزىپسىز قوللايمەن ،ئىشىنىمەنكى ،سىزمۇ قەلىمىڭىزنى ئ‍ۆزىڭىز دىگەن ئىشلارغا تەرەتسىڭىز ياخشى ئەسەرلەرنى يازالايسىز 😊
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ