مۇھەببەتلىشىش دەستۇرى(4-قىسىم)
ئاپتۇرى: ھەزرتىئەمەر رىشىت QQ:2253336853
بىر مىللەتنىڭ كەلگۈسى ۋە تەقدىرى ياشلارنىڭ قۇلىدا. ياشلارنى ياراملىق تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بېرىش بىر مىللەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ ئاچقۇچى.ئالى مەكتەپ ئۇقۇغۇچىللىرى دىپلۇم ئېلىشنى ئەمەس بەلكى بىلىم ئېلىشنى مەقسەت قىلىپ ئۇقۇشى كېرەك. مۇھەببەت ئالى مەكتەپ ئۇقۇغۇچىللىرى ئاساسلىق تېما ئەمەس بەلكى قۇشۇمچە تېما بۇلۇشى كېرەك. ئۇلار مۇھەببەتكە غەرىق بۇلۇپ،ھېسيات قايناملىردا پىرقىراپ ،ئۆزىنى يۇقىتىپ قويسا بولمايدۇ،ھاياتتىكى ئەڭ ئېغىر يۇقۇتۇش سۆيگەن ئادىمىنى يۇقىتىپ قۇيۇش ئەمەس بەلكى بىراۋنى ھەددىدىن زىيادە سۆ يگەنلىكتىن ئۆزىنى يۇقۇتۇپ قۇيۇش .ئۇلار چۇقۇم بىلىم ئېلىشنى بىرىنجى ئۇرۇنغا قۇيۇشى كېرەك.شۇنىڭ بىلەن بىرگە مۇھەببەتكىمۇ سەل قارىماسلىقى كېرەك. چۈنكى مۇھەببەت ئىنسان ھاياتىنى گۈزەل ۋە مەنىلىك قىلىدۇ، يەنە كېلىپ سىز ئۇقۇش پۈتتۈرۇپ خىزمەت مەسلىڭىز ھەل بولغاندىن كېينلا تۇرمۇش مەسلىڭىزنى ھەل قىلىشقاكاللا قاتۇرىسىز.ئۆمۇرلۈك ھەمراھىنى تۇغرا تاللاش بىر ئىنساننىڭ ئەڭ چوڭ مۇۋەپپىقىيتى. ئەگەر سىز ئۇقۇش جەريانىدا ئۆزىڭىزگە ئۆمۈرلۈك ھەمراھ بۇلۇشقا مۇناسىپ بىرەرسىنى ئۇچراتسىڭىز،ئۇنى ياخشى كۆرسىڭىز ئۇمۇ سىزنى ياخشى كۆرسە بۇ پۇرسەتنى ھەرگىز قولدىن بەرمەڭ.ئالى مەكتەپ ئۇقۇغۇچىللىرىنىڭ مۇھەببەتلىشىشى يامان ئىش ئەمەس ،ئەمما سىلەرنىڭ مۇھەببىتىڭلار چەكتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى ،ئەخلاق ۋە ھايانى ئۆزىگە لىباس قىلغان بولۇشى كېرەك. بۇلۇپمۇ قىزلار ئۆگۈنۇشكىلا بېرىلىپ مۇھەببەتكە سەل قارىسا،ياكى ئۆزىنىڭ تەلىپىنى بەك يۇقىرى قىلۋېلىش ۋە ياكى ئۆزىدىكى كىبر تۈپەيلى،ئۆزىنى سۆيگەنلەرگە ئازار بەرسە،ئۇلانىڭ غۇرۇرىغا تەگسە،ئۇنداق قىزلاردىن ئۇغۇللار يىراق تۇرىدۇ.ئۇقۇش پۈتتۇرگەندىن كېيىن ئۇ قىزلارغا ئەتراپلىق كۆزىتىپ ياخشىسىنى تاللايدىغانغا ئۇنداق جىق ۋاقىت ھەم پۇرسەتلەر بولمايدۇ، ئۇچىرىشىشقا چىققان يىگىتلەرنىڭ پەقەت تاشقى ئىپادىسنىلا كۆۇرۇشكە مۇيەسسەر بۇلالايدۇ،بۇلۇمسىز تەرەپلىرىنى بىلىشكە ئامالسىز قالىدۇ،ياكى ئۇلار پەقەت ئۆيىگە كەلگەن ئەلچىلەرنى قۇبۇل قىلىش ياكى رەت قىلىشقىلا يارايدۇ،ئۆزى خالىغان ئادەمگە ئەلچى ئەۋەتىشكە ئامالسىز.ئەمما بۇ دېگىنىم قىزلارنى مۇھەببەت مەستانىسى بولۇپ كېتىڭلار،يامان يۇلغا مېڭىپ كىتىڭلار دېگىنىم ئەمەس، سەممى مەسلىھەتىم خالاس،قالغىنىغا ئۇلاردىمۇ بىر كىشىلىك كاللا،ئەقىل،تەپەككۇر بولغاندىكىن ئەقىل بىلەن،ئېھتىيات بىلەن ئىش كۆرسە بولىدۇ. بەزى ئاتا-ئانىلار باللىرىنىڭ بالدۇر مۇھەببەتلىشىپ قالغانلىقىدىن نارازى بۇلۇشىدۇ.ئەمما ئۇنىڭ سەۋەبچىسىنىڭ ئۆزلىرى ئىكەنلىكىنى خىيالىغا كەلتۇرمەيدۇ.ھەر قانداق ئىنسان مېھىر مۇھەببەتكە تەشنا،ھەرقانداق ئىنسان باشقىلارنىڭ ئۆزىگە كۆڭۈل بۇلۇشىگە،ئۆزىنى ئېتراپ قىلىشىغا ئېھتىياجلىق ،پەرزەنىتلەر ئائىلىدە ئىللىقلىقنى كۆرمىسە،ئاتا-ئانىسىنىڭ مېھر-مۇھەببىتىگە تولۇق قانمىسا ئۇنى سىرتتىن ئىزدەشكە باشلايدۇ.قىز بولغۇچى دادىسىنىڭ مۇھەببىتىگە تۇلۇق قانمىسا،يەنى دادا بولغۇچى قىزىغا يېتەرلىك كۆڭۈل بۆلمىسە،ئۇنىڭغا مېھىر بەرمىسە ئۇنداقتا ئۇ قىز ئۆزىدىكى مۇھەببەت ئېھتىياجىنى سىرىتتىن تۇلدۇرۇشقا مەجبۇر بۇلىدۇ،ئۇغۇللارغا نىسبەتەن ئۇ ئانىسنىڭ مۇھەببىتگە تۇلۇق قېنىشى كېرەك.ئاتا-ئانىلار بۇ نۇقتىلارغا ئېتىبار بەرسە پەرزەنىتلىرىدىن بىھۇدە رەنجىمەيدۇ.
داۋامى بار…
505 قېتىم كۆرۈلدى | izdan | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-9 10:25:05 | :يوللانغان ۋاقتى |
2015-8-15 14:45:52 | minsakiz |
bak yahxi yeziliptu maga yaridi |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|