ۋاقتىڭىزنى قەدىرلەڭ - شەھىدە ئاي ئەخمەت

ۋاقتىڭىزنى قەدىرلەڭ

 شەھىدە ئاي ئەخمەت


ۋاقىت گويا ئاتقان ئوق،ئۆتۈپ كەتسە يېنىشى يوق.
                                                  خاتىرەمدىن-
   كۈندىن قالدىڭ- ئايدىن قالدىڭ، ئايدىن قالدىڭ-يىلدىن قالدىڭ . شۇنداق، بۇ ماقال- تەمسىل بەكمۇ توغرا ئېيتىلغان. شۇنداق، ھازىرقى جەمىيىتىمىزدە، تۇرمۇشىمىزدا، ئائىلىمىزدە بىز ۋاقىتنى بىھۇدە ئۆتكۈزۋېتىمىز. بىز ھازىرقى ۋاقتىمىزنى، ھەرگىزمۇ چىڭ تۇتمايمىز. يېنىمىزدىكى، قېرىنداشلىرىمىزنى، قەدىرلىمەيمىز، ئۇلار بىزدىن ئايرىلغاندا ئاندىن پۇشايمان قىلىمىز. بىز ۋاقىتنى، چىڭ تۇتۇپ ئۆگەنمەي، ۋاقىت بولسىلا، ئويناپ، مۇھەببەتلىشىپ، تورخانا،دېسكوخانا، قىمارخاناقاتارلىق، جايلاردا يۈرۈيمىز. ئۆيدە نېمە ئىش بولىۋاتىدۇ بۇنىڭبىلەن كارىمىز يوق .
   ھازىرقى جەمىيىتىمىزدە، مېھىر- مۇھەببەت ئازلاپ كەتتى.ھازىرقى ۋاقتىمىزنى قەدىرلىمەيمىز.بىز ئاتا-ئانىمىزغا كۆيۈنمەيمىز، بىز ھازىر كۈيۈندىغىنىمىز تېلېفون، ئويۇن، مۇھەببەتلىشىش بولۇپ قالدى .ھازىر بىز ئۈچۈن نېمە ئەڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى تولۇق ھېس قىلىپ بولالمايۋاتىمىز. ناۋادا بىز ھازىردىن باشلاپ ئۇيغانمىساق ۋاقتى-ساتى كەلگەندە مەڭگۈلۈك پۇشايماندا قالىمىز.
  مانا مەن بۇ دۇنياغا كەلگىلى توپ توغرا ئون سەككىز يىل بولدى.بۇ ئون سەككىز يىل جەريانىدا نۇرغۇنلىغان ئىشلارنى بىششىمدىن ئۆتكۈزدۈم .كۈنلىرىم خۇشال خۇرام ۋە، قايغۇ ھەسرەتتە ئۆتتى.بەزى كۈنلىرى بەزى ۋاقىتلىرىم بىھۇدە ئۆتۈپ كەتتى.مەن ھازىر ئولتۇرۇپ ئويلاپ قالدى. مەن، ناۋادا ئاشۇ بىھۇدە ئۆتكۈزۈۋەت ىكەن كۈنلىرىمنى بىھۇدە ئۆتكۈزۈۋەتمىگەن بولسام نەقەدەر ياخشى بولاتتى- ھە!مەن ئاشۇ بىھۇدە ئۆتكۈزۈۋەتكەن كۈنلىرىمنى ئويلىسام،بەكمۇ پۇشايمان قىلىپ.چۈنكى،مەن ئاشۇ كۈنلىرىمنى بىھۇدە، ئۆتكۈزۈۋەتمەي، ياخشى ئۆگىنىپ،ئەھمىيەتلىك ئىشلار بىلەن  ئۆتكۈزگەن بولسام بەكمۇ ياخشى بولاتتى.
   مانا،ھەش- پەش دېگۈچە، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا يەنە 128 كۈنلا قالدى. بىز يەنىلا ئۇيغانماي بىھۇدە يۈرۈيمىز. ھەي دوستۇم ، ئەمدى ئويغانغىن، بولمىسا،ماڭا ئوخشاش، مەڭگۈلۈك پۇشايماندا قالىسەن.                    
بىز ئەمدى،ئويۇن تاماشىلاردىن قول ئۈزەيلى. ئاتا-ئانىمىزغا، قېشىمىزدىكى قېرىندىشىمىزغا،دوستلىرىمىزغا مېھرىمىزنى بېرەي.ئويۇن تاماشىلاردىن يىراقتۇرۇپ ياخشى ئۆگۈنەيلى! ئاتا ئانىمىزنىڭ بىزدىن كۈتكەن ئۈمۈد-ئارزۇلىرىنى يەردە قويمايلى!ئەمدى بىز  ياخشى ئۆگەنمىسەك پۇشايمانداقالىمىز. ئۇ كەمدە مىڭ پۇشايمان قىلغان بىللەنمۇ ۋاقىت، ئارقىغا يانمايدۇ! ۋاقىتنى غەنىيمەت بىل، پۇلۇڭغا ئىشەنمە. بۇ ماقال-تەمسىلنى ئىسىمىزدە چىڭ تۇتۇپ ،ياخشى ئۆگىنەيلى!ھازىر بىز،جاپالىق ئۆگەنگەندىلا، ئاخىردا جاپاغا چۈشلۇق مېھنەت ئالىمىز......
     





272 قېتىم كۆرۈلدى شەھىدە ئاي ئەخمەت ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-1-30 1:00:42  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-3-28 21:12:02 ئەسما
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلىپتۇ ، ئاپتورنىڭ ئەقلىگە بارىكاللا!بۇ ماقالىنى ئوقۇپ ، بولۇپمۇ ئاخىرقى مەزمۇنىنى ئوقۇپ تولۇق ئوتتۇرا 3-يىللىق ھاياتىمنى ئەسلەپ قالدىم. مۇئەللىم بىزگە مۇنداق دەيدىغان:« 12 يىل تىرىشىپ مۇشۇ 4-ئايدا ئۇخلاپ قالغان ئادەم ئەڭ خەتەرلىك !». دېمىسىمۇ كۆپىنچە ساۋاقداشلار شۇنچە يىل تىرىشىپ ئوقۇپ ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا ئاز قالغان مۇشۇ كۈنلەردە بىلىپ -بىلمەي ۋاقىتنى بىكارغا ئۆتكۈزىۋېتىدۇ. ساۋاقداشلارنىڭ ئاخىرىغىچە بەرداشلىق بېرىشىنى ، ئارزۇيىدىكى ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈشىنى تىلەيمەن .
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ