قىزلار سەمىگە - ئالمىرە ياقۇپ

 قىزلار سەمىگە
ئاپتۇرى : ئالمىرە ياقۇپ 


ئاياللارنىڭ بۈشۈك تەۋرەتكەن قوللىرىدا دۇنيا تەۋرەيدۇ ، ئاياللارنىڭ قەلبى كىرلەشسە بىر مىللەت كىرلىشىدۇ . بۇندىن بۇرۇنقى ئانىلار بىر قولىدا بۈشۈكنى ، بىر قولىدا دۇنيانى تەۋرىتەلەيدىغان جاسارەتلىك ئانىلاردىن ئىدى . ئەپسۇس ھازىرقى جەمئىيەتتە كەلگۈسىدە ئانا بۇلىدىغان قىزلىرىمىزنىڭ تەڭدىن تولىسى بۈشۈك ياكى دۇنيانى ئەمەس بەلكى ئۆز تىنىنى ، ئۆز جىسمىنى تەۋرىتىپ ئويناۋاتىدۇ . " قىز ، ئايال ، ئانا " مانا مۇشۇ سۆزلەر تىلغا ئىلىنسا كۆزلىرى خۇددى كېچە ئاسمىنىدا چاقناۋاتقان يۇلتۇزلاردەك ، باغرى ھەم قوينى بولسا دېھقان ئاتىلىرىمىزنىڭ ئەجرىگە كەلگەن ئىتىز باغلىرىدەك شۇنچىلىك كەڭ ، شۇنچىلىك ئىللىق تۇيغۇ ئاتا قىلىدىغان مېھرىبان ، كۆيۈمچان ئانىلىرىمىز يادىمىزغا كىلەتتى . بىزدەك يىڭى بىر ھاياتلىقنى بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە قىلغان ئەنە شۇ جاپاكەش ئانىلىرىمىز ئىدى . ئوقۇش ھاياتىمىزدا مەكتەپتىن قايتىپ ئۆيىمىزنىڭ بوسۇغىسىدىن ئاتلىغاندا تۇنجى كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىدىغان ئىنسان يەنە شۇ كۆزلىرىدىن كۈلكە جىلۋىلىنىپ تۇرىدىغان مېھىرلىك ئانىلىرىمىز ئىدى . مانا بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر بىزنى بىقىپ قاتارغا قوشقان كۆيۈمچان ئانىلىرىمىزمۇ نەچچە يىللار ئىلگىرى بىزدەك قىزلاردىن ئىدى . شۇ گۈزەل ياشلىق ، قىز مەزگىللىرىدە ئۆز تىنىنى پاكىز تۇتۇپ ، قەلبىنى پاك قىلىپ ئەدەپ ئەخلاق ۋە ھاياسىنى ئۆز جېنىدىنمۇ قىممەتلىك كۆرۈپ كەلگەچكە بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە باشقىلارنىڭ تەرىپلىشىگە ئەرزىيدىغان ، باشقىلار تىلى ھەم قەلبىدە ھەرۋاقىت ياد ئىتىپ تۇرىدىغان ئۇلۇغ بىر ئىنسان يەنى ئۇلۇغ بىر ئانىلاردىن بولدى .
         ((مانا مۇشۇلاردەك ئۇلۇغ بىر ئىنساننىڭ تىنىدىن تۆرەلگەن قىزلار كەلگۈسىدە مۇشۇ ئانىلىمىزدەك ئۇلۇغ ئانىلاردىن بۇلالارمۇ ؟)) دىگەن مۇشۇ سۇئالغا جاۋاپ تىپىش ئەمەس بەلكى مۇشۇ سۇئال ئالدىدا پۈتۈن بەدىنىم مۇزلاپ ،تىلىم گەپكە كەلمەي قىتىپلا قالاتتىم . چۈنكى كەلگۈسىدە ئانا بۇلىدىغان ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدىكى بەزى قىزلىرىمىزنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرسەم تىنىم شۈركىنىپ كىتەتتى .
خىيال دىڭىزىغا غەرىق بۇلۇپ كوچا ئارلاپ كىتىۋاتاتتىم ،
   —كۆرۈشەيلى دەپ تەكلىپ قىلغان ئورنىڭىز ئەسلى مۇشۇ يەرمىدى ؟ يىقىنلا ئەتراپتىكى كىچىككىنە ئاشخانىدىن ئاڭلانغان بۇ قۇپال ئاۋاز مىنىڭ خىياللىرىمنى بۇزدى .
كۆزلىرىمنى قاياققىدۇر ئىپ قاچاي دەيتىميۇ لېكىن كۆزلىرىم ئەنە شۇ بىر جۈپلەرگە تىكىلدى ، كۆز ئالدىمدا ئۇچىسىغا تەنتەربىيە كىيىمى كىيىۋالغان ، چىرايىدىن توپىلىق يوللاردا چوڭ بولغان بىر دېھقان ئوغلى ئىدى . مىنى تىخىمۇ خىيالغا پاتتۇرۋەتكىنى دېھقان ئوغلى يىنىدا ئولتۇرغان چاچلىرى سېرىق ، مايكىلىرى كالتەك ، ئىشتانلىرى تار بولغان ئاتالمىش ھازىرقى زامانىمىزنىڭ مودا قىزى ئىدى .
    —ۋىيەي ، مىنى بۇ يەرگە چاقىرتىپ كۈننىڭ ئىسسىقىدا ھالسىراپ ئۆلسۇن دىگەنمۇ ؟ قىنى تاماقلارنى بۇيرىمامسىز ،—دەپ سۆز ئاچتى بىر قولىدا يانفۇن ، بىر قولىدا سېرىق چاچلىرىنى پۇلاڭلىتىپ ئولتۇرغان قىز .
   — بولىدۇ ، ئەمسە مەدەنىيىتىمىزدە ئىسىل تائام دەپ نام ئالغان پولو بۇيرىتايلى ، — دېدى كۆز ئىشارىسى بىلەن مۇلازىمنى چاقىرۋاتقان يىگىت .
   — توۋا ، يۈزۈمنى بۇنچە چۈشۈرمىڭە ئۆيدە يىگەنلىرىم ئاز كەلگەندىكىدەك سىرتتىكى ئاشخانىغا كىرىپمۇ مۇشۇنى يەمدىمەن ، — دىگىنىچە قىز قاپاقلىرىنى تۈرۈپ ، كۆزلىرىنى ئالايتىپ ئولتۇراتتى .
  — ..............
      قىسقا ۋاقىت ئىچىدە نارازلىق ئىلكىدە دىيىلىۋاتقان مۇشۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ يولۇمغا راۋان بولدۇم .
     مانا مۇشۇنداق كىچىككىنە پۇل كۆرسە ئۆزىنى ئاتىۋىتىدىغان ، يات جىنىستىكىلەر ئالدىدا ئەيبىنىلا ئەمەس بەلكى نامەھرەم بولغان يەرلىرىنى ئىچىپ ئۇيالماستىن ئوغۇللارنىڭ رومكىلىرىغا ھاراق قۇيۇپ بىرىۋاتقان ، كىچىنى - كىچە دىمەي ئاتا ئانىسىنى ئالداپ دوستۇمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىدى  دەپ يالغان سۆزلەرنى ئىيتىپ رەڭلىك چىراقلار ئاستىدا ئاتالمىش مۇھەببەتلىرى بىلەن كۈلكە -چاقچاق قىلىشىپ ئولتۇرۋاتقان ، چاچلىرىمدىن زېرىكتىم دەپ كالتە قىلىپ كىسىۋىتىپ ، ھەسەن - ھۈسەندەك ھەرخىل رەڭلەردە بۇيىۋىلىپ بارغان ، كۈننىڭ ئىسسىشىغا ئەگىشىپ چىدىمىدىم دەپ كىيىىملىرىنى ئۇچۇق قىلىۋىتىپ بارغان ، بۇ ئىشتاننىڭ ئىچىگە ئىككى ئادەم پاتىدىكەن دىگەندەك مەسخىرە سۆزلىرىنى ئىيتىپ بەدەنلىرىگە چاپلاشقۇدەك ھالەتتە تارلاشتۇرىۋاتقان ، مەكتەپتە ئوقۇش زېرىكىشلىككەن ئۆزۈم ئىشلەپ پۇل تاپىمەن دەپ كۈندۈزلىرى ئىشلەپ ، كىچىلىرى تاپقان پۇللىرىنى خەجلەپ تۈگىتىۋاتقان ، ئاتا - ئانىلىرىنى ياراتماستىن سىلەردەك زاماننىڭ كەينىدە قىلىشنى خالىمايمەن دەپ ئاتا - ئانىسىنىڭ تاپقان تەرگىنىگە ماركىلىق ، ئالى بولغان يانفۇن ، كىيىم-كىچەكلارنى ئىلىۋاتقان ، قىز بالا بولغاندىن كېيىن ياسىنىپ يۈرۈشۈم كېرەككەن دەپ ھەتتا ئۆزىمۇ تۇنىيالمىغۇدەك ھالەتتە يۈز - كۆزلىرىنى رەڭلىك قىلىپ بۇيىۋالغان ، مەكتەپتە ئوقۇش پۇلنى تۆلەيمىزكەن دەپ ئىككى - ئۈچ يۈز يۈۋەننى ئارتۇق سوراپ كۆڭۈل ئېچىشلەرگە ئىشلىتىۋاتقان ، ئوغۇللارنى كۆرگەندە ئۆزىنى تۇتىۋالماستىن ئەركىلەپ سۆزلەۋاتقان ھەم شۇنداقلا سۈركۈلۈپ ئۆتۈپ ئوغۇللارنىڭ چاقچاق قىلىشلىرىغا پەخىرلىنىپ كىتىېۋاتقان ھازىرقى زاماندىكى بەزى قىز - ئاياللىرىمىز ئۆزىنىڭلا ئەمەس بەلكى پۈتۈن قىزلارنىڭ نامىغا داغ تەگكۈزۋاتىدۇ ، كىيىنكى پەرزەنتلەرنىڭ بۇزۇلۇپ ، يامان يولغا كىرىپ قىلىشىغا ئاساسى يول سىلىپ بىرىۋاتىدۇ .
         شۇڭا بارلىق قىزلار ئويلۇنايلى ھەم ئويغۇنايلى ، كەلگۈسىدىكى پەرزەنتلەر ئالدىدا يۈز كىلەلىگۈدەك ياشايلى …رەڭمۇ رەڭ كىيىم - كىچەك ، ھەرخىل دوستلار يىغىلىشى ، چايلارغا ئاجراتقان ۋاقتىمىزنى ئۆز پۇشتىمىزدىن بولغان پەرزەنتلەرگە ئاجىرتايلى . مودىل ، ناخشىچى ، ئۇسۇلچىلار ئەمەس بەلكى دوكتۇر ، ئالىملارنىڭ كۆپلەپ تەربىيلىنىپ چىقىشىمۇ بىزدەك ، سىزدەك ئانىلىرىمىزنىڭ قولىدا ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ ئاۋۋال ئۆزىمىزنى پاكىزلايلى ، ئۆزىمىزنى تەربىيلەيلى ھەم شۇنداقلا ئىرادىمىزنى مۇستەھكەملەيلى .
           شۇنىڭ بىلەن بىرگە كەلگۈسىدە ئۆينىڭ تۈۋرۈكى بولىدىغان يىگىتلەرگە ، ئاكا - ئىنىلىرىمىزغا شۇنى تەۋسىيە قىلىمەنكى : ئۆزىڭىزنىڭ غورۇرى ، ئۆزىڭىزنىڭ ۋىجدانى ھەم ئۆزىڭىزنىڭ ئۆمۈرلۈك بەختى ئۈچۈن قىز - ئاياللىرىمىزنى ، ھەدە - سىڭىللىرىمىزنى ئاسرايلى ، قوغدايلى ، ئۇلارنى نابۇت قىلىش ئەمەس بەلكى يامان يوللاردىن توسۇيلى





545 قېتىم كۆرۈلدى AlMeRa ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-2-28 22:10:01  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ