توك نەدىن كىلىدۇ

توكنىڭ كېلىش مەنبەسى

 

(ئېلشاتجان ئېزىز يىگچى )

 

توك كۈندىلىك تۇرمۇشمىزىدا كەم بولسا بولمايدىغان بىر خىل ئېلېكتر ئېنېرگىيسى،  ھەممەيلەنگە مەلۇم : توك بولمىسا ئائىلەردە لامپۇچكا يانمايدۇ،  تېلېۋۇزور، كېرئالغۇ ، توڭلاتقۇ ، قاتارلىق ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرىنى ئىشلەتكلى بولمايدۇ ،زاۋۇتىلار ۋە كان -كارخانىلار ئىشلەپچقىرىش ئېلىپ بارالمايدۇ.پەن -تېخنكنىڭ   ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلشى بىلەن توكنىڭ  جەمئىيەت  تەرەقىياتدا ئوينايدىغان رولى كۆرنەرلىك بولماقتا . مەيلى يېزا -ئىگلىك ،ئېغىر ۋە يېنىك سانائەت بولسۇن ،توك بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزىدا ئىنتايىن مۇھىم ئۇرۇن تۇتىدۇ.

بىراق سىز توكنىڭ قەيەردىن كېلدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟  بەزى كىشلەر              ‹‹ توك تىرانسفورماتور پونكىتىدىن كېلىدۇ ›› دېسە يەنە بەزى كىشلەر ‹‹توك تەمنىلەش پونكىتىدىن كېلىدۇ›› دېيىشى مۇمكىن . دەرۋەقە بىز  ئائىلەردە ئىشلىتۋاتقان توك  تىرانسفورماتور پونكىتنىڭ ئۆزگەرتىپ ئايلاندۇرشىدن  ئۆتۈپ، توك تەمىنلەش پونكىتى ئارقىلىق ھەر قايسى ئائىلەرگە يەتكۈزۈلىدۇ .

لېكىن توك تەمنىلەش پونكىتى پەقەت‹‹ توك يەتكۈزۈش لىنىيسى›› ئىچىدە بىر پوچتا بېكىتىدۇر. ئەمما ‹‹توك يەتكۈزۈش لىنىيىسى ›› دە يەنە نۇرغۇنلىغان پوچتا بېكەتلىرى بار،  بۇ خىل پوچتا بېكەتلىرى توكنىڭ پۈتكۈل يەتكۈزلۈش  جەرياندا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ . ئەمدى بىز ئائىلمىزدە ئىشلىتدىغان  بىر كىلوۋات توكنىڭ  يەتكۈزلۈش جەرياننى ئېلىپ ئېيىتساق ،بۇ بىر كىلوۋات توك ئائىلىگە كېلشىتىن ئىلگىرى  ئېلكېتر  ئىستانىسى، تېرانسفورماتور پونكىتى ، توك تەمنىلەش پونكىتى ۋە ئائىلدىن  ئىبارەت تۆت بېكەتنى بېسىپ ئۆتىدۇ. تۆت بېكەت ئىچدە يەنە  ئىشلەپچىقىرىپ تارقىتىش ، يەتكۈزۈپ بىرىش ، تەقسملەش ، سېتىش قاتارلىق مۇرەككەپ جەريانىلارمۇ بار.

ئاۋال بىز ئېلېكتر ئىستانىسى توغرىلىق توختىلايلى : ئېلېكتر ئىستانىسى‹‹ توك يەتكۈزۈش لىنىيسى ›› دىكى بىرىنچى بېكەت ، شۇنداقلا پۈتكۈل ئېلېكتر توردىكى ئىنتايىن موھىم بىر بېكەت .

ئېلېكتر ئىستانسى ئۆز ئىچدىن يەنە  سۇ ئېلېكتر  ئىستانىسى ، شامال ئېلېكتر ئىستانىسى ،ئوت ئېلېكتر ئىستانىسى ،ۋە يادرو ئېلېكتر ئىستانىسى قاتارلىق ئوخشىمغان تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ. بۇلارنىڭ ھەمىسى  ھەر خىل ئېنېرگىيەننى مەسلەن ( سۇ ئېنېرگىيسى ،شامال ئېنېرگىيسى ،  ئىسقلىق ئېنېرگىيسى ،يادرو ئېنېرگىيسى )قاتارلىق ئېنېرگىيدىن پايدىلىنپ مېخانىك ئېنېرگىيگە ئاندىن مېخانىك ئېنېرگىينى  ئېلېكتر ئېنېرگىيسىگە ئايلاندۇرىدۇ.
لېكىن دۆلتىمىز ئېلېكتر سانائەتىنڭ كۈندىن -كۈنگە تەرەققي قىلىشى بىلەن يەنە بىر تۈرلۈك مەسىلەرمۇ مەيدانغا كەلدى .يەنى مەبلەغ سېلنىمسى يۇقىرى بۇلۇش ، خوراش سەرپىياتى ئېشىپ كېتىش ،موھىت بۇلغاشىتەك  مەسىللەر بىر قەدەر  ئېغىر بولۇپ كەلمەكتە .بۇ مەسىلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشى بىلەن  دۆلەت ۋە جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك دېققەت -ئىتبارىنى قوزغىدى .

نۆۋەتتە دۆلتىمزدە  گېنېراتورلانىڭ قۇراشتۇرۇلغان سىغمچانلىقى  سۇ ئېنېرگىيسى بىلەن توك چىقىرىش (24.5%)  ئىسسقلىق ئېنېرگيىسى بىلەن توك چىقىرىش (73.9%)  يادرو ئېنېرگىيسى بىلەن توك چىقىرىش (1.6%) بويىچە بولماقتا . سۇ ئېنېرگىيسى ۋە شامال ئېنېرگىيسى  موھىت بولغمايدىغان پاكىز ئېنېرگىيە بولغاچقا دۆلتىمز نىڭ كېينكى 10يىللىق تەرەقىيات پىلانغا ئاساسەن 2020-يىلىغا بارغاندا سۇ ئېنېرگىيسى بىلەن توك چىقىرىشنى (26.9%)گە  شامال ئېنېرگىيسى بىلەن توك چىقىرىشنى (4.3%) يەتكۈزۈشنى پىلانلىدى .

ئەمدى بىز  سۇ ئېلېكتر ئىستانسىدىكى ئىشچى -خىزمەتچلەرنىڭ قانداق خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ ئۆتىمىز : ئاۋال دەريا توسمىسنىڭ ئالدىغا لىق سۇ كۆپتۈرۈلىدۇ ،  سۇ كۆپتۈرلۈپ بولغاندىن كېيىن  سۇ كىرىش قاپقىقنى 10 سانتىمېتر  كۆتۈرۈپ سۇ باشلاش تونىلىغا لىق سۇ توشقۇزلىدۇ.

سۇ كىرىش قاپقىقنى كۆتۈرۈشتىن ئىلگىرى سۇ باشلاش تونىلىغا سۇ باشلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا گاز چىقىرىش تۆشۈكى ئارقىلىق تونىل ئىچدىكى ھاۋا چىقىرىپ تاشلىنپ قاپقاقنى كۆتۈرۈشكە قولاي بۇلۇشى ئۈچۈن قاپقاقنىڭ ئالدى -كەيندىكى سۇ بېسىملىرى ئۆز ئارا تەڭ قىلىنىدۇ ، يەنى بېسملار يېيىشتۇرۇۋېتىلىدۇ. ئاندىن كېيىن سۇ كىرىش قاپقىقنى پۈتۈن كۆتۈرۈپ سۈرئەت تەڭشگۈچ بىلەن سۇ تۇربىنلىق گېنېراتورىغا ئېچىلىش بويرۇقى بېرىلدۇ، سۇ ئورنى ئېگىزدە  بولغانلىقىتن سۇنىڭ بېسىم كۈچى ئارقىلىق سۇ توربىنىسنى ھەرىكەتلەندۇرۈپ ئىش ئشلەيدۇ.

سۇ تۇربىنىسنڭ تېز سۈرئەتتە ئايلنىشى بىلەن نەچچە مىڭ كىلوۋاتلىق چوڭ تىپتىكى گېنېراتورلار ناھايىتى يۇقىرى ئېلېكتر بېسىمى بىلەن كۈچلۈك توك چىقىرىدۇ ، ئادەتتە ئوتتۇرا  كىچىك تىپتىكى گېنېراتورلارنىڭ چىقىرىش ئېلېكتر بېسىمى 6.3كىلوۋولىت بۇلىدۇ . گېنېراتور  چىقارغان توك ئۆزگىرشىچان توك بولىغاچقا ئۇنى بىۋاستە ئىشلەتكۈچىلەرگە تارقىتىشقا بولمايدۇ . ئالدى بىلەن گېنېراتوردىن چىقارغان ئېلېكتر بېسىمى 6.3 كىلوۋولىت  ئېلېكتر  ئېنېرگىيىسنى  بېسىم ئۆرلىتىش پونكىتغا يوللاپ بېسىم ئۆرلەتكۈچى تېرانسفورماتور  ئارقىلىق110مىڭ كىلوۋولىت ياكى ئۇنڭىدىن يوقىرى بولغان ئېلېكتر بېسمغا ئۆرلتىپ توك  ئۇزۇىتىش سىملىرى ئارقىلىق  ئارلىقى ئىنتايىن يىراق بولغان تېرانسىقورماتور پونكىتغا  يوللىندۇ. چۈنكى يۇقىرى بېسىمدا ئېلېكتر ئېنېرگىيىسىنى ئۇزاتقاندا ئېلېكتر ئېنېرگىيىسنى ئۇزىتىشتىكى خوراشنى ئازايتىقىلى بولىدۇ .

توك بۇ بېكەتلەرنى بېسىپ ئۆتۈپ يەنە دۆلەت ئېلېكتر تورى شېركتنىڭ تەقسملشى بىلەن يىراق يېزىلاردىكى توك تەمنىلەش پونكىتى  يەتكۈزلۈپ  ئۇ  يەردە يەنە تېرانسفورماتور  ئارقىلىق ئېلېكتر بېسمى( 220 ۋولىت )لۇق تۇراقلىق  ئېلېكتر بېسمىغا ئايلاندۇرۇپ ئائىلەرگە يەتكۈزۈلىدۇ

مانا بۇ پۈتكۈل ئېلېكتر توردىكى توكنىڭ ئىشلەپچىقىرىپ تارقىتش ، يەتكۈزۈپ بىرىش ، تەقسملەش ، سېتش قاتارلىق جەرياندۇر .

ئونسۇ دولان 1 – دەرىجلىك ئېلېكتر ئىستانسى

2013 – يىل 24 – ئاپىرىل

 





402 قېتىم كۆرۈلدى yigqi ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-1-12 12:39:49  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-1-21 13:49:56 قەيسەر
ياخشى يېزىپسىز !! توك ھەققىدە ياخشى چۈشەنچىگە ئ‍ىگە بولدۇم .
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ