قىز - ئ‍اياللارغا

 

قىز - ئ‍اياللارغا

 

نەزەربىك

 

ئ‍ەخلاق - ھايا كىمدە بولسا ھۆرمەتلىك بۇلۇر ، پاكلىق ، ۋىجدان كىمدە بولسا بەخىت -سائادەت تاپۇر . بىر ئ‍ايالنىڭ ھەقىقى قىممىتى ئ‍ۇنىڭ پەزىلىتدە - پاكلىقىدا . بىر پەزىلەتلىك ئ‍ايالنىڭ قەلبى ھەم تۇرمۇش ئ‍ادىتى ئ‍ۇنىڭ تەقى - تۇرقى ۋە كىيمىدىن ئ‍ايان بولىدۇ .بىر ئ‍الدىراش ئ‍انا بىر ھورۇن قىزنى تەربىىيلەيدۇ . كىيىم ئ‍شكابىغا قاراپ بىر ئ‍ايالنىڭ خاراكتىرنى بىلگىلى بولىدۇ . كىيىمنى ھاياتنىڭ مەنىسى دەپ بىلىدىغانلارنىڭ قىممىتى كىيىمگە يەتمەيدۇ . گىرىم ئ‍اياللارغا نىسبەتەن ئ‍ۆزىنى ئ‍الداش ، ئ‍ەرلەرگە نىسبەتەن ساختىلىق .پەرداز بۇيۇملىرى ئ‍ىلانلىرنىڭ كۈندىن - كۈنىگە ئ‍اۋۇپ كىتىشى ، كەلگۈسىمىزدە رەڭۋاز رەزىللەر ، يەپ تويماس پوكانپايلار ياسانچۇق غىتمەكلەرنىڭ ئ‍اۋۇپ كىتىدىغانلىقىنىڭ بىشارتى . بەزى قىز - ئ‍اياللاردا ئ‍ەخلاق ۋە غورور يۇقۇلۇۋاتىدۇ ، ئ‍اڭ ۋە ھايا سۇسلىشىۋاتىدۇ شۇڭا يوپكا ۋە ئ‍شتان تارىيىپ ، مەيدىسىنى ئ‍ۇچۇق قۇيۋاتىدۇ . ئ‍ىسىت شۇنداقلارغا لەنەت . دىيانەتسىز ئ‍ايال تەكچىدىكى يالغان گۈل ، يالغان گۈل ئ‍ازغىنا ۋاقىتتىلا ئ‍ەخلەت ساندۇقىغا تاشلىنىدۇ . دىيانەتلىك ئ‍ايال ساپ ئ‍التۇنغا ئ‍وخشايدۇ ، ئ‍ۇ ئ‍وتتىمۇ ، سۇدىمۇ ئ‍ۆزىنىڭ ساپلىقىنى يۇقاتمايدۇ ، يەنە ئ‍ۇ تاشنى يېرىپ ئ‍ۆسكەن قارىغاي قىشتىمۇ يازدىمۇ يىشىل رەڭگى ئ‍ۆزگەرمەيدۇ . بىر دانا شۇنداق دەيدۇكى بەزى قىز - ئ‍اياللارغا ،يۈز كۈزۈڭنى بويىغان شۇ پۇلغا كىتاب ئ‍ېلىپ قەلبىڭنى بويىساڭچۇ دەپ .ۋاپاسىز قىزدىن تىزگىنسىز ئ‍ايال چىقىدۇ .قىزلارنى ھايالىق ، دىيانەتلىك ، تىرىشچان ، سەۋرىچان تەربىيەلەش ئ‍ۇلارغا مال دۇنيا مىراس قالدۇرغاندىن ئ‍ەلا . سىزدكى گۈزەل ئ‍ەخلاق قەبىڭىزنىڭ ساغلاملىقىدۇر . ئ‍ەكسىچە بولسا سىز رەزىل . مۇكەممەل پەزىلەت يۈكسەك ئ‍ەخلاقى چېنىىقشتىن كېلىدۇ . دانا ئ‍ايال ئ‍ەرگە نىسبەتەن ئ‍اسان ئ‍چىلمايدىغان ئ‍شىك . ئ‍التۇن ئ‍وت بىلەن ئ‍ايال ئ‍التۇن بىلەن ئ‍ەركەك ئ‍ايال بىلەن سىنىلىدۇ . ئ‍ادەمنىڭ ھەقىقىي قىممىتى ئ‍ېزىقتۇرۇشقا ئ‍ۇچىرىغان ئ‍اشۇ دەقىقىلەردە ئ‍ايان بولىدۇ .غورۈر بولمىسا ئ‍نساننىڭ قىممىتى نۆل . ھەق گەپ ئ‍اچچىق ، مىۋىسى تاتلىق . ھاياتىڭغا گۈل تۇتۇپ كىرگەن كىشىدىن پەخەس بول ، ھەقنى ئ‍اڭلاپ تۇرۇپ ئ‍ويغانمىغان ھەر كىشىدىن پەخەس بول !

 يازغۇچى : ئ‍ىرپان 15001557859 .





391 قېتىم كۆرۈلدى nazarbek ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-3 11:58:09  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-8-10 11:33:17 ئ‍ىرپان
رەھمەت تورداشلارغا ، بۇ ماقالنىڭ ھەجىمى چوڭ ئ‍ەمەس لىكىن مەزمۇنى چۇڭقۇر ، قىممەتلىك نەسىھەت . تەپسىلى يازاي دىسەم ئ‍ۇزراپ كىتىدۇ ، شۇڭا ئ‍ەڭ مۇھىم مەزمۇننىلا يازدىم . جەمىئيتىمىزدىكى بىر قىسىم ئ‍اتالمىش مودىلارنىڭ ، ئ‍ويغىىنىپ ، ھۇشىنى تېپىشىنى ، ئ‍ەخلاق دىيانەت بىلەن ياشىشىنى مەن ۋە غورور بىلەن ياشاۋاتقان بارلىق قېرىنداشلارنىڭ ئ‍ۈمىدى تەۋسىيەسى !
2015-8-8 23:22:45 abdusalam
rahmat harmegaysez ixleregezga utuk turmuxegezga barkat tinegezga salamatlikuzun umur telayman
2015-8-8 23:22:44 abdusalam
rahmat harmegaysez ixleregezga utuk turmuxegezga barkat tinegezga salamatlikuzun umur telayman
2015-8-7 23:49:53 ئۈچۈن
بەك يارىدى خو
2015-8-7 0:25:53 izdan
ياخشى يېزىپسىز قېرىندىشىم،يەنىمۇ تىرشىڭ!
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ