مەھەللەمنى سىغىندىم - ئامىنە ئابلەق نۇرانى

 مەھەللەمنى سىغىندىم
 ئامىنە ئابلەق نۇرانى


     ئىلانلىق بازىرىنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىغا جايلاشقان ،ئىلانلىق بازىرى بىلەن ئارىلىقى 30 چاقىرىم كېلىدىغان خىلۋەت بىر مەھەللە بار.كىشىلەرئۇنى «بۇرجاي مەھەللىسى» دېيىشىدۇ، مەن ئاشۇ سۆيۈملۈك تۇپراقتا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان، مەن تۇغۇلغان ئاشۇ دەملەردە ئۆزۈمنى بەكمۇ بەختلىك ھىس قىلاتتىم.ئاتا ئانام تولىمۇ ئىشچان ئىدى. ئاتام بىلەن بىللە ئېتىزلاردا ئىشلەيتتىم، لەرزان ئورما ناخشىسىغا تەڭكەش قىلىۋاتقان ئورغاقلار كىشىنىڭ دىل تارىسىنى چىكەتتى،ئاتام ئورغاق بىلەن ئورما ئورسا مەن باغلىق تاشلاپ بېرەتتىم، ئاتامنىڭ ماڭلىيىدىن ئاققان مۇنچاق مۇنچاق تەرلەرنى يەڭلىرى بىلەنلا سۈرتۈپ ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرىگىنىنى كۆرگىنىمدە كۆڭلۈم يايراپ كېتەتتى. قاش قارايغاندا ئۇرمىلارنى ماشىنىلارغا بېسىپ، يۇمشاق بۇغداي باغلىقلىرىنىڭ ئۈستىدە ئۇلتۇرۇپ قالغاچ بالىلىرىدەك ۋىچىرلىشىپ ناخشا ئېيتىپ ،ئاي چىقىپ يۇلتۇزلار ئەمدىلا جىمىرلاشقا باشلىغان مەھەللىمىزنى چەكسىز خۇشاللىققا چۆمدۈرۈۋېتەتتۇق.ھاۋاسى ساپ  سۈيى ئەلۋەك، يەرلىرى مۇنبەت بولغان مەھەللىمىز تاغ تۈۋىگە جايلاشقان بولغاچقىمىكىن يازنىڭ كۈنى بەك سالقىن ئىدى.ئالتۇن كۈزدە يېشىل مەرۋايىتتەك سانجاق سانجاق  ئۈزۈملەر پىشىپ كېتەتتى، شاخ شۇمبىلار بىلەنلا قاشالاپ قويغان ئۈزۈملىك باغلارغا خالىغانچە كىرىپ ئۈزۈم يېيەلەيتتۇق.ئۈزۈم تېلى ئېرىقلىرىدىكى يۇمشاق قۇملارغا باغرىمىزنى يېقىپ ئۇزاققىچە يېتىپ كېتەتتۇق.ساپ ھاۋا،  يۇمشاق يەر، تېپىلغۇسىز جەننەتتەك تۇيۇلاتتى. مەھەللىمىزنىڭ ئادەملىرى يۇۋاش، مۇلايىم، چىقىشقاق دەپ تەرىپلىشىدىغان نامى بار.بۇ مۇنداقلا كېلىپ قالغان نام ئەمەس، بىزنىڭ  مەھەللىنىڭ ئۈستۈن تەرىپىدە تاغ ئىچىدە كۆمۈر كان بۇلۇپ، ناھىيىمىزدىكى يېزا بازارلارنىڭ قىشلىق ئىسسىنىش كۆمۈرى مۇشۇ كاندىن تەمىنلىنىدۇ.قىش ياز ئۆكسۈمەيدىغان كۆمۈر  ماشىنىلىرى ۋە ھارۋىكەشلەر مەھەللىمىزدىن كېسىپ ئۆتەتتى، مەھەللە تولىمۇ ئاددىي يىزا پۇرىقى كېلىپ تۇرىدىغان سەبىي بالىدەك مەسۇم مەھەللە بولغاچقا ئاشخانىمۇ يوق ئىدى.شۇڭا ماشىنىلىرى بۇزۇلۇپ قۇرسىقى  ئاچقان شوپۇرلار، ئات ئېشەكلىرى ھېرىپ قالغان ھارۋىكەشلەر، قەھرىتان سوغۇق ياكى تومۇز ئىسسىقتا، پاناھلىنىدىغان جاي تاپالماي قالغان بۇ مېھنەتكەش كۆمۈر توشۇغۇچىلار، مەھەللىمىزدىكى ھەر قانداق بىر ئۆيگە ياردەم تەلەپ قىلىپ  كىرىۋېرەتتى.ئۇلار ھەر بىر ئۆيدە ئىللىق  ھارارەت ۋە ھورى كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان ئىسسىق تاماق بىلەن كۈتۈۋېلىناتى ، بۇ مەھەللىدىن ئۆتكەن يولۇچىلار ئۆز ئۆيىگە كىرگەندەك ئەركىن كىرىپ چىقاتتى، شۇڭا بۇ مەھەللىنى مېھىر مەھەللىسى دەپ ئاتاشقان ئىدى .مەن مۇشۇ مېھىرلىك مەھەللەمدە ئۆسۈپ يىتىلىپ  مەكتەپكە بارغۇدەك بولدۇم، بىزنىڭ ئۆيدىن مەكتەپكە بارغۇچە بولغان يول ياقىسىدا قۇچاق يەتكۈسىز قاتار كەتكەن كۆك تېرەكلەر بارئىدى.مەن ساۋاقداشلىرىم بىلەن بىرلىكتە، ئاسمان بىلەن بوي  تالاشقان سۇمباتلىق تېرەكلەرنى ۋىچىرلاپ سانىغانچە مەكتەپكە باراتتىم.تالاي ئەسلىمىلەر قالدى، تولىمۇ ئېسىمدىن  چىقمايدىغىنى ھەر قېتىم مەكتەپتىن قايتقاندا، يوغان دەرەخلەرنىڭ كامار بولۇپ كەتكەن قوۋزاقلىرىغا مۆكۈنۈپ مۆكۈ-مۆكېلەڭ ئوينىغان چاغلار ۋەبەزىدە ئۆيىمىزنىڭ يېنىدىكى  تۇپا دۆڭدە ئەسمەتخان ئويۇننى ئويناپ ھەقىقىي كىنولاردىكى ئارتىسلاردەك ئەسمەتخان ئوبرازىنى يۇقىرى پەللىگە چىقىرىۋېتىدىغان ئۇيۇنلار ئىدى، ئۇ رول ئالغان بالىلارنىڭ يۇمۇرىستىك ھەرىكەتلىرىنى كۆرۈپ كۈلكىدىن ئۈچەيلىرىمىز ئۈزۈلۇپ كېتەي دەيتتى. مەھەللە مېنى ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۇزىتىپ قويدى،ئوتتۇرا مەكتەپنى ئىلانلىق  بازىرىدىكى مەكتەپتە ئوقۇدۇم. ماڭا يەنە شۇ كۆمۈر ماشىنىلىرى ھەمراھ بولدى، ئۇ ۋاقىتلاردا ئالاھىدە قاتناش ۋاستىسى بولمىغاچقا، كۆمۈر توشىغان ماشىنىلارنى توسۇپ چۈشۈۋالاتتۇق.ئەينى چاغلاردا مەھەللەم بۇ جاپاكەش  مېھنەتكەش شوپۇرلارغا مېھىرلىك قوينىنى قۇچاق ئاشقان بولسا، ئەمدىلىكتە بۇ شۇپورلار بىز ئۈچۈن ئەلا مۇلازىمەت قىلماقتا.بىر ئاز بولسىمۇ كۆپرەك پۇل تېپىۋېلىش مەقسىتىدە باداڭلىرى كىرىلىپ كەتكىچە باسقان كۆمۈرلەر ئۈستىدە،قاغا بالىلىرىدەك تىزىلىپ رەتلىك ئولتۇرۇپ مەنزىلگە قاراپ ماڭاتتۇق.شۇ تەرىقىدە ئۆزۈم ئارزۇ قىلغان ئالىي مەكتەپكە باردىم.شۇندىن بۇيان،سۆيۈملۈك مەھەللەمدىن بارا بارا  يىراقلاپ كەتتىم. ئاتا ئانام ھايات ۋاقتىدا پات پات بېرىپ تۇراتتىم.ئەمدىلىكتە، ئاتا ئانامنىڭ تۇپراق بېشىغا بارغاچ مەھەللەمنى كۆرۈپ ئۆتىمەن. مەھەللەم كۆپ ئۆزگىرىپ كېتىپتۇ، يوللار ئاسفالىتلىشىپ قاتناش قۇلايلىق بولۇپتۇ، بۇرۇنقى بىز ئوينايدىغان پاكار پاكار سوقما تاملارنىڭ ئۇرنىنى، ھەيۋەت خىشتىن قوپۇرۇلغان سېپىل قورۇ تاملارئىگىلەپتۇ.كارىز سۇلىرى مۇنبەت يەرلىرى كېڭىيىپ ئۆرۈك ، چىلان ،ياڭاق ،ئۈزۈم،نەشپۈت ،شاپتۇل قاتارلىق ھەرخىل مېۋىلەر شاخ شېخىنى كۆتۈرەلمەي مەي باغلاپ پىشىدىغان بولۇپ كېتىپتۇ.ھەتتاكى مېھىرلىك مەھەللىگە يەنە بىر« خىلۋەت يىشىل مەھسۇلاتلىق مېۋە چېۋە ماكانى» دېگەن نام قوشۇلۇپتۇ. ئەمما ھېلىقى بىز مۇكۇ مۇكىلەڭ  ئوينايدىغان قۇچاق يەتكۈسىز كۆك تېرەكلەر يوقىلىپ كېتىپتۇ، ئەسمەتخان ئويۇنى ئوينايدىغان قۇم دۆڭلەرنىڭ ئورنىغا رەت رەت يېڭى يېزا ئۆيلىرى چۈشۈپ كېتىپتۇ.قويۇق يېزا پۇرىقىغا بېرىپ تۇرىدىغان كېمىر ئۆيلەر غايىپ بولۇپتۇ.تۇيۇقسىزلا بالىلىققا قايتقۇم كەلدى، گۆدەك چاغلىرىمدا چەكسىز بەخت تۇيغۇسىغا چۆمدۈرگەن شۇ دەملەرنى تولىمۇسېغىندىم.  
         2017- يىلى 11- يانۋار.





85 قېتىم كۆرۈلدى nurani ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-30 18:20:27  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ