تاتلىق خىياللار - رىزۋانگۈل (مودەن)

تاتلىق خىياللار
رىزۋانگۈل (مودەن)

خىياللىرىم بەك تولا ئ‍ۆتمەس كۈنۈم ئ‍ارامدا،
سۇئاللىرىم ھەم شۇنداق،قېنى جاۋاب قاياندا؟.
تەشنايۈرەك قانارمۇ،تېپىپ بىركۈن قانائەت،
ياكى كۈنۈم ئ‍ۆتەرمۇ جاۋاب ئ‍ىزلەپ ھەر ياندا؟؟.

قايسى يالغان ،قايسى راس ،بىلەلمىدىم گاڭگىراپ،
تولغان دۇنيا يالغانغا،چەكتىم بەكمۇ ئ‍ىزتىراپ،
مىھرىم گۇيا ئ‍اتەشتۇ، سۆيگۈڭ بولسا ئ‍ەگەر چىن،
ۋاپا تەختىدە بىر ئ‍ۆمۈر ،سۆيگۈم تۇرار يالتىراپ.

بىلسەڭ ئ‍ەگەر ئ‍ەي دىلدار,كۈتىمەن سەندىن جاۋاب.
قويۇپ مىنى ئ‍ۈمۈدسىز ،تۇرمىغىن ئ‍ۇنسىز قاراپ.
سۆيسەڭ ئ‍ەگەر مىنى دىلدىن ،چەگمە مىسكىن قەلبىمنى،
ئ‍اسرىغىن سەن ،ئ‍ازار بەرمە قىلمىغىن ئ‍ەسلا خاراپ.


تاڭدىكى شەبنەم
2016-يىل 16-ئ‍ىيول.مەكىت.
     





167 قېتىم كۆرۈلدى رىزۋانگۈل (مودەن) ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-1 13:05:36  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ