ئىچكىرىدە ھېس قىلغانلىرىم
ئىچكىرىدە ھېس قىلغانلىرىم
 
       شۇنداق بىر مۇھەببەت بار ئىكەن،ئىنسان ئۇنى تىل بىلەن ئىپادىلەپ بولالمايدىىكەن.شۇنداق  بىر مۇھەببەت بار ئىكەن،ئىنسان يۈرىكىنىڭ قات قېتىغا سىڭىپ كەتكەن. شۇنداق بىر مۇھەببەت بار ئىكەن،چۈشلەردىن ئويغۇتۇپ ئويلارغا سالىدىغان .شۇنداق بىر مۇھەببەت بار ئىكەن ،ئاسانلىقچە ھېس قىلىپ بولمايدىغان ،ھېس قىلغانلار بولسا ئەسلەش ۋە سېغىنىشتىن كۆزىگە ياش ئالىدىغان.مانا بۇ مۇھەببەت يۇرت مۇھەببىتى.توغرا بۇمۇھەببەت ھېچقانداق مۇھەببەتكە ئوخشىمايدىكەن،ھېچقانداق نەرسە بۇ مۇھەببەتنى ئاجىزلاشتۇرالمايدىكەن.قەلبىم، يۈرۈكىم سېغىنىشتىن بىھۇشلانغان،كۆزلۈرىمگە ئىىتىيارسىز ياش كەلگەن ،يات شەھەردە يات كىشىلەر ئارىسىدا <يۇرت مۇھەببىتى>نىڭ نېمىلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلغان مەندەك بىر ئاجىزە،بۇ سېغىنىش، ئەسلەش ۋە مۇھەببەتلەر ئارىسىدا ئاخىر قولۇمغا قەلەم ئېلىشنى قارار قىلدىم.يۇرتۇمغا بولغان مۇھەببەت ۋە سېغىنىشلىرىمنى مۇشۇ ئاپپاق قەغەز يۈزىگە قانچىلىك تۆكەلىسەم شۇنچىلىك تۆكۈشنى بۇ ئارقىلىق بىھۇش قەلبىمگە ئازراق بولسىمۇ تەسەللى بېرىشنى لايىق كۆردۈم.
   بۇ يەردە ئادەم كۆپ بىراق مەن تونۇيدىغان،ماڭا تونۇش بولغان بىرەرى يوق.بۇ يەردە ئېگىز ئېگىز بىنالار كۆپ،بىراق ماڭا تونۇش بولغان بىرەر قورو بىرەر ئۆي ھەتتاكى بىرەر ئەسكى تاممۇ يوق.بۇ يەردە كەڭ دېڭىز بار،دېڭىزدا بولسا پاراخوت كېمىلەر،بىراق ماڭا تونۇش بولغان،مەن چۆمۈلۈپ ئوينىغان ئېرىق ئۆستەڭلەر يوق،كىچىك بالىلار قەغەزدىن ياسىغان پاراخوت كېمىلەر يوق.بۇ يەردە ئاشخانا كۆپ ،مەززىلىك تائاملار كۆپ بىراق مەن ھىدىنى ھىدلاپ كۈنۈپ كەتكەن ،مەن يېيىشنى خىالايدىغان تائاملار يوق.بۇ يەر دە كوچىلارنى كۈندۈزدەك يورۇتىدىغان كوچا چىراقلىرى كۆپ،بىراق يۇرتۇمدىكىدەك كۆزنى قاماشتۇرىدىغان يۇلتۇزلار يوق.توغرا بۇيەردە ھەممە ماڭا ناتونۇش،ماڭا تونۇش بولغىنى،ھاۋا قۇياش ۋە ئاسمان. مانا مۇشۇنداق بىر جايدا بىلىم كانىنى قېزىش ئۈچۈن كەلگەن مەندەك بىر يىگانە سەيياھ بىر نەرسەمنى يۈتتۈرۈپ قويغاندەك يۈرىمەن.كۆڭلۈم نېمىنىدۇر تارتىدۇ،كۆزلۈرىم نېمىلەرنىدۇر ئىزدەيدۇ،بۇرنۇم قانداق بىر خىل پۇراقلارنىدۇر ھىدلاشقا تىرىشىدۇ،قۇلاقلىرىممۇ قانداقتۇر بىر تونۇش ئاۋازلارنى ئاڭلاشقا تىرىشىدۇ،ئىشقىلىپ پۈتن ئەزايىم بىر نەرسىگە ئېرىشمەكچىدەك،ھەممىسى بىرلا نەسە ئۈچۈن ھەرىكەتلىنىۋاتقاندەك...
     توغرا ،توغرا پۈتۈن ئەزايىم ھەرىكەتتە،ئۇلارنىڭ نىشانى يۇرتۇم،يۇرتۇمنىڭ ھەر بىر تال گىياھسىدىن ھەر سىقىم توپىسىغىچە. يۇرتتىن ئايرىلغىلى گەرچە ئۇزۇن بولمىغان بولسىمۇ،يۇرتۇمنى تولىمۇ سېغىندىم،يۇرت مۇھەببىتىنىڭ نېمىلىكىنى ھەقىقىي تونۇپ يەتتىم.ئەسلى بۇ ئەسىرىمدە پەقەت يۇرتۇمغا بولغان سېغىنىشىمنىلا يازاي دېگەن،بىراق بۇلارنىلا يازسام كۆڭلۈم قانمىغۇدەك،شۇڭا بۇيەرگە كېلىپ ئويلىغان ۋە ھېس قىلغانلىرىمنىمۇ يېزىشنى قارار قىلدىم.ئەسئەت سۇلايمان،ئابدۇ قادىر جالالىدىن،ئەختەم ئۈمەرقاتارلىق يازغۇچى ئاتىلىرىم يۇرتتىن ئايرىلىپ،يۇرتتىنلا ئەمەس دۆلەتتىن ئايرىلىپ ،باشقا دۆلەتلەردە كۆرگەن ئاڭلىغانلىرىنى،تەسىراتلىرىنى ۋە يۇرتىغا بولغان سېغىنىشى ھەم مۇھەببىتىنى دەستە كىتاب قىلىپ يېزىپ چىقتى.ئۇلارنىڭ تىلى شۇنچىلىك پىشقان،تەپەككۈرى ئۆتكۆر.يۇرتتىن ئايرىلىپ،يۇرتۇم توغرىسىدا توختىلىۋاتقان ئەمدىلا يېتىلىۋاتقان مەندەك بىر ياپراق گەرچە ئۇلاردەك توم ئەسەرلەرنى يازالمىساممۇ،تىللىرىم پىشمىغان تەپەككۇرۇم ئانچە ئۆتكۈر بولمىسىمۇ مەن يەنىلا يېزىشنى قارار قىلدىم. چۈنكى مۇھەببەت ئورتاق،تىلىمىز ئورتاق ،دىلىمىز ئورتاق ...
        بۇ يەرگە كېلىپ تۇنج كۆرگىنىم ئادەم شالاڭ كوچىلار بولدى.كوچىلاردا ماشىنىلارمۇ بەك ئاز ئىدى.بۇلارنى كۆرۈپ يۇرتۇمنىڭ ئادەم كۆپ كوچىلىرىنى،قىستى-قىستاڭ بولۇپ يۈرگەن ماشىنىلارنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈردۈم.بۇ يەرنىڭ ئادەملىرى ھەرگەز بىكار يۈرمەيدىكەن،كۈندىزى ھەممىسى ئۆز ئشلىرى خىزمەتلىرى  بىلەن ئالدىراش يۈرىدىكەن،كەچقۇرۇن كوچىلاردا ئادەم جىقلاشقا باشلايدىكەن.مېنىڭ يۇتۇمدىمۇ كۆپساندىكى كىشىلەر ئۆز ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش،بىراق يەنە شىۇنداق كىشىلەر باركى بىر كۈن كەچكىچە بىكارچىلىقتىن بېرى كېلەلمەيدۇ .كوچا چىڭداپ،قاچا بىكارلاپ، بوتۇلكا قۇرۇقداپ يۈرىدۇ.بىراق بۇ ھەرگىزمۇ ئۇلارنى تەنقىدلىگىنىم ئەمەس،شۇ ئۇلارنىڭ كىچىك بولسىمۇ بىرەر ئىشنىڭ پېشىنى تۇتىشىنى ئۈمۈد قىلغىنىم.چۈنكى بىكارچىلىق بىزنى ھەرگىز ئالغا باستۇرمايدۇ.ھەركەتتىن توختىغان ۋاقتىمىز بىزنىڭ ئۆلۈشكە باشلىغان ۋاقتىمىزدۇر.شۇڭا بىز مەيلى كىچىك بولسىمۇ بىرەر ئىشنىڭ پېشىنى تۇتىشىمىز كېرەك.
        بۇ يەرنىڭ يوللىرى شۇنچىلىك كەڭ ،پاكىزە،ئازادە .يول بويىدا ھەرخىل دەل –دەرەخلەر،گۈل _گىياھلار بار.ئەلۋەتتە مېنىڭ يۇرتۇمدىمۇ  بۇنداق چىرايلىق مەنزىرىلەر ئاز ئەمەس.بىراق ئوخشىمايدىغان يېرى يۇرتۇمنىڭ يول بويلىرىدا چېچىلىپ ياتقان ھاراق بوتۇلكىلىرى ۋە تاماكا قالدۇقلىرى. بۇيەرنىڭ ئادەملىرىمۇ ھاراق ئىچىدىكەن ،تاماكا چېكىدىكەن.بىراق مەيلى قانداقلا بولۇشىدىن قەتئي نەزەر تاماكا ۋە ئەخلەتلەرنى بەلگىلەنگەن جايغا تاشلايدىكەن.بۇلارنى كۆرۈپ يۇرتۇمدىكى ھاراق بوتۇلكىلىرىنى قۇچاخلاپ،ئېغىزلىرىدىن بەتبۇي پۇراقلارنى چىقىرىپ سوزۇلۇپ ياتقان قىرىنداشلىرىم كۆز ئالدىمغا كەلدى.بەلكىم ئۇلارنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق دەرت _ئازابلىرى باردۇر،شۇڭا ئاشۇنداق كۆپ ھاراق ئىچىدىغاندۇ.بىراق مەن مۇشۇ كەمگىچە ھاراق ئىچىپ بارچە ئازابتىن قۇتۇلدىم دېگەن بىرەرىنى ئۇچۇرتۇپ باقمىدىم.بىزنىڭ ئەسلىمىز ئۇنداق ئەمەس،نەسلىمىز ئۇنداق ئەمەس.ئىشىنىمەنكى بىر كۈنلەردە بىزنىڭ كوچىلىرىمىزمۇ شۇنچىلىك ئازادە ،شۇنچىلىك پاكىزە بولىدۇ.كوچىلاردا ھاراق ئىچىپ يېتىپ قالىدىغانلارنى كۆرگىلى بولمايدۇ.چۈنكى بىز قېرىنداش ،چۈنكى بىز دۇنياتەرىپىدىن مەدەنىيەتلىك مىللەت دەپ نام بېرىلگەن ئۇيغۇرلار بىز.
     بۇ يەردە بىرىنچىدىن تازلىق ئىشچىسى ئاز ئىكەن ،ئىككىنچىدىن ساقچى ئاز.بەلكىم تازلىق ئىشچىسىنىڭ ئاز بولۇشى بۇ يەردىكى ئادەملەرنىڭ تازلىق ئېڭىنىڭ يۇقۇرى بولغانلىقىدىن،ساقچىنىڭ بولۇشى جەمىيەت ئامانلىقىنىڭ ياخشى بولغانلىقىدىن ،ئادەملىرىنىڭ ئىجىل ئىناقلىقىدىن بولسا كېرەك.توغرا بۇجاي شۇنچىلىك پاكىزە،كىشىلەرمۇ ھەم بەك پاكىزە،يۈزلىرىدە تەبەسسۇم.بۇ يەردە بىر بىرىنى ئۇرۇپ سوقۇپ ،تىللىشىپ يۈرىدىغانلار يوق.سوقۇلۇپ كەتكەنلەر دەرھاللا بىر_بىرىدىن ئەپۇ سورايتتى.ئاخىرى ھەر ئىككىلىسىلا خۇشال ھالدا يوللىرىغا راۋان بولاتتى. مېنىڭ يۇرتۇمدا بولسا كوچىلارنى توختىماي تازلاپ تۇرغان تازلىق ئىشچىلىرى،دوقمۇشتا بىر ساخچىخانا ،ماڭدامدا بىر ساخچى.تارىختا بىز ئۆم ئىدۇق،ئىجىل ئىدۇق ،بىز پاكىز ئىدۇق، پاكىزلىقنى سۆيەتتۇق.ھازىرمۇ كۆپ ساندىكى قېرىنداشلىرىمىز شۇنچىلىك ئىناق،شۇنچىلىك تەربىيە كۆرگەن،تازلىققا، ئجدىمائىي ئەخلاققا تولىمۇ ئەھمىيەت بېرىدۇ.بىراق ئارىمىزدا يەنە شۇنداق ئاز ساندىكى قېرىنداشلىرىمىز باركى ئۇلار ئۇرۇش سوقۇشنى شەرەپ دەپ بىلىدۇ.يەنە بەزىلەر باركى سوقۇلۇپ كېتىپ قالسا چىرايلىق ئەپۇ سوراشنى ئەمەس ئاغزىغا كەلگەننى تىللاشنى بىلىدۇ.يەنە بەزىلىرىمىز باركى 10 مىتىر ئارلىقتىكى ئەخلەت تۇڭىنى يىراق كۆرۈپ،قولىمىزدىكى يېمەكلىك خالتىلىرىنى ۋە تاماكا قالدۇقلىرىنى ئۇدۇل كەلگەن يەرگىلا تاشلايمىز.ئەڭ قورقۇنۇچلىقى ئارىمىزدا يەنە شۇنداق ئادەملەر باركى ئۇلار ئۇرۇش جېدەلدىن ئۆزىنى قاچۇرغاننى قورقۇنچاق،باشقىلارغا كۈلۈپ قارغانلارنى يامان غەرەزلىك،ئەخلەتلەرنى ئېرىنمەي ئەخلەت تۇڭىغا تاشلىغانلارنى شىپا،ئاكتىپ دېگەندەك تەنىلەرگە كۆمىۋېتىدۇ.ئۇلار ئۆزلىرىغۇ قىلمايدۇ،قىلغانلارنىمۇ قىلغىلى قويمايدۇ.
     مېنىڭچە بۇندىكى سەۋەب دەل ساپا.بىزدە ئەڭ كەمچىلى ساپا.بەزى ئاتا_ئانىلار باركى بالىلىرىنى مەكتەپكە بەرمەي،پۇل تاپقىلى سالىدۇ.مەكتەپتە ئوقۇتۇشنى ئەخمەقلىق،نادانلىق دەپ بىلىدۇ.ئەمەلىيەتتە مەكتەپتە ئوقۇماسلىقنىڭ ئۆزى بىر نادانلىق. مەكتەپ بىزگە بىلىم ئۆگىتىدۇ،قانداق ئادەم بولۇشنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ ،بىزنى نادانلىق پاتقىقىغا پېتىپ قېلىشتىن ساقلايدۇ. تارىختا ،ئاتا بوۋىلىرىمىز مۇشۇ نادانلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچن قانچىلىك قانلارنى ،تەرلەرنى تۆكمىدى،قانچىلىغان باشلار مۇشۇ كۈرەشلەردە كېسىلمىدى،ئابدۇخالىق ئۇيغۇر،مەخسۇت مۇھىدى،مەھمۇت مۇھىدى،سەيپىدىن ئەزىزى،ئەخمەتچان قاسىمى قاتارلىق  ئۇلۇغلىرىمىز مانا بۇلارنىڭ دەلىلى ئەمەسمۇ؟!ئۇلارنىڭ كۈرەشلىرى،قان تەرلىرىمۇ بىز كىيىنكى ئەۋلاتلار ئۈچۈن ئەمەسمىدى؟مانا ھازىر بىزدە شارائىت بار،بىز ئۆگەنسەكلا بولىدۇ،ئەمدى ئىزدىنىدىغان ،ئۆگۈنىدىغان ۋاقتىمىز كەلدى.خۇددى پەخىرلىك ئوغلانىمىز ئەركىن سىدىق ئېيتقاندەك بىز ئۇيغۇرلار دۆت ئەمەس بىز ئۆگەنسەكلا بولىدۇ.چوقان ۋەلىخانوفمۇمۇنداق قۇرلارنى ئۆز خاتىرىسىگە يازغان<بۇ  مىللەتتە باشقا مىللەتلەرگە نېسىپ بولمىغان شۇنداق بىر سېھرىي كۈچ باركى،ئەگەر ئۇلارغا يېتەرلىك ئەۋزەل شارائىت يارىتىپ بېرىلسە،بىر دىندىكى باشقا مىللەتلەرنى ئارقىدا قالدۇرۇپ،ھەممىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتكەن بولاتتى>.بۇ يەردە تىلغا ئېلىنىۋاتقان<ئۇلار>دەل بىز ئۇيغۇرلار.مانا ھازىر بىزگە شۇنداق شارائىت يارىتىپ بېرىلدى،بىزنىڭ ھەممىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كېتىدىغان،زور نەتىجىلەرنى قازىنىدىغان ۋاقتىمىز يېتىپ كەلدى.بىز ئۆگەنسەكلا بولىدۇ،ھېچكىم بىزنىڭ قولىمىزدىن كىتابنى تارتىۋالالمايدۇ.بىز كىتاب ئوقۇشىمىز، ئىزدىنىشىمىز،ساپايىمىزنى ئۈزلۈكسىز يۇقۇرى كۆتۈرىشىمىز كېرەك.
      بەلكىم بەزى پىكىرلىرىم سىزگە ياقمايۋاتقان بولۇشى مۇمكىن،بىراق شۇنداق بولسىمۇ كۆرگەن ئىكەنسىز ئاخىرىغىچە ياخشى كۆرۈشىڭىزنى ھەم يەنە مەن ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان بۇ مەسىلىلەر ئۈستىدە ئاز تولا ئويلۇنۇپ قويۇشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن. مەن بۇ يەرگە كېلىپ يەنە ھەرخىل ئىشلارنى كۆردۈم،نۇرغۇن نەرسىلەرنى ھېس قىلدىم.بەلكىم بۇ يەرگە كەلگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى خەنزۇچىدا ئوقۇغانلىقتىن بولسا كېرەك،ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆز_ئارا پاراڭلاشقاندىمۇ خەنزۇچە پاراڭلىشاتتى.بىراق ئويلاپ قالدىم،ئۇلارنىڭ خەنزۇچىدا ئوقۇغانلىقى ئۇلارنىڭ ئۆز ئانا تىلىدا گەپ قىلماسلىقىغا،ئانا تىلىنى ئۇنتۇشىغا سەۋەب بولالامدۇ،.ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر بولۇشى،ئۇيغۇرنىڭ پەرزەنتى بولۇشى،يەنە كېلىپ شىنجاڭدەك ئەڭ ساپ ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان جايدىن كېلىشى،ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كەلگۈسى ئىزباسارى بولۇشى ئۇلارنىڭ ئۆز ئارا گەپلەشكەندە بولسىمۇ ئۇيغۇرچە گەپ قىلىشىغا،ئۇيغۇرچىنى راۋان سۆزلىيەلەيدىغان بولۇشىغا مۇتلەق سەۋەب بولالايدىغۇ!؟ بولدى بولدى،بۇنداق دېسەم سەۋەبىنى باشقىلارغا ،باشقا نەرسىلەرگە ئارتمايلى،بىز شۇنداق ئۆگۈنۈپ قالغان،بەزىلىرىمىز تەرەققى قىلماسلىقىمىزنى ئۆزىمىزدىن ئىزدىمەي مۇقەددەس دىىنىمىز غا ئارتساق،يەنە بەزىلىرىمىز ئانا تىلىمىزغا ئارتساق،يەنە بەزىلىرىمىز تەغدىردىن ئاغرىنساق،بىز شۇنداق قىلىپ ئۆگۈنۈپ قالغان، سەۋەبنى ئۆزىمىزدىن ئىزدىمەي،ئۆزىمىزنى تەكشۈرمەي.ئەگەر بىزنىڭ دىنىمىز بىلەن ئانا تىلىمىز تەرەققىياتىمىزنى توسقان بولسا،بىز دىن بۇرۇنقىلار قانداقمۇ بۈگۈنگە كېلەلىگەن بولاتتى؟ئوبدان ئويلاپ باقساق بىزنىڭ تەرەققىياتىمىزغا ئەڭ توسالغۇ بولۇۋاتقىنى دەل بىزنىڭ ئىدىيىمىز.بولدى بۇلار توغۇرلۇق كۆپ سۆزلىمەي،ئەمدى بايىقى گەپكە قايتىپ كەلسەك،بىزنىڭ ئانا تىلىمىز ،بۈيۈك ئىسلام دىنىمىز ھەرگىزمۇ بىزنىڭ تەرەققىياتىمىزغا توسقۇنلۇق قىلمايدۇ.بىزنى بىرى كېلىپ ئانا تىلىمىزنى ئۆگەنمەسلىككە مەجبۇرلىمىدى،بىزنىڭ ئېلىپبەيىمىزنى باشقىلار قولىمىزدىن تارتىۋالغىنى يوق.ھەقىقىي بىڭسى بار ئادەم سەۋەبنى ھەرگىزمۇ ئۆزىدە ئەسلى بار بولغان ھەم چوقۇم بولۇشقا تېگىشلىك نەرسەلەرگە ئارتمايدۇ،سەۋەبنى ئۆزىدىن ئىزدەيدۇ،ئۆگىنىشكە تېگىشلىك نەرسىلەرنى ئۆگۈنىپ،قىلىشقا تېگىشلىك ئشلارنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ  قىلىدۇ.
     ئۇيغۇر تىلى بىزنىڭ ئانا تىلىمىز.بىز ئانىمىزنى سۆيىمىز.ھېچقانداق پەرزەنت ئۆز ئانىسىغا قارا چاپلىمايدۇ.شۇڭا ئانا تىل دېگەن ئىكەنمىز تىلىمىزنى قەدىرلىمەسلىككە،سۆيمەسلىككە ھەققىمىز يوق.ئۇيغۇر تىلى بىلىدىغانلار،ئۇيغۇر تىلى ئۆگەنگەنلەر دەۋىرنىڭ ئارقىدا قالغىنى،جەمىيەت تەرىپىدىن تاشلىنىپمۇ قالغىنى يوق.توغرا،ھازىرقى جەمىيەت بىزدىن كۆپ تىللىق بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.كۆپ تىللىق بولۇش ئەلۋەتتە شەرەپ.بىز ئۆگەنسەك بولىدۇ،بىر جۇڭگولۇق بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن خەنزۇ تىلىنى ئۆگۈنىشىمىز ،دۇنياغا يۈزلىنىشنى ئويلىغان بولساق ئىنگىلىز تىلىنى ئۆگۈنىشىمىز لازىم.بۇنىڭدىنمۇ كۆپ تىل ئۆگەنسەك تېخىمۇ ياخشى.بىراق ئۇنتۇپ قالمايلىكى ئۆز ئانا تىلىنى ئۇنتۇش نومۇستۇر،بىز بىر ئۇيغىر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۇيغۇرچىنى سۇدەك راۋان سۆزلىيەلەيدىغان،ئۇيغۇر تىلىدا  پىكىر بايان قىلالايدىغان بولۇشىمىز كېرەك.شۇندىلا بىز ئەڭ قالتىس ،ئەڭ نوچى.ئۇيغۇرتىلىمۇ دۇنيا تەرىپىدىن <ئەڭ چىرايلىق،ئەڭ نازۇك تىل>دەپ ئېتىراپ قىلىنغان.ئاشۇ ئۇيغۇرتىلى بىلەن دۇنياغا تونۇلغان ئالىملىرىمىزمۇ ئاز ئەمەس. شۇڭا باشقا تىللارنى ياخشى ئۆگۈنىش بىلەن بىرگە مەۋجۇتلىقىمىزنىڭ كاپالىتى،ئۇيغۇرلىقىمىزنىڭ سالاھىتى بولغان ئانا تىلىمىز <ئۇيغۇر تىلى>نىمۇ ياخشى ئۆگۈنىشىمىز لازىم.
       بۇ يەرگە كېلىپ كۆرگەن يەنە بىر قىززىق ئىش شۇكى:ئۇيغۇر بالىلىرىلا ئەمەس يەنە خۇيزۇ،قازاق،قىرغىزقاتارلىق مۇسۇلمان مىللەتلىرىدىن بولغان بەزى ئاز ساندىكى بالىلارنىڭ يېيىشكە بولمايدىغان نەرسىلەرنى يېيىشى،ئىچىشكە تېگىشلىك بولمىغان نەرسىلەرنى ئىچىشى بولدى.خەنزۇلار ئاچقان ئاشخانىلاردا كۈلۈشۈپ ئولتۇرۇپ تاماق يەۋەتقان،كوچىدىكى يەنە شۇنداق يېمەكلىك دۇكانلىرىدا رەتكە تىزىلىپ ئۆچرەت ساقلاۋاتقان قىرىنداشلىرىمنى كۆرسەم ئىچىم باشقىچە بولىدۇ.بەلكىم بۇ يەردە مۇسۇلمان ئاشخانىلىرىنىڭ ئاز بولۇشىدىن،مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەرنىڭ ئاز بولۇشىدىن شۇنداق بولسا كېرەك دەپمۇ ئويلىدىم،بىراق شۇنداق بولسىمۇ مۇسۇلمان يېمەكلىلىرى يوق ئەمەس بار شارائتتىمۇ ئۇلار نىمە ئۈچۈن ئۆز ىنىڭ ئمانىنى سۇسلاشتۇرىدىغان،ئۆز ئەقىدىسىگە يات بولغان نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلىدۇ؟!بەزىدە باشقا مىللەتتىكى{مۇسۇلمان بولمىغان} دوستلۇرۇم بىلەن كوچا ئايلىنىپ قالسام،ئۇلار مېنى تارتىپ ئەكىلىپ،كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن ماڭا شۇنداق كۆرۈنىشلەرنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ<ئۇلار مۇسۇلمان ئەمەسمۇ؟سىلەر ئوخشاش مىللەت تۇرۇپ نېمە ئۈچۈن بەزىلىرىڭلار مۇسۇلمان ،بەزىلىرىڭلار مۇسۇلمان ئەمەس؟>دەپ سورايدۇ.مۇشۇنداق چاغلاردا مەن ئۇلارغا قانداق جاۋاب بېرىشنى بىلمەي تۇرۇپ قالىمەن.چۈنكى بۇ مەنمۇ جاۋابىنى بىلمەيدىغان سوئال.توغرا ،مۇسۇلمان دېگەن پاكىز،ھالال نەرسىلەرنى يەيدۇ.تازلىققا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ.بىراق يۇقارىقىدەك كۆرۈنىشلەر مېنى مۇسۇلمانلىق ئۈستىدە قايتا ئويلۇنىشقا مەجبۇرلاپ قويدى.
     مەن بۇ شەھەرگە ئۆزۈم يالغۇز كەلگەن،كېلىپمۇ مەكتەپتە بۇرۇن مەن تونۇيدىغان بىرەر ساۋاقدىشىم ياكى مەكتەپدېشىمنىڭمۇ يوقلۇقىنى ھېس قىلدىم.بۇ يەرگە كېلىپ نەچچە كۈنلەر ئۆتتى،مەن يەنىلا ئۆزۈم يالغۇز يۈردۈم.بىر كۈنى<ئۇيغۇر ئوغۇل بالىلار يىغىلىپتۇ،ئۆزئارا تونۇشىۋالغۇدەك>دېگەن گەپنى ئاڭلاپ قالدىم.ھەم يەنە بىر نەچچە قىتىم كۆرۈشۈپ ئانچە مۇنچە تۇنۇشۇپ قالغان بىر تونۇشۇممۇ مېنى تەكلىپ قىلدى.مەن ئۇنىڭدىن سورۇدۇم:<ئۇلار ھاراق ئىچمەيۋاتقاندۇ؟>.ئۇ ئازراق كۈلكە ئارلاش<ياق ئەمدى شۇ ھەممىمىز يىغىلىپ قالغاندىكىن ئازراقتىن ئچىشىۋاتىدۇ>دېدى.ئويلىغىنىمدەك چىققانىدى.شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنىڭغا جىددى ئىشىم بار ئىدى دەپلا قويۇپ كېتىپ قالدىم.شۇنداق قىلىپ مەن ئۇلار بىلەن تونۇشىۋالىدىغان ياخشى پۇرسەتنى كەتكۈزىۋەتتىم.شىنجاڭدا مېنىڭ ئاغىنىلىرىم ئىچىدىمۇ ھاراق ئىچىدىغانلار بار ئىدى،ئۇلارغىمۇ بىلدۈرمىگىنىم بىلەن خېلى نارازى ئىدىم.بىراق ئىچكىرىگە كېلىپ،شۇنچە كۆپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالدىدا بىزنىڭ مىللىتىمىزگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئاشۇ ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ سورۇن قۇرۇپ ھاراق ئىچىشى مېنى تولىمۇ ئازابلىدى.باشقا مىللەتتىكى دوستلۇرۇم بۇنداق ۋاقىتلاردا:<مۇسۇلمانلار ھاراق ئىچسە بولامدۇ؟>دەپ سوراپ مېنى يەنە قىيناپ قوياتتى.
     ھاراق،ھەي ھاراق.بىز بۇنىڭغا نىمانچە بېرىلىپ كېتىدىغاندىمىز.بىرەرىنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن سورۇن قۇرۇپ ھاراق ئىچسەك،ئۇزۇتۇپ قويماقچى بولساقمۇ يەنە ھاراق ئىچسەك.تويلىرىمىز ھاراقسىز ئۆتمىسە،قاتار چايلاردىمۇ ھاراق ئىچسەك،ساۋاقداشلار يىغىلىشى،كەسىپداشلار يىغىلىشىدىمۇ ھاراق ئىچسەك،ھەتتا بەزى ئاز ساندىكىلىرىمىز قارلىق سۇندۇرۇش قاتارلۇق ئىشلاردىمۇ ھاراق ئىچسەك.توۋا دەيمەن بىز نېمە بولدۇق،ئازابلانساقمۇ ھاراق ئىچىدىكەنمىز،خۇشاللانساقمۇ ھاراق ئىچىدىكەنمىز.ئەجىبا شۇ ھاراقسىز بىزنىڭ كىشىلىك ئالاقىمىز ئۈزۈلۈپ قالۇرمۇ ،ئىشلىرىمىز ئالغا باسماي قالۇرمۇ؟!شۇنداق بىز قايتا ئۇيلۇشۇپ كۆرسەك بولغۇدەك،مۇسالمان دېگەن قانداق بولىدۇ؟ئۇيغۇر دېگەن قانداق بولىدۇ؟!بىز زادى قانداق ئىدۇق؟ بىز زادى كىم؟
    خۇلاسەم،بۇيەرگە كېلىپ كۆرمىگەن نەرسىلەرنى كۆردۈم،ھېس قىلمىغان نەرسىلەرنى ھېس قىلدىم.بۇندىن كېيىن يەنە نېمە كۆرۈنىشلەرنى كۆرىمەن،يەنە قانداق قىيىن سوئاللارغا دۇچ كېلىمەن. بۇنىسى ماڭا نامەلۇم.بەلكىم پىكىرلىرىم چېچىلاڭغۇ ھەم بەزىلىرى ئورۇنسىز بوپ قالغاندۇ،گەپ سۆزلىرىم قولاشماي قالغاندۇياكى بەزى گەپلەرنى بەك چەكتىن ئاشۇرىۋەتكەندىمەن،ئەگەر شۇنداق بولسا توغرا چۈشەنگەيسىز.ئەلۋەتتە مەنمۇ بىر ئۇيغۇر.ئۇيغۇر دېگەن ئېسىل مىللەت،مەدەنىيەتلىك مىللەت.ئەمدىلا 19 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان مەندەك بىر ئۇيغۇر بالىسىنىڭ بۇ گەپلەرنى دېيىشكە سالاھىتىم توشامدۇ،توشمامدۇ بۇنىسى ماڭا نامەلۇم.بىراق مەن بەزىبىر ئاز ساندىكې قېرىنداشلىرىمىزنىڭ <بىز ئۇيغۇر،ئۇيغۇر دېگەن ئېسىل مىللەت >دەپ يۈرۈپ ئۆزىنى ھالاك قىلىۋېلىشىنى ياكى ئۇيغۇرنىڭ يۈزىگە داغ چۈشۈرۈپ قويۇشىنى خالىمايمەن.مەنمۇ ئۇيغۇر بولغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن،مەنمۇ مىللىتىمنى سۆيىمەن، مىللىتىمدىن تانمايمەن.ئاخىرىدا دەيدىغىنىم،كىچىكلىك قىلىپ بەزى گەپلەرنى خاتا دەپ قويغان بولسام،سەل چەكيىن ئاشۇرىۋەتكەن بولسام كۆڭلىڭىزگە ئالمىغايسىز.يۈرىكىمنىڭ چوڭقۇر قېتىدىن سىزگە بەخت تىلەيمەن.ھەم يەنە گۈزەل يۇرتۇم  شىنجاڭغا،مېنى بېقىپ ئۆستۈرگەن ئوت يۇرتى تۇرپانغا،شۇنداقلا يەنە بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا ئوتلۇق سالام يوللايمەن.
                  _ ياپراق 




642 قېتىم كۆرۈلدى 1838207873 ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-9-26 22:56:28  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-1-18 12:32:14 ياسىنجان
رەھمەت سىزگە
2015-10-15 14:22:07 ئ‍ابدىخەبەر
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىپتۇ مىنى قاتتىق ئ‍ويلاندۇردى
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ