ئۆزۈمگە كۈندە بىر خەت(1)

2013- يىلى يېزىشنى باشلىغان« ئۆزۈمگە خەت» مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى توختىغان ئەمدى قايتا يېزىشقا باشلىدىم ..... خەيرلىك بولىشىنى تىلەيمەن . ئۆزۈمگە كۈندە بىر پارچە خەت .....

""""""""【1】 """"""""

 ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قەدىرلىك، ئەزىزەم ئۆزۈم ! مەن ساڭا تولىمۇ بەك ئامراق ، ئامرىقىم ئۆزۈم ، مەن بۇ قۇرلارنى يېزىۋاتقىنىمدا ساڭا ۋە بارچە قىز ـ ئاياللارغا رىغبەت بولىشىنى ئۈمىد قىلىپ ئولتۇرۇپتىمەن . ئەي سولماس چېچىكىم ئۆزۈم ، ھەر ئىنسان ئەڭ ئاۋۋال ئۆزىنى تونىشى ، ئۆزىنى بىلىشى ، ئۆزىنى چۈشىنىشى ۋە ئۆزىنى سۆيىشى كېرەك ! مېنىڭ ساڭا بولغان مۇھەببىتىم كۈنسايىن ئېشىپ بارىدۇ، چۈنكى ساڭا بولغان قىزغىنلىقىم ئىچكى قەلبىمدىن تارقىلىدۇ ، بۇ مېنىڭ سېنى ھەقىقىى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنىڭ ئىپادىسى .مەن دەل مۇشۇنداق بولغاندا مۇۋەپپەقىيەت يارىتالىشىمغا ئىشىنىمەن . تاتلىقىم ئۆزۈم ، يۈرەك ۋە ئەقلىڭ ھەر زامان بىرلىكتە بولسۇن ! نىيىتىڭ پاكىز ۋە دۇرۇس بولسۇن، يولۇڭ ئاق بولىدۇ !

زۆھرە(سولماس چېچەك)





329 قېتىم كۆرۈلدى زۆھرە ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-9-20 14:58:03  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ