دەريادىن ئۆتۈش
ئېلشاتچان ئېزىز
ئونسۇ ناھيسنىڭ شەرقىي جەنۇپ قىسمدا چاشلىق چارۋىچلىق فىرمسى دەيدىغان جاي بولۇپ بۇ مېنىڭ توغۇلۇپ ئۆسكەن ئانا يۇرتۇم بولىدۇ . چارۋىچلىق فىرمسغا قاراشلىق ناھىيمىزىگە داڭلىق بولغان ئۇلۇغىيار يايلىقى بىلەن رايۇنىمىزىغا قاراشلىق دېھقانچلىق مەيدانى كېسىپ ئۆتىدىغان بىر دەريا بولۇپ ، كىشلەر بۇنى يىگچى ئېقىنى دېيشەتتى .
يىگچى دىگەن بۇ ئىسمنڭ قاچان ؟ كىملەر تەرىپدىن قۇيۇلغانلىقى توغرسدا ئېنىق مەلۇمات بولمسمۇ ، لېكىن نەچچە يۈز يىلدىن بويان بۇ ئەزىم دەريا يۇرتىمىزنىڭ چارۋىچلىق ، دېھقانچلىق ، سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلشىدا مۇھىم ئۇرۇننى تۇتۇپ كەلدى . ھەر قېتىم ئۆيدىكلەر بىلەن ئولۇغىيار يايلىقغا ماڭغان چېغىمدا يىلاندەك تولغىنىپ ياتقان ، ئىككى تەرىپى لاي - لاتقىلار بىلەن تىنىپ كەتكەن ، پەقەت دەريا ئوتتۇرسدىلا ئەگىرى - بۈگىرى ھالەتتە ئېقىپ ماڭغان زۇمىرەتتەك يىگچى ئېقىنىڭ سۇلىرى يىراقتىنلا كۆز ئالدىمدا نامايەن بۇلىدۇ. يولنىڭ ئىككى تەرىپدىكى قويۇق ئۆسكەن يۇلغۇن ، سۆكسۆك ، چاكاندا ۋە زەي تۇپراقتا شالاڭ ئۆسكەن قۇمۇشلار ئاۋغۇست ئېينىڭ لەرزان شاماللىردا بىزنىڭ بۇ گۈزەل يىگچى ۋادسىغا كەلگىنمىزنى قارشى ئالغاندەك ئۇيان - بۇياققا تولغىناتتتى ، ماشنىڭ ئۇچقاندەك سۈرەتتە مېڭشى بىلەن ھەش- پەش دېگۈچە زامانۋىي ئۇسۇلبۇبتا ياسالغان يىگچى كۆرۈككە يېتىپ كەلدۇق .
كۆرۈكنىڭ كەڭلىكى 5 مېتىر ئۇزۇنلۇقى 120 مېتىر بولۇپ ئىككى قىرغاققا ھەيۋەت بىلەن قادالىغان 110كېلوۋولىتلىق يۇقىرى بېسملىق توك خادىسى بار ئىدى . مەن ماشنا دېرىزسدىن بېشمنى ئىختيارسىز چىقارغىنمچە بۇ گۈزەل ۋادىنىڭ مەنزىرىلىرىگە تويماي قارىماقتمەن ، ئەگىرى - بۈگىرى ئاققان دەريا سۇللىرىدا بىر جۈپ ياۋا ئۆردەك بېشنى سۇزۇشقىنچە ئۇياقتىن - بوياققا ئۈزۈپ يۈرەتتى ، دەرياننىڭ تۆۋەنكى تەرىپدە توپ - توپ بولۇپ كېلۋاتقان بىر توپ پادىلار سۇ ئىچىش ئۈچۈن بىرنىڭ كەيندىن بىرى ئىز بېسىپ دەريا ساھىلىغا چۈشمەكتە ئىدى . دەريانىڭ سول تەرىپدىكى تۆپلىكتە سۇنايدەك سۇزلۇشۇپ توپىغا ئېغىناۋاتقان ئاتلار ئۇياقتىن - بۇياققا ئېغنشىپ كۈچلۈك توپا- چاڭ چىقىراتتى · يەنە نەلەردىندۇر قوي ، ئۆچكلەرنىڭ جۆرسنى قىزغىنىپ مۈڭگۈزلىرنى بىر - بىرىگە تېرەپ سۇقۇششىلىرى بۈگۈن گۈزەل ۋادىغا بىلەكچىلا يېڭى تۈس قوشقان ئىدى . مەن بۇ مەنزىرىگە بەندىت بولغانسىرى خىيال كەپتەلىرىم مېنى تېخىمۇ يىراقلارىغا ئۇچۇرۇپ يايلاقلاردىكى قىشلاقلاردىن ، قەدىمقى توغراقلىقچە ئېلىپ بارىماقتا ئىدى . توساتتىن خىيال دېڭىزىمدا بۇنىڭدىن 15 يىل ئاۋالقى ئىش كۆز ئالدىمدا زاھىر بولدى .
2000- يىلى ئىدى . مەن بىلەن ھامما ئاچام ئارلىقى تولىمۇ يىراق بولغان ئۇلۇغىياردىن يۇرتۇمىزنىڭ مەركىزىي مەكتۋىي بولغان چاشلىق فىرما مەكتەپكە بېرىپ ئوقۇيتۇق . لېكىن بۇ ئىككى جاينىڭ ئارلىقدا مۇشۇ يېگچى ئېقىنى بولغاچقا مەن ۋە نۇرغۇن ساۋاقداشلىرىمىز مۇشۇ ئېقىن سۈينى كېچىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلەتتى. گەرچە يەرلىك ھۆكۆمەت بۇ مەسلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ناھىيلىك خەلىق ھۆكۈمتىگە كۆپ قېتىم ئولۇغىيار يايلىقدىكى دېھقان - چارۋىچلارنىڭ بىخەتەر ئۆتۈشى ئۈچۈن كۆرۈك سېلشنى نۇرغۇن قېتىم ئىلتماس قىلغان بولسىمۇ ، لېكىن يۇقىرى دەرىجلىك ئورۇنلارنىڭ تەستىق سالمغانلىقى ئۈچۈن يەرلىك ھۆكۈمەت نائىلاج دېھقان - چارۋىچىلارنى يىتەكلەپ ياغاچ كۆرۈك سالغانىدى . لېكىن ئۇلى بوش تام ئاسان ئۆرلۈپ چۈشكەنگە ئوخشاش ،ھەر قېتىم كەلكۈن كەلگەن چاغدا تېرەڭ دەرياسنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنى بولغان يىگچى ئېقىندا كەلكۈن سۇلىرى دېھقانلار ئاران تەستە ياسغان كۆرۈكنى بۇزىۋتەتتى . ھەر يىلى كەلكۈن مەزگىلدە ئادەم ۋە چارۋىلارنى ئېقتىپ كېتىدىغان ئىشلار پات -پات يۈز بىردىغان بولغاچقا ، كېيىن مەكتەپ مەخسۇس ئوقۇتقۇچى ئاجىرتىپ ئۆيگە قايتقان ئوقۇغۇچىلارنى دەريادىن ئۆتكۈزۈپ قويۇشقا تەشكىلەپ ئۇقۇغۇچلارنى دەريادىن ئۆتكۈزۈپ قوياتتى . لېكىن نۇرغۇن ساۋاقداشلارنىڭ ئۆيى چەت قىشلاقلاردا بولغاچقا ، ئۆيدىن مەكتەپكە بارغۇچچە يەنە شۇ تەبئىي توساق بولغان يىگچى ئېقىندىن ئۆتۈشكە توغرا كېلەتتى.
ھېلىمۇ ئېسمدە بىر قېتىم مەن ھامما ئاچام بىلەن بوۋامنىڭ ئۆيدىن مەكتەپكە بېرىش ئۈچۈن يولغا چىقتۇق . ئۇ كۈنى چوڭلانىڭ ئىشى چىقىپ قالغاچقا بىزنى ئاپىرىپ قويۇشقا ۋاقتى چىقمدى ، نائىلاج ئۆزىمىز ئات ھارۋسنى ھەيدەپ مەكتەپكە ماڭدۇق . يوللار شۇنچلىك ئوي - دۆڭگۈل ئىدىكى ، ئادەم ھارۋا ئۈستدە ئولتۇرۇپ ھارۋا چاقنىڭ غېچىرلىغان ئاۋازىنى ئېنىق ئاڭلىغلى بولاتتى ، شۇ تەرققىدە بىزىمۇ ھەش- پەش دېگۈچە يىگچى ئېقىنغا يېتىپ كەلدۇق . ئات ئېغىر قەدەملەر بىلەن دەريا ساھلىغا ئاستا - ئاستا چۈشۈشكە باشلىدى ، مەن ئاچامغا ئۈمۈدلىك نەزىرىم قاراپ ھارۋا توتقۇچنى چىڭ تۇتۇپ ئولتۇردۇم . ئاچاممۇ ماڭا قاراپ كۈلۈمسرەپ:
- قورقتىڭمۇ ئۇكام ؟ دەپ سورىدى.
مەن بېشمنى چايقاپ تۇرۇپ ياق دېدىم ، ئەمەلىيەتتە ئاغزىمدا ئۇنداق دېگىنىم بىلەن كۆڭلۈمدە بىر خىل قورقۇش ھېسياتى مېنى چىرمىۋالغان ئىدى ، ئۇنىڭغىچە ئاچام كۆڭلۈمدىكنى بىلۋالدىمۇ قانداق ~ ماڭا تەسەللىي بېرىپ :
-قورقىما ؟ سەن ھارۋىنى چىڭ تۇتۇپ ئولتۇرساڭ بولدى ، مەن ئاۋۇ يەردىن ھەيدەپ باققاي. ئۇ يەردىكى كېچىك سەل تېيىزدەك قىلىدۇ دېدى ئاچام.
ئۇ شۇنداق دەپلا ئاتنى قامچىلاپ ھەيدەشكە باشلىدى ، ئاتىمۇ شىدەتلىك ئېقىۋاتقان دەريا سۇللىرىغا بوي بەرمەي ئېقىنغا قارشى جەسۇر قەدەملەر بىلەن مېڭىشقا باشلىدى ، لېكىن قارشى قىرغاققا چىقاي دېگەندە ئات ھارۋىنى سۆريەلمەي تۇرۇپ قالدى ، مەن نىمە قىلارىمنى بىلمەي تۇرغۇنىمدا: ئاچام ئۈنلۈك ئاۋازدا !
- ئېلشاتچان ، تېز چۈشۈپ ئاتنىڭ چۇلۋۇرىنى تارت دېدى . مەن ئۇرۇق ھەم ۋىجىك بولغاچمىكىن قارشى قىرغاققا بىر سەكرەپلا چىقۋالدىم دە ، ئاتنىڭ چۇلۋۇردىن تۇتۇپ كۈچەپ تارتشقا باشلىدىم . ئاچاممۇ بىر تەرەپتىن ئاتنى قاتتىق قامچىلاشقا باشلىدى ، شۇنداق قىلىپ ئاتنىمۇ چىقىرۋالىدۇق ، ھەمدە خۇشال ھالىدا مەكتەپكە قايىتتۇق.
يىللارنىڭ ئۆتشگە ئەگشىپ مەن يۇرتۇمدىكى ئانا مەكتەپتىن ئايرىلىپ ناھىيلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئوقۇشقا كىردىم ، ئاردىن نەچچە يىللار ئۆتكەندىن كېيىن يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ئاستىدا بۈگۈنكى زامانۋىي كۆرۈكنى سېلىپ شۇ جايدىكى دېھقان - چارۋىچلار ئۈچۈن نۇرغۇن قولايلىقنى ئېلىپ كەلدى. گەرچە بۇ ئىشقا ئۇزۇن يىللار بولسمۇ ، لېكىن ئەينى يىللىرى ھامما ئاچام بىلەن ئۆتكەن ئاشۇ كۈنلەر يادىمدىن كەتمەيدۇ .
سەھرايى دىيارىم : چاشلىق فىرما 2015- يىل 20- ئاۋغۇست
ئاپتۇر ئۈندىدارى : 1666273165
346 قېتىم كۆرۈلدى | yigqi | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-12-10 16:07:41 | :يوللانغان ۋاقتى |
2016-1-14 11:12:18 | مەخمۇت |
ئاداش بۇ ئەسەرنى ياخشى يېزىپسىلە !! ئەينى چاغدىكى ئىشلار يادىمغا كېلىپ قالدى . قەلەم تۇتقان قولۇڭىلار ھارىمغاي !! |
2016-1-14 11:12:18 | مەخمۇت |
ئاداش بۇ ئەسەرنى ياخشى يېزىپسىلە !! ئەينى چاغدىكى ئىشلار يادىمغا كېلىپ قالدى . قەلەم تۇتقان قولۇڭىلار ھارىمغاي !! |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|