ساپا تەربىيىسى توغرىسىدا
گۈلزىرە مەخمۇت
ساپا توغرىلىق سۆزلەشنى ئۇزۇندىن بېرى ئويلاپ كېلىۋاتقانىدىم ، بىراق قانداق ئېغىز ئېچىشنى بىلمەي يۈرگەن ئىدىم . تۈنۈگۈنكى ئىشلارنى كۆرۈپ يەنىلا سۆزلەش قارارىغا كەلدىم . مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدىلا سىنىپ مەسئۇلۇمنىڭ ئەڭ جىق دەيدىغان گېپى ‹ ئادەمدە ساپا بولمىسا بەك قورقۇنچلۇق ، ساپانىڭ ئەڭ ئاددىي تەلىپى-باشقىلارغا دەخلى قىلماسلىق ! › دېگەن گەپ ئىدى . مانا بۈگۈنكى كۈندە ھېس قىلىپتىمەن ، ساپا ھەقىقەتەنمۇ بەك مۇھىم ئىكەن !
قايسى بىر كۈنى سىڭلىم بىلەن ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيىتى مۇزىيىغا باردۇق . سىڭلىم ئەمدى ئالتە ياشقا كىرگەن ئىدى ، ئۆزىمۇ سەل جىم تۇرمايدىغان كەپسىزرەك قىز ئىدى ، شۇڭا ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىپلا يۈردۈم . ئۇنى تۇتۇشقا بولمايدۇ ، بۇنى تۇتۇشقا بولمايدۇ ، كىرىشكە بولمايدۇ .....دېگەندەك قائىدىلەرنى چۈشەندۈرۈپ قۇلىقىغا سىڭدۈرۈپ ماڭدىم . ئارىلقتا چىرايلىق ياسانغان ئىككى ياش ئانا تۆت بالىنى(ھەممىسى قىزبالا) يېتىلەپ كەلدى . ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەڭ كىچىكى تۆت ياش ئىدى . قالغانلىرى مېنىڭ سىڭلىم بىلەن تەڭتۇش ئىدى . ئۇلارنىڭ ئاۋازى مۇزىيخانىنى بىر ئالدى . سىڭلىم ئىككىمىز ئۇلارغا ھەيرانلىق بىلەن قاراپ قويدۇق . دېمىسىمۇ ، جىمجىت بىر زال ئۇلارنىڭ ئاۋازى بىلەن باشقىچە ئاۋاتلىشىپ كەتكەنىدى . ئارىلىقتا سىڭلىم بىر ياغاچ كېمىنى كۆرۈپ قالدى . شۇنىڭغا بەك چىققۇسى بارلىقىنى ھەم رەسىمگە چۈشكۈسى بارلىقىنى ئېيتتى . مەن ئۇنىڭغا كېمىنىڭ ئىچىگە كىرىشكە بولمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈردۈم ۋە كېمىنىڭ قېشىدا تۇرۇپلا رەسىمگە تارتىپ قويدۇم . سىڭلىم ئازراق خاپا بولدى ، بىراق يەنىلا باشقا نەرسىلەرنى كۆرۈش بىلەن مەشغۇل ئىدى . تۇيۇقسىز ھېلىقى تۆت قىز كېمىنىڭ ئىچىگە يۈگۈرۈپ كىرىپ كەتتى ، سەكرەشلىرىچۇ تېخى . ئۇلارغا گەپ قىلاي دەپ تۇرۇشۇمغا ، ئۇلارنىڭ ئانىلىرى يېتىپ كەلدى ۋە ئۇلارنى ئانداق تۇرۇڭ ، مۇنداق تۇرۇڭ دەپ رەسىمگە تارتقىلى تۇردى . سىڭلىم تېخىمۇ ھەيرانلىق بىلەن قاراپ قالدى . مەن ئۇنى يېتىلەپ باشقا يەرنى كۆرۈشكە ماڭدىم . قىزىق ، ھېلىقىلار سايىمىزدەكلا بىزنىڭ ئارقىمىزدىن تەڭلا يېتىپ كەلدى . كىرىشكە بولمايدۇ ، تۇتۇشقا بولمايدۇ ، دەسسەشكە بولمايدۇ .....دېگەندەك ئاگاھلاندۇرۇشلار ئۇلارغا ھەقىقەتەن ئارتۇقچە ئىدى.....
ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن گەپ قىلغىنىم ئەمەس ، پەقەت شۇ كېيىنكى ئەۋلادلىرىمىزغا تەربىيە قىلىشنىڭ قانچىلىك زۆرۈرلىكىنى تەكىتلەپ قويماقچى مەن ! ئائىلە تەربىيىسى شۇنچىلىك مۇھىمكى ، سىز بالىڭىزغا نېمىنى ئۆگەتسىڭىز ، ئۇ شۇنى ئۆگىنىپ چوڭ بولىدۇ . تەربىيىنى ئادەتتىكى ئىشلاردىن باشلايلى ، ئادەتتىكى قائىدىلەرگە سەل قارىمايلى ! ئېسىڭىزدە بولسۇن ، قائىدىگە بويسۇنمىغان كىشى ساپاسىز كىشىدۇر !
كىچىك بالا دېگەن ھەممە نەرسىگە قىزىقىدۇ ، قىلما دېگەننى بەك قىلىدۇ ! لېكىن ئۇنىڭدىمۇ بىلىش ، ھېس قىلىش تۇيغۇسى بار ، تېخى بەزىدە چوڭلار ئويلىمىغاننى ئويلىيالايدۇ . شۇڭا، مەنچە بولغاندا ئۇلارغا كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپلا قائىدىگە بويسۇنۇشنى ئۆگىتىش كېرەك .
2016-يىلى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى
تۆت قۇلاق قەلىمىدىن
| 314 قېتىم كۆرۈلدى | sansiz99 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-10-25 1:02:48 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|