ئاتىلار ! ئەندىزىلىك رولىنى جارى قىلدۇرسا!!!
باھارگۈل ئىبرايىم
ئاتا ! دىگەن سۆزنى تىلغا ئالغىنىمىزدا كۆز ئالدىمىزغا قەيسەرلىك،چىدامچانلىق ۋە جاسارەتتە، ئىلىم-ھۈنەر،كۆيۈم -ۋاپادارلىق شۇنداقلا ئەل-يۇرتقا ھىممەت كۆرسۈتۈشتە پارچە پەرزەنتلەرگە ئۈلگە بولۇپ كىلۋاتقان ھەم كۆزلىردىن مۇنايىملىق چىقىپ تۇردىغان ئاپپاق ساقاللىق بوۋايلارمۇ،قىرانلىقى ئورغۇپ تۇرغان مەردۇ - مەردانە ئوتتۇرا ياشلىقلارمۇ ھەمدە ياشلىق جاسارىتى ئوخچۇپ تۇرغان ياش يىگىتلەرمۇ كىلىدۇ ئەلۋەتتە ! ئاتا ! دىگەن بۇ سۆزنىڭ ۋەزنى تولىمۇ ئېغىر بولۇپ بارلىقىنى باشقىلار ئۈچۈن « ئاتاش » دىگەن مەنىنى بىلدۈردۇ . ئاتا ! دىگەن بۇ سۆز نىمدىگەن يېقىملىق ھە ! ئەيتاۋۇر مىنىڭ ئاتام بولمىغاچقا شۇنداق يېقىملىق ئاڭلىنامدۇ ياكى باشقىلارغىمۇ شۇنداقمۇ بۇنىسى ماڭا نامەلۇم ئىشقىپ ئاتا بارلىقىنى پەرزەنتلىرىگە،ئائىلىسىگە ۋە جەميەتكە ئاتىغۇچى بولغاچقا ئۇ،پەرزەنتلەر ئۈچۈن تىرەك بولۇپ، بىر ئۆمۈر شۇ پەرزەنتلەرنى يۆلەيدۇ ۋە پەرزەنتلەرنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ، سۈيىدە ئاقىدۇ ، ئائىلىنى ھىمايە قىلىپ ،بارلىقىنى جەميەتكە بېغىشلايدۇ . شۇڭا ئاتا تەربىيىسى پەرزەنتلەر ئۈچۈن ئۆكسىمەس بۇلاق ئۆچمەس ماياكتۇر. ئاتىلار پەرزەنتلەر ئۈچۈن مەردانىلىكتە، ھالال مىھنەت بىلەن ياشاشتا شۇنداقلا ئاۋام ئۈچۈن ياخشى ئىشلارنى قىلىشتا ئەڭ زور تەسىر كۆرسەتكۈچى ئۈلگىدۇر . ئېھ قەدىردان ئاتىلار ! پەرزەنتلەر سىلەرنىڭ ئاتىلىق بۇرچۇڭلارنى ياخشى ئادا قىلشىڭلارغا، ئائىلەڭلار ئائىلە ئالدىدىكى يۈكسەك مەسئۇلىيتىڭلارنى ئادا قىلشىڭلارغا , جەميەت جەميەتتىكى ئورنۇڭلارنى قەدىرلەپ، قەدرىگە يېتىشىڭلارغا ۋە تونۇشۇڭلارغا شۇنداقلا ئەندىزىلىك رولىڭلارنى جارى قىلدۇرشۇڭلارغا مۇھتاج ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالماي ھەقىقي «ئاتاش» قا ئەھمىيەت بەرسەڭلار!!! بەزىلەر ئاتىدەك بولمىغاچ ئاخىر، ئەۋلاتلار چىھرىدە كۆرۈنمەس كۈلكە. بەزى ئاتىلارنىڭ سۆزىن ئاڭلىساڭ، ئاتا ئەمەس گويا، ھىيلىگەر تۈلكە. ئۈنسىز،تىنىمسىز بولغان بىر يىغا، كۆمۈلگەن ھەسرەتلىك ئازاب ئىچىگە. ئانىلار يۈزىدە سەرسان بىر كۈلكە، چاقماقتەك بىر يېنىپ ئۆچەرجىممىدە. كىلىدۇ كاللامغا ئۈشبۇ ئوي-خىيال، بىر قىسىم ئاتىلار ئاتىدەك بولسا! ئانىلار،پەرزەنتلەر گۈزەل چېھرىدە، ھايالىق،خۇش پىچىم لاتاپەت يانسا!
218 قېتىم كۆرۈلدى | ehsanay | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-7 1:04:15 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|