يەنە باھانە ئىزدەمسىز

         يەنە باھانە ئىزدەمسىز...
تۇرغۇن راخمان (كەمتەر)

قوبۇل قىلىش-ئۆزىنى ئۆزگەرتىپ،رىياللىققا پائال يۈزلىنىپ، ئاكتىپ ھەرىكەتكە كېلىشنىڭ ئاساسى،چىقىش يولى،ئىنساننى مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ دەسلەپكى چىرىغى،ئىجادىيلىقنىڭ مەنبەسى.
كىشلىك تۇرمۇشتا،قوبۇل قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىش،ئىنسان ئۈچۈن،ئۆزىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ ئەڭ توغرا يولى،ھېچقانداق ئىنسان يۈز پىرسەنت مۇكەممەل بولمايدۇ.
قوبۇل قىلىشنى بىلمىگەن ئىنسان،ھەرگىزمۇ باھانە كىشەندىسىدىن قۇتۇلۇپ چىقالمايدۇ.باھانە ئىنساننى مەڭگۈ ئالغا ئىلگىرىلەتمەيدۇ،ئەكسىنچە غەپلەت ئۇيقۇسىغا داۋاملىق غەرق قىلىدۇ.ئۇنىڭ ئاساسى ئېزىقتۇرۇش قۇرالى بولسا، شۈكۈر قانائەت ھاسىل قىلىش ۋە سەۋېر قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. ھەممەيلەن بۇ ئىسكەنجىدىن دەرھال قۇتۇلۇپ چىقايلى،قوبۇل قىلىشنى بىلىۋالايلى.
مەن ئۆتمىشىمنى ئەسلەپ باقسام،سان-ساناقسىز باھانىلەرنى قىلغانلىقىمنى بىلدىم،شۇنىڭ بىلەن،خۇددى لۇغەتتىن سۆز ئىزدىگەندەك ئاختۇرۇپ چىقىش ئارقىلىق،بىلىپ-بىلمەي قىلغان باھانىلەردىن شۈركۈنۈپ،بەك نۇمۇس قىلىۋاتىمەن.
خەير-خوش مېنىڭ ئاقماس سەۋر-تاقەت،شۈكرىلىك،قانائەتلىك ئىچىگە يوشۇرۇنغان ياۋۇز”باھانە “ھەمشىرە دوستۇم،مېنى ئەمدى يەنە بەنت قىلىمەن دەپ خام-خىيال قىلما،گولدىما، مېنى قويىۋەتكىن،شۇ تاپتا،مەن پەقەت ئەركىن نەپەس ئېلىشنىلا ئويلاۋاتىمەن،مېنىڭ يەنە ئالدىنىشقا راھىم يوق،مېنى ئەپۇ قىلىۋىتىڭ،”باھانە“دوستۇم،ئەمدى سىزگە يەنە ئۇزۇن ئۆمۈر تىلىيەلمەيمەن،پەقەت كەچۈرۈڭ دىيەلەيمەن، مېنى راستىنلا كەچۈرۈڭ.
     





103 قېتىم كۆرۈلدى turhun ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-21 3:27:04  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ