ياخشى دوست تاللاش توغرىسىدا
ياخشى ھەمرا ئىپار ساتقۇچىغا ئوخشايدۇ . ناچار ھەمرا تۆمۇرچىنىڭ كۆرىىكىنى باسقۇچىغا ئوخشايدۇ .ئىپار ساتقۇچى يا ساڭا ئىپاردىن ھەدىيە قىلىدۇ ،ياكى سەن ئۇنىڭدىن سېتىۋالىسەن ،ياكى بولمىسا ئىپارنىڭ خۇش بۇيىنى پۇرايسەن ،كۆرەك باسقۇچى يا كىيىمىڭنى كۆيدۇردۇ،ياكى ئۇنىڭ يېنىدا سېسىق پۇراقلارنى پۇرايسەن.
ئىنسان دوستى بىلەن تۇنىلىدۇ.شۇڭىلاشقا كونىلار "دوستڭىزنى ئېيتىپ بىرىڭ ،مەن سىزنىڭ قانداق كىشى ئىكەنلىكىڭىزنى ئېيتىپ بېرەي"دىگەن ئىكەن.ياخشى كىشىلەر بىلەن دوست بولسىڭىز،ئۇلار سىزنى ياخشى ئىشلارغا ئۇندەپ ،يامان ئىش ۋە ناچار قىلىقلاردىن ئاگاھاندۇرىدۇ.سىزگە ساداقەت بىلەن راست سۆزلەرنى قىلىپ،پايدىلىق ئىشلارنى ئېيتىپ بىرىدۇ .ياراتقۇچىنىڭ ھىسابسىز نىملەتلىرىنى ئەسلىتىپ كوڭلىڭىزنى ھۇزۇرلاندۇرىدۇ.ياخشى دوست سىرىڭىزنى ساقلايدۇ ،خاتالىقىڭىزنى كەچۇرىدۇ ،ئەيىبىڭىزنى يوگەيدۇ،كەمچىلىكىڭىزنى تۇزۇتىدۇ ،قىلماقچى بولغان ئىشلرىڭىزغا ھەمكارلىشىدۇ.سىز بىلەن بىرگە بۇلۇشتىن زىرىكىپ قالمايدۇ ،سىزدىن يىراق بولغاندا سىزنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ .
ئەمما ناچار ئادەملەر بىلەن دوست بولسىڭىز ،سىز ئۇنىڭ يامان ئىشلىرىغا ئورتاق بولمسىڭىزمۇ بالاسى يۇقۇدۇ. ئۇلارنى يامان قىلىقلاردىن ئاگاھلاندۇرسىىڭىز،سىزنىڭ سۆزىڭىزگە قۇلاق سالمىغاننىڭ تېشىدا سىزگە زىيان كەلتۇرۇشتىن يانمايدۇ . ئەگەر ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىغا كۆز يۇمسىڭىز،يامان ئىشلارغا رازى بولغان بۇلىسىز،يامانلىققاقاراپ تۇرۇش ئۇنى قىلغانغا ئوخشاش گۇناھتۇر.شۇڭا ئاتىلىرىمىز:"ياماننىڭ قېشىغا بارماڭ بالاسى يۇقار،قازاننىڭ قېشىغا بارماڭ قاراسى يۇقار"دىگەن.
ياخشى-يامان دوست-ئاغىنىلەرنىڭ پايدا زىيىنى مۇشۇ دۇنيادىلا چەكلىنىپ قالمايدۇ.بەلكى قىيامەت كۈنى ھەركىشى مۇشۇ دۇنياداياخشى كۆرگەن ۋە يېقىن بولغان كىشىلىرى بىلەن ھەشرى قىلىنىدۇ.ياخشىلارنى دوست تۇتقانلار ياخشىلار بىلەن ،يامانلارنى دوست تۇتقانلار يامانلار بىلەن بۇلىدۇ.
"قىيامەت كۈن قۇشۇلسا جان بىلەن تەن
قوپار ھەرئادىمى ئۆز دوست بىرلەن "
234 قېتىم كۆرۈلدى | tulan | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-11-14 10:18:22 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|