غەزەپنامە - بىر قىسىم سالونچىلارغا

غەزەپنامە 

 

يازغۇچىلار تورىدىن ھۈسەن يازمىسى

www.yazghuqilar.com

 

ئەسالاممۇ ئەلەيكۇم ، سالۇن قۇرغۇچىلار ۋە سالۇن باشقۇرغۇچىلارغا . مەن مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ،ئۆزۈمنىڭ شۇنداقلا ماڭا ئوخشاش مۇشۇنداق بىر قىسىم< رەڭلىك>سالۇنلاردىن غەزىپى تېشىۋاتقان كىشلىرمىزنىڭ غەزەپنامىسنى سىلەرگە يەتكۈزۈش قارارىغا كېلىپ قالدىم . مەنلا ئەمەس بەلكى سىلەرگە ئۆزنىڭ غەزەپنامىسىنى ئەۋەتىشنى ئويلاۋاتقانلار ئاز ئەمەس دەپ ئويلايمەن ئەلىۋەتتە . ئۇنداقتا نەق گېپىمىزگە كەلسەك. مەن سىلەردىن بىر سۇئال سوراپ باقاي. سىلەر سالۇنۇڭلارغا مۇشۇنداق <رەڭلىك> مەزمۇندىكى ئەسسەر، mtv ، ۋېدىئولارنى تارقاتمىساڭلار پۇل تاپالمامسىلەر ؟ بۇنىڭدىن باشقا ئەۋەتىدىغان مەزمۇنلار يوقمۇ ؟ بار ئەلىۋەتتە بار .بىزگە كېرەكلىك ئىلم -پەن مۆجىزلىرى بار ،مەرىپەت بېغىدا تەر تۆكۈپ ئۇتۇق قازانغانلارنىڭ ، مۇھاكىمە ۋە ئىلمىي ماقاللىرى بار ،تارىخي بەتلەرنى ۋاراقلايدىغان بولساق ،ئەجداتلىرمىزنىڭ بىز كۆرۈپ باقمىغان ،بىز ئوقۇپ باقمىغان مىللەت ، ئۆرۈپ- ئادەت ۋە شۇنداقلا ئەدەپ -ئەخلاق توغۇرسىدا پۈتۈپ چىققان نادىر قول يازمىلار كۆمۈلۈپ ياتماقتا. يەنە ئەتىراپىمىزغا قارايدىغان بولساق، بىزگە پايدىلىق شۇنداقلا ياشلارنى ئويغىتىدىغان تەتقىقات مۆجىزلىرى ،ۋە شۇنداقلا تەتقىقات خاراكتىرلىك ماتىرياللار ئاز ئەمەس ئەلىۋەتتە. سىلەر نىمىشقا مۇشۇنداق مەزمۇنلارنى ئىزدەپ تېپىپ سالۇنۇڭلارغا ئەۋەتىشنى ئويلاپ باقمايسىلەر ؟

 بىلىمەن، سىلەر ئويلاپ باقتىڭلار، ئىلگىرى سىلەر سالۇن قۇرغان چاغدا، سالۇنۇمغا <رەڭلىك> مەزمۇننى ھەرگىز ئەۋەتمەيمەن دەپ ئىرادە قىلىپ پاك مەزمۇننى ئەۋەتتىڭلار . بىراق ئۆزنى پۇلغا بۇزۇپ سالغان بىر قىسىم سالۇنچى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ، ئۆز سالۇنلىرغا يوللىغان: (بۈگۈن ئاخشام بىر قىز بىلەن نەچچە يىگىت نۆۋەتلىشىپ ....)،(ماۋۇ رەسۋا ئۇيغۇر قىزى، ئۆزنىڭ توي كېچىسنى سۈرەتكە ئېلىپ تورغا يولىۋېتىپتۇ ،كۆرۈپ بېقىڭ. )، ( ئويغۇر داڭلىق چولپاننىڭ قىزى ،پۇكۇنى مىللەت بىلەن ياتاق ئېچىپتۇ .),(پۇكۇنى ئويغۇر چولپاننىڭ تۇرمۇش رەسىملىرى توردا تارقىلىپ يۇرۇپتۇ ).ئۆزىمۇ تارقىتىپ تېخى ،(ئاۋۇ ئاتاقلىق …… باشقا بىر ئايال بىلەن ئىشپەش تارتىشىپ .....)دېگەندەك <رەڭلىك> مەزمۇندىكى ئەسسەر، mtv ، ۋېدىئولارنى توختىماي تارقىتىپ، يالغاننى راس قىلىپ كۆرسۈتۈپ . سالۇنلىرغا كۆپلەپ ئادەم توپلاۋاتىدۇ ،جۈمۈلدىن مىللەتكە خىيانەت توپلاۋاتىدۇ. ئۇلار مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق سىلەرنىڭ سالۇنىڭلارغا ئەۋەتكەن ساپ مەزمۇندىكى ئەسسەرلىرىڭلارنى كۆردىغانلارنىڭ سانى ئازلاپ 《توپا》بېسىپ ،جاپاغا چۇشلۇق ھالاۋەت كۆرەلمەيۋاتىسلەر . ئاخىردا سىلەرنىڭمۇ ئىرادەڭلەر بوشاپ ،سالونىڭلارغا <رەڭلىك> مەزمۇن يوللاپ ، خېرىدار توپلاشقا ئامالسىز قالدىڭلار. شۇنداقلا سەۋەپچى قىلىۋاتىدۇ ……

مېنىڭ سىلەردىن ئۆتىندىغىنىم ، شۇنداقلا ماڭا ئوخشاش خەلىقىمىزنىڭ سىلەردىن ئۆتۈندىغىنى . سىلەرنىڭ ئىرادەڭلەر بۇشاپ قالمىسكەن، خەلىققە ھەققىقى نەپ يەتكۈزدىغان مەزمۇنلار بىلەن قېرىنداشلىرمىزنىڭ تۇرمۇشىغا تۆھپە قوشسىكەن، رەڭدار ئىلىم نۇرلىرى بىلەن قېرىنداشلىرمىزغا يۇرۇقلۇق يۇرتۇپ، يول باشلاپ بەرسىكەن دىگەن ئۈمۈدە .

 ئەسلى مەن بۇ غەزەپنامىنى يوللاپ، سىلەرنىڭ يېغىرىڭلارغا تەگمەي دىگەن. بىراق بىزنىڭ ھەربى سەپتىكى، ئىچكىرى ئۆلكىدىن كەلگەن ، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىغا تولىمۇ قىزىقىدىغان خەنزۇ سەبدىشىمنىڭ تەلىپى بويچە، سالۇنۇمدىن قەشقەرنىڭ تۇرمۇش رەسىملىرىنى ئىزدەۋاتاتىم، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مېنىڭ ئۇندىدارىمدىكى 42 سالۇنلارنىڭ ھەمىسىنى بىر -بىرلەپ كۆرۈپ چىقىش توغىرا كەپ قالدى . بىراق ئويلىمغان يەردىن بۇ سالۇنلاردىن چىقىۋاتقان<رەڭلىك > رەسىم ۋە ۋېدىئۇلار، سەبدىشىمنىڭ مەندىن سورغان مۇنۇ سۇئالى يەنى :

- ئاغىنە سىلەرنىڭ سالۇنىڭلاردىمۇ يالىڭاچ رەسىملەر ۋە ۋېدىئۇلار نىمانداق كۆپ؟ .

دىگەن سۇئالى. مەنمۇ ھەيران قالدىم دېمىسىمۇ ھەممە سالۇنلاردا شۇ مەزمۇن ، ئامال يوق بۇ غەزەپنامەمنى سىلەرگە سۇندۇم . مېنىڭ ئەڭ چوڭ ئۈمۈدۈم ، ئۇندىدارمىزنىڭ سالۇنلىردىن مىللىي پۇراق چىقسىكەن ،ئۇندىدارمىزدىكى نادىر مەزمۇنلاردىن ، ئاتا -ئانىمىز ھەدە -سىڭىلىرمىز شۇنداقلا يات مىللەتىكى قېرىنداشلىرمىزنىڭ ئالدىدا يۈرەكلىك كۆرەلىسەككەن دىگەن ئۈمۇتتە.

 ئەڭ ئاخىردا ئۆزنىڭ ئىرادىسىدە تەۋىرەنمەي تۇرۋاتقان پالۋان سالۇنى، مىسرانىم سالونى، توقسۇ سالونى، مىنۇت سالونى، يازغۇچىلار سالۇنى ۋە بۇندىن باشقا ئۆزىنىڭ ئىسىل مەزمۇنلىرى بىلەن خەلقىمىزنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بىيىتىپ كىلىۋاتقان سالونلارغا  چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن ۋە ئۇلارنىڭ ئىرادىسنىڭ بۇشۇشۇپ قالماسلىغىنى ئۇمۇد قىلمەن ، مىللەتنىڭ كەلگۈسى ئۆز قولىمىزدا ،چاۋىمىزنى چىتقا يايمايلى !!

 2015-يىلى 10-ئاينىڭ5-كۈنى ھۈسەنجان توختى





390 قېتىم كۆرۈلدى 13ug520 ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-10-5 15:09:00  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-1-7 12:59:54 barquk....
garqa ,bu yzmini kiqkiprak korgan bolsammu entayin huxal boldum,entayin yahxi yizepsez,bu masellar inigmu kallamden tmay ,axundak salonqelarden bezarlik his kilgan....uzemezni quxurmay ,kutrayli jinim salonqelar......
2015-12-8 2:05:01 卡哈尔江
nahay ti yahxi inkas boptu man kollayman mandimu 34salon bar idi hakikatan bak.ixip kat ti bolar kuqurmu kaxlik lawza tetiksiz manmun kuplap kat ti ahiri. bolmay taltukus yuywattuk minig kollay.diginim 《yazguqilar》saloni tihimu tarakki kilxini yahxi mazmunlar ni yollap tur xini umut kilman rahmat///////
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ