سەبىر ۋە ئىرادە - سۈبھىنۇر ساۋۇت

سەبىر ۋە ئىرادە


 قەلەمدە - سۈبھىنۇر ساۋۇت فىتنەت 


قارا ،قىرىندىشىم، تاڭ يوراي دەپ قاپتۇ ، تىخچە ئورنۇڭدىن تۇرماپسەنغۇ ؟ ساڭا زادى نىمە بولدى؟ يەنە شۇ ئۆتمۈشۈڭدىكى بۇرۇقتۇرمىلىقلاردىن قەلبىڭگە ئۇيۇلۇپ كەتكەن ئازابلارنىڭ دەھشىتىدىن تۇراممايۋاتامسەن؟ نىمىشقا؟ سەن شۇنچىلىك ئاجىزمۇ؟ ياق قىرىندىشىم ياق، ئۆزۈڭنىڭ كىملىكىنى ئۇنتۇپ قالدىڭمۇ؟ سەن دىگەن ئىنسان ، ئۆزۈڭنى ھەرگىز ئاجىز بوش چاغلاپ قامما . ھېچ قانداق نەرسە ئىنساندەك قالتىس ئەمەس . شۇ ئىسىڭدە بولسۇنكى ، ئاسمان ، زىمىن ، تاغلار ، دىڭىزلار، ئۆز زىممىسىگە ئىلىشتىن قورقۇپ باش تارتقان مەجبۇرىيەتنى سەن ئۆز ئۈستىڭگە ئالغان ، شۇڭا ھېچ قانداق قىيىنچىلىق سىنى باش ئەگدۈرمەسلىكى كىرەك . بىلىمەن ، ئاسان ئەمەس . دۇنيا بەكلا رەھىمسىز . ئۇ بەلكىم ئارزۇيىڭغا يىتىش ئىستىكىدە ماڭغان يوللىرىڭغا تىكەنلەرنى تېرىشى مۇمكىن . ئۇ يۈركۈڭنى زەرداپ قىلىپ كۆزلىرىڭدىكى ياشنى قانغا ئۆزگەرتىشىمۇ مۇمكىن . ئەڭ ئىچىنىشلىقى بۇلار بىلەن ھېچ كارى بولمايدۇ ئەلۋەتتە . لىكىن سەن چوقۇم بەرداشلىق بىرىشىڭ كېرەك . شۇ ئاخىرقى نىشانىڭ ئۈچۈن ،،، ئاغرىغان يۈركۈڭنى بەزلەپ ، قان ئارلاش تۆكۈلگەن ياشلىرىڭنى سۈرتۈپ بۇ تىكەنلەرنى دەسسەپ ئۆتۈپ يوللىرىڭنى داۋاملاشتۇرۇشىڭ كېرەك . كۆرىۋاتىسەن ھىلىمۇ جىسمىڭ ، روھىڭ ،  پۈتۈنلەي كىشەنلىنىپ بولدى . ئەسلى بۇنىڭغا يول قويماسلىقىپ كېرەك ئىدى ،،، لىكىن ھازىرمۇ كىچىكمەيسەن . سەن چوقۇم بۇ كىشەنلەرنى ئۈزۈپ تاشلىشىڭ كېرەك ،،، خىيالىڭدىكى ئۆزۈڭ بۇلۇشىڭ كېرەك . ئارزۇ قىلغان تۇرمۇشۇڭدا ياشىيالىشىڭ كېرەك،،،، بولدى ، ئەمدى كۆزۈڭنى ئاچ . چىدامچان بول . ئۆزەڭگە ئازابلانغۇدەك پۇرسەت بەرمە . نەفسىڭنىڭ قۇلى بولما . ئۇنى بويسۇندۇر . باتۇر بول . سەبىرنى ئۆزۈڭگە ھەمراھ قىل . كۆڭلۈڭدە بار بولغان ۋە سىنى ھوزۇرسىز قىلىۋاتقان غەملەر ، ئەلەملەر، ئۈمۈدسىزلىكلەرنى قەلبىڭدىن چىقىرىپ تاشلا ، سەن دۇچار بولغان بارچە بالا قازالار،  قىيىنچىلىقلار ۋە زەخمەتلەرنى ئۇنتۇپ كەت . ھايات بىلەن مامات باتۇرلۇقنىڭ ئىككى خىل ئەڭ يۈكسەك ئىپادىلنىشىدۇر . ئارزۇيۇڭ ئۈچۈن توختىماي كۆرەش قىل . ھەرگىز ئۈمۈدسىزلەنمە ، مۇۋەپپىقىيەت ئۈچۈن توختىماي تىرىش . سەن قىزىشنى ئويلىغان ھەرقانداق بىر پارچە تۇپراقنى قازساڭ ھامان خەزىنىنى تاپالايسەن . پەقەت دىھقاننىڭ ئىتقادى بۇيىچە قازساڭلا بۇلىدۇ . قورۇقما ، جاسارەتلىك بول . دائىم يۈرۈكۈڭدە مۇستەھكەم ئىرادە ئوتلىرى كۈۋجەپ تۇرسۇن ، جىسمىڭدىن يىقىلماس روھ نامايەن بوپ تۇرسۇن . ھەر قانداق جاپاغا باش ئەگمەيدىغان ، ھەرقانداق رىئاللىققا دادىللىق بىلەن يۈزلىنەلەيدىغان ،  ھاياتنىڭ داۋانلىرىدا قەلبىڭ پۇچۇلانسىمۇ قەيسەرلىك بىلەن ئالغا ئىلگىرلىيەلەيدىغان ،
تۇرمۇش ئاچچىق بەرسە شۇ ئاچچىقتىن شىرىن شەربەت ياساپ تۇرمۇشقا سۇنالايدىغان بول ، ھەرقانداق پەيىتتە ئۆز قىممىتىڭ بىلەن ياشىيالايدىغان ، ئۆزەڭنى يوقاتمايدىغان ، مۇھەببەتتىن ، ئېتىقاددىن ، سېپىل ياساپ ئۆز قەدىرىڭنى قوغدىيالايدىغان بول . داۋاملىق ياخشىلىققا ئىنتىل ، يامانلىقتىن ئۆزۈڭنى يىراق تۇت . سىنىڭ ئۆزۈڭ بىلەن بىرلەشكەنلىكىڭ ياخشىلىقتۇر ، سېنىڭ ئۆزۈڭ بىلەن بىرلەشمىگىنىڭمۇ يامانلىقتۇر . مەزمۇت قەدەملەر بىلەن نىشانغا قاراپ ماڭغانلىقىڭ سەندىكى ياخشىلىقتۇر . ۋاقتىڭ ، زىھنىڭ روھىڭغا بىر مىنۇتمۇ ۋاقىت بەرمە ئۇلارمۇ توختىماي كەلگۈسۈڭ ئۈچۈن كۈرەش قىلسۇن . قورقۇنۇچىڭنى يەڭ . ئارزۇيۇڭ ئۈچۈن چوقۇم ھەممىگە بەرداشلىق بەر . سەن تەسەۋۋۇرۇڭدىنمۇ نەچچە ھەسسە كۈچلۈك . سەن ئەركىن ئىرادىگە ئىگە . ئىشلارنى مۇشۇ بويىچە قارار قىلساڭ ساڭا ھېچنىمە توسقۇنلۇق قىلالمايدۇ . ئەگەر قارارىڭ توغرا بولسا ئاشۇ نىشانغا قاراپ داۋاملىق تىرىش . غەلىبە ئاخىر ساڭا قۇچاق ئاچىدۇ .

2017-يىلى 1- ئاينىڭ 25- كۈنى
     





171 قېتىم كۆرۈلدى فىتنەت ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-2-9 4:22:04  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ