تىلەمچى يۈرەك تىرىلوگىسى ( ئەبجەش خاتىرلەر) - ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى

تىلەمچى يۈرەك تىرىلوگىسى 

ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى

( ئەبجەش خاتىرلەر)


  ئانا ، ئايال بولغىنى ئۈچۈن بارچە ئازاپنى تارتتى . تولغاق باشلاندى . ئۇ تەڭرى ئالدىدا قەرزىنى ئادا قىلماقتا ئىدى . قەرىزنىڭ بەدىلى ئازاپ ، ئىزگۈسى قىنىلىش ئىدى . ۋاقتى ھاياتقا سىلىشتۇرغاندا قىسقا ياكى ھەمىسى ئىدى .   ھىسيات ئىلتىجا قىلدى . تەن شەرەپ بوسوغىسىدا . ئۇچۇرشىشلاردىن ، ئوتلۇق يازمىلاردىن قانائەت ئويغاندى . ئىنتىلىش ئابىدىسى تىكلىنىشكە باشلىدى . ..

  تۇيغۇ مىھىرنىڭ باشلىشى بىلەن كۆڭۈلگە كىردى . كىرىپ ئوتلۇق كۆزلىرى بىلەن بىر نەرسىنى ئىزدىدى . تۇيغۇ جانلىنىشقا باشلىدى ، بىر نەرسىنى زارىقىپ كۈتتى . 

  كۈتۈش ئەمىلىيەتكە ئايلاندى ...

  يۈرەك تىتىردى ، ئۇ سۆزلىدى :

- ئوتلارغا قاقلىنىشقا ، سوغۇقتا قىتىشقا ، چاھار مىخلاردا مىخلىنىشقا ، خەلىق ئالەم ئالدىدا سازايە بۈوپ دارغا ئىسىلىشقا، تىلەمچى كەبى مىھىر تىلەشكە  قىسقىسى ، تىرىك تۇرۇپ قىيامەت دەشتىدە تاۋلىنىشقا رازىمەن ...

  بۈگۈن ، يۈرەك پارتىلىدى . ...

  ئۇ كۆڭۈلگە پۇزغۇرىغان ھىسياتىنى كۆڭۈل چوقىسىغا بار كۈچى بىلەن ئاتتى . چوققا ئۇنى ئىتەكلىرى بىلەن تۇتتى .

  ........

   يۈرەك كۈلدى ، كۆڭۈل ئوينىدى . تەن شادلاندى ، روھ ھۇزۇر ھىس قىلدى . گەۋدە قوشۇلدى ، تىنىق بىرلەشتى ...

  ھەممە خۇشال ،  يۈرەك كۆڭۈل بىلەن شادلاندى ، كۆڭۈل يۈرەك بىلەن جىلۋىلەندى .   لېكىن بۇ ۋاقىت تىزلا ئاخىرلاشتى .....

  تۇيۇقسىز ، جاھان تىتىردى . تۇپراقتا شۇم بۇيا ئۈندى . ئارلىق توسىلدى . زىمىن قاراڭغۇلاشتى ، ھىچ نەرسىنى كۆرگىلى بولمىدى . تۇماندا كۆڭۈل يۈرەكتىن ئايرىلدى .

تەن چىدىمىدى ....

  كۆڭۈل يات ئەلنىڭ تاجدارىغا ئايلاندى ...

روھ يۈرەك بىلەن قوشۇلۇپ كۆڭۈلنىڭ يىڭى قەسىر بوسۇغىسىدا تىلەمچىگە ئايلاندى . كۆڭۈل ئۇنىڭدىن يىرگىنىپ يۈرەكنى ئىتقا ئايلاندۇرۇپ قويدى . يۈرەك ئىتقا ئايلىنىپ كۆڭۈلنىڭ يىڭى دۆلىتى ئاتا قىلغان تاجدار قەسىرىنى تىلى بىلەن يالاپ تازلىدى ...

  بىر كۈنى كۆڭۈل جۇلالىق تاجىنى تاقاپ قەسەر سىرتىغا چىقتى . ئىتقا ئايلانغان يۈرەك تاجىدار كۆڭۈلگە ئەگەشتى . تۇيۇقسىز ئىتقا ئايلانغان يۈرەك تاجىدار كۆڭۈلنىڭ ئۆتەر يولىدىكى ئۆتكۈر مىقنى كۆرۈپ قالدى دە، ئۇچقاندەك بىرىپ ئۆتكۈر مىققا ئۆزىنى سانجىدى تاجدار يۈرەك ئىتقا ئايلانغان يۈرەكتىن يىرگىنىپ ئۇنى پۇتى بىلەن ئۇنى چوقىدىن تىپىپ تاشلىۋەتتى . ئۆتكۈر مىقنىڭ زەربىسىدىن نىمجان بولغان ئىتقا ئايلانغان يۈرەك ئوقتەك پەسكە چۈشۈپ جان بەردى . 

  ئىتقا ئايلانغان يۈرەك تەندىن ئايرىلدى . تەڭرى  جەڭدە شىھىت بولغان شاھزادىگە بۇ ئىتقا ئايلانغان يۈرەكنى ھەدىيە قىلدى . شاھزادە تىرىلدى ، جاھان شادلاندى ....

  مەن چۈش كۆردۈم .

چۈشۈمدە تاجدار كۆڭۈل قەسىرىگە باردىم . ئۇنىڭدىن سورىدۇم :

- نىمىنداق كىبىرلىكسەن ؟

ـ ھەر نەرسەم تەل .

ـ راس گىپىڭمۇ ؟

ـ ئەلۋەتتە .

ـ بۇ نىمىنىڭ قان دىغى ؟ ـ: سورىدۇم كۆكرىكىدىن بولدۇقلاپ ئىقىۋاتقان قانغا قاراپ

ـ تىلەمچىنىڭ .

ـ كىمىڭ ئىدى ؟

ـ ئىتىم .

ـ نىمىشقا ئۇ قان توختىمايدۇ ؟

ـ ئۇ ئىت چىشلىۋالغان .

ـ ئەسلەمسەن ؟

ـ يىرگىنىمەن .

ئىت بولغانلىقى ئۈچۈنمۇ ؟

ـ ئەلۋەتتە ، مەن دىگەن تاجىدار تۇرسام !!!

  ئۇنىڭغا قايتا قارىدىم ، ئۇ يەتتە باشلىق يالماۋۇز بولۇپ كۆرىندى .

  قەسىردىن قاتتىم . يىراق بىر يولدا زۇر قوشۇنلۇق ئەلنى كۆردۈم . ئۇنىڭغا سۇمباتلىق ، بىلىملىك بىر شاھزادە پاسىبان ئىكەن . ئۇنىڭ تۇرىقىنى كۆرۈپلا ئىختىيارسىز ئۇنىڭغا

بەيئەت قىلدىم ، ئىختىيارسىز بولغىنى بىلەن پۈتۈن ھۇجۇدۇم بىلەن بەيئەت قىلدىم .

ئەيمىنىپ سورىدۇم :

ـ كىم سەن ئەزىزىم ؟  

 ـ تىلەمچىدىن ئىتقا ئايلانغان يۈرەك .

ـ تەبىرى بىمە ؟ ھەيران بوپ سورىدىم :

ـ تاجدار كۆڭۈلنىڭ ئىنئامى ...

ـ ھازىرقى سۈپەتلىرىڭىز نىمىنىڭ جۈملىسىدىن ؟

ـ تەڭرىگە بولغان ئىدقادىم ، سۆيگۈگە بولغان ئىخلاسىم ، كۆڭۈلگە بولغان ساداقىتىم .

  ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىم ئاشتى ، قايىللىقىم كۆكلىدى . ئۇنىڭ چاكىرى بولالىغىنىمدىن سۆيۈندۈم ......

  يەنە تاجدار يۈرەكنىڭ قەسىرىگە قاراپ يول ئالدۇق . بىر تاغ ئىتىكىگە كىلىپ توختىدۇق پاسىبان يۈرەك كىسىلى بىلەن يىتىپ قالدى. تۆت سائەت كۈن يوق بولدى . پاسىبانىمنىڭ  چىرايى دەسلەپ بىچارىلەشتى ، كىيىن شادلاندى ، ئارقىدىن قورقۇنىچلىق تۈس ئالدى . ھەممە قورۇقتۇق ، جاھان ئاللا توۋا كۆتۈردى . تەڭرىنىڭ ئىلتىپارى ب ىلەن پاسىبانىمىز

ئەسلىگە كەلدى . يۈرەكلىرىمىز جانلاندى ....

 مەن پاسىبانىمدىن سورىدۇم :

ـ بۇ كىسەلنىڭ تەبىرى نىمە پاسىبانىم ؟

ـ ئىلگىرى ئىتقا ئايلانغان يۈرەك مۇشۇ تاغ ئىتىكىدىن تاشلانغان .

ـ دەسلەپكى چىراي ئالامىتىڭىز ؟ يىنىشلاپ سورىدۇم مەن :

ـ ئىنتىغار بولغان ۋاقتىم .

ـ نۇرلانغىنى چۇ ؟

ـ ئىرىشكەن ۋاقتىم .

ـ كىيىنكى ھالىتى چۇ ؟

ـ يارىماي ، تىلەمچىلىك قىلغىنىم ، يىرگەندۈرۈپ ئىتقا ئايلانغىنىم .

 قالغىننى سوراشقا تىلىم ئاجىز كەلدى .

  يۈرۈپ تاجدار كۆڭۈلنىڭ قەسىرىگە كەلدۇق . كەلگىنىمىزدە قەسىرىنى ھازدارلار قاپلاپ كېتىپتۇ  . ئۇقساق بۇ يۇرتنىڭ دۆلەتپاناھى باقى ئالەمگە سەپەر قىپتۇ .

  ئوغرى كۆزلەر غايەت زور بىر قوشۇننىڭ كەلگەنلىكىدىن خەۋەر بەردى . خەۋىرىمىزنى ئاڭلىغان تاجدار كۆڭۈل جاقىلداپ تىترەپ ، قارلىقىنى ھۆرۈپ تاشلاپ ، كىبىرىنى يەتتە قەۋەت بىزەكنىڭ ئاستىغا يوشۇرۇپ پايپاسلاپ يىتىپ كىلىپ پاسىبانىمىزنىڭ ئايىقىغا باش قويىۋىدى بىشىدىكى ئالتۇن ھەل بىرىلگەن تاجىسى يەرگە شۈشۈپ ، پاسىبانىمىز مىنگەن تۇلپانىڭ تىزەكلىرى ئارسىغا غەرىق بولدى . شۇنىڭ بىلەن بىرگە كىبىرىنى يوشۇرۇشقا قادىر بولالىغان يەتتە قات بىزىكى تاجىسىنى يوقاتقان شۇ ئازغۇن كۆڭۈلنىڭ كۆز ياشلىرىغا بەرداشلىق بىرەلمىدى . بۇ چاغ كىچە بولغاچ ئازغۇن كۆڭۈلنىڭ يەتتە قات بىزىكى ياشلىرى بىلەن بىرگە چۈشۈپ كەتكەندىن كىيىنكى كىبىرىنى تۈن قاراڭغۇسى يوشۇرۇپ قالدى ......

تاجىدىن ئايرىلغان ئازغۇن كۆڭۈل ناز ـ كەرەشمىسى بىلەن سالام قىلىۋىدى ، بىزنىڭ لەكمەڭ ـ لەكمەڭ ياۋلار ئالدىدا بۇرتىنى مىدىرلىتىپ قويمىغان پاسىبانىم تۇلپاردىن سەكرەپ چۈشۈپ ئالدىدا تىزلاندى . ھۇدۇقۇپ كەتكەن ئازغان كۆڭۈل :

ـ پا . سىبا نى م سىز ؟ : دەپ قورۇققىنىدىن تىترەپ تۇرۇپ سورىدى

ـ تىلەمچى يۈرەك ، ئىتقا ئايلانغان تىلەمچى يۈرەك .

پاسىبانىم شۇنداق دەپلا ئۈستىدىكى دۇبۇلغا ـ ساۋۇتىنى يەشكەن ئىدى ، مەن چوقۇم ئىچ كىيىمى يىپەكتىن تىكىلگەن دەپ پەرەز قىلىپ تۇرسام ، ئىچىدىن جۇل – جۇل بوپ كەتكەن جەندە چىقتى ۋە پاسىبانىم :

ـ سىز ئىنئام قىلغان ساماۋىي كىيىمنى مەن تىخى سالمىدىم .

پاسىبانىمنىڭ بۇ جاۋابىنى ئاڭلىغان ئازغان كۆڭۈل ھۇشىنى يوقاتتى ۋە ئۆمىلەپ بىرىپ قەسىر ئالدىدىكى قەبرە ئالدىغا بىرىپ بىر نەرسىنى كولاپ ئالدى . قارىسام قۇرتلاپ كەتكەن يۈرەك ئىكەن . مەن پاسىبانىمغا قارىسام ئۇنىڭ كۆكرىكىگە كۆزۈم چۈشۈپ قالدى ، قاراپ قورقۇپ كەتتىم . پاسىبانىمنىڭ كۆكرىكىدىكى يۈرەك ئورنى بوش ئىدى !!

پاسىبانىم تىزلىنىپ تۇرۇپ :

ـ جانانىم يۈرۈگۈمنى چىرىتۋەتمەي ساقلاپ بەرگىنىڭىزگە تەشەككۈر،تىخى ھاۋا تۆشۈكچىسى ئىچىپمۇ ئۈلگۈرۈپسىز .... چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتتىم .

 2016- يىلى 12- ئاينىڭ 12- كۈنى . 

     





302 قېتىم كۆرۈلدى AHTAR ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-13 0:15:50  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ