ئەقلىي ئويغىنىش ۋە تەلىم تەربىيەدىكى رولى توغرىسىدا
تۇرغۇن راخمان (كەمتەر)
ئەقلىي ئويغىنىش ، ئىنسانلارنىڭ مەلۇم مۇھىت شارائىتىدىكى ، ئىچكى - تاشقى ئامىللارنىڭ تەسىرىدە ، مېھىرلىك قەلبلەرنىڭ تۈرتكىسىدە ، شۇ شەخسنىڭ تىرىشچانلىقى ، ئىزدىنىشى ۋە تۈرلۈك مۇھەببەت ئامىللىرىنىڭ تۈرتكىسىدە ، پەيدا بولىدىغان بىر خىل پىسخىك جەريان.
بۇنىڭدا ئالدى بىلەن ، ئىنسان تۈرلۈك زىددىيەت - توقۇنۇشلار ئارىسىدىن ، ئۆزىگە تەسىر قىلغان ، تۈرلۈك ئامىللارنىڭ ئىجابىي ۋە سەلبىي تەسىرىدىن ، ئاستا - ئاستا تەپەككۇرى ئويغىنىپ ، دىلى يورۇپ ، ئزدىنىشكە كىرشىدۇ ، نەتىجىدە ئەقلىي ئويغىنىش دەرۋازىسى چېكىلىدۇ . بۇنىڭ بىلەن ، نادانلىق ، قاراڭغۇلۇق ، زۇلمەتلىك بىلەن ئاستا - ئاستا خوشلۇشۇپ ، ئويغىنىشقا باشلاپ ، بىلىمسىزلىك ۋە نادانلىقنىڭ كېشەندىسىدىن قۇتۇلۇش يولىنى تونۇپ يەتكەن بولىدۇ . مانا بو ئەقلى ئويغىنىشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى .
ئەقلىي ئويغۇنۇشنىڭ دەسلەپكى تەرەققىياتى ۋە يۇقىرى پەللىسى ، كېيىنكى ئەمەلىيەت جەريانىدا ، قوبۇل قىلىش ئاساسىدىكى تىرىشچانلىقىغا ، ئىزدىنىشىگە ، ئىجادچانلىقىغا ، ئىچكى - تاشقى ئامىللارنىڭ ماسلىشىشىغا ، تۈرلۈك ماددىي - مەنىۋىي كاپالەت ئاساسىدا ، نادانلىقنىڭ زۇلمەتلىكلىكىنى ھەقىقىي تونۇغان ، ئادىمىيلىك يولىنى بىلگەن ، كېيىنكى تەرەققىياتىغا ئۇل سالغان ئويغاق ھالىتىگە ئۆتكەن جەريانىدۇر . مانا بۇ ئەقلىي ئويغىنىشنىڭ ئارفلىق دەۋردۇر .
ئىچكى - تاشقى مۇھىتنىڭ ئىجابىي ۋە سەلبىي تەسىرىدە ، كىشىلەر ئەقلىي ئويغىنىشقا باشلايدۇ ، ئۆزىنى تونۇش ۋە سۆيۈشنىڭ بىخلىرى يېتىلىدۇ ، ئىشەنچ قىلىش ، ئىرادە تىكلەشكە دادىل يۈزلىنىدۇ ، بۇنىڭ بىلەن ، ئاستا - ئاستا جاسارىتى ۋە شىجائىتى ئۇرغۇيدۇ ، ئاق - قارىنى ، ھەق - ناھەقنى ئايرىش تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ ، ئىزدىنىش ، تېرىشىش ، ھەركەتلىنىش ئادىتى شەكىللىنىدۇ ، نىمە ئۈچۈن ياشايدىغانلىقى ، قانداق ياشاش كېرەكلىكىنى تونۇپ يىتىپ ، ئىللىق قۇياشقا تەبەسسۈم بىلەن ، كۈلۈپ قاراپ ، ئەتىكى گۈزەل تۇرمۇشقا ئىنتىلىدۇ ، بارا - بارا ئېسىل ئەخلاق پەزىلەت بىلەن قۇراللىنىپ ، ئادىل سەمىمىي ، راستچىل بولۇشتەك خاراكتېرنى يېتىلدۈرۈپ ، ئادىمىيلىكى كۈچىيىدۇ . نەتىجىدە ، بېغىشلاش ، مەسۇلىيەتچان بولۇش روھىغا ئىگە ، ياراملىق ، جەڭگىۋار ۋە ئىزدىنىشچان ، ھەر جەھەتتىن ساپالىق بولغان ، ئۆزىنى نامايان قىلالايدىغان كىشىلەردىن بولۇپ چىقىدۇ .
شۇڭا ، تەلىم-تەربىيە جەريانىدا ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەقلىي بۇلىقىنى ئېچىپ ، ئويغىنىشقا سەل قارىماي ، بالىلارنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكى ، قېزىقىشى ، ئارزۇ - ئارمانلىرى بىلەن بىرلەشتۈرگەن ئاساستا ، بىر قېسىم ئۆگىنىشتە ئارقىدا قالغان ، ئۆگىنىشنى بېسىم دەپ بىلگەن ، مۇستەقىل ئۆگىنىش ئادىتى يىتىلمىگەن ، ئەستە تۇتۇش قابىلىيتى بىر قەدەر ئاجىز ، جىمغۇر ، قورقۇنچۇق ، پىسخىكىسى ئاجىز ھەمدە تەشەببۇسكارلىقى تۆۋەن بولغان ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا ، بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللۇنۇپ ، ئۇلارنىڭ ئەقلىي بۇلىقىنى ماس ھالدا ئاچسا ، تەلىم - تەربىيە ۋە ئوقۇتۇش خىزمىتىدە يۇقۇرى ئۈنۈمنى تىزلا قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ .
مۇھەرىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئۈندىدار : 2041420589
| 74 قېتىم كۆرۈلدى | turhun | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-5-25 18:26:23 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|