ئەزىزىمسەن ئەزىزىم
دىلبەر ئەخەت قەشقەر
جىنىمدىن ئەزىز ئەزىزىم ، سەنسىز بۇ كۈنلەرنى قانداق ئۆتكۈزۋاتقىنىمنى بىر مەن ، بىر ئاللا بىلىدۇ، بۇ ھىجران ئازابى يۈركۈمنى ئۆرتەپ كۈندە مىڭ ئۆلۈپ مىڭ تىرلىۋاتىمەن، بۇ ئازاپ قاچان تۈگەيدۇ بۇنى بىلمىدىم، كۆز ئالدىمدا سەن بۇرۇنقىدەكلا ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرەۋاتقاندەك كۆرىنىسەن، لىكىن بۇ بىر خىيال، توڭغان چىغىمدا سەن يىنىمدا باردەك ئويلىسام ئىسسىپ قالىمەن، بۇ بىر ھەقىقەت.
كۈنلىرىم سىنى سىغىنىش، ساقلاش بىلەن ئۆتىۋاتىدۇ. ئەجىبا سەن مىنى ئۇنتۇپ قالدىڭمۇ يا، ئەگەر ئۇنتىمىغان بولساڭ ھىچ بولمىسا بىرە قىتىم بولسىمۇ تىلفۇن قىلغىن جىنىم. مىنىڭ مۇشۇنداق ئازابلىنىشىمدا ئۆزۈڭنىڭ مەسئۇلىيىتى يوق دەپ ئويلامسەن ھە!!! شۇڭا مىنى ئىزدىمەتامسەن، يەنە ئىزدەۋىرىپ سىنى زىرىكتۈرۈپ قويماسلىق ئۈچۈن مەنمۇ سىنى ئىزدەشتىن ۋاز كەچتىم، ئىسىڭدە بولسۇن مەن پەقەت سىنى ئىزدەپ يەنە كۆڭلۈم ئازار يەپ قالمىسۇن دەپ سىنى ئىزدەشتىن ۋاز كەچتىم، لىكىن ساڭا بولغان ھەقىقىي چىن مۇھەببىتىمدىن، ۋاز كەچمىدىم. قەلبىمدىكى ئورنۇڭ قىلچە ئۆزگەرمىدى.
كىچىللىرى سىنى چۈشەپ قالسام شۇ كۈنى روھى چىكەتكەن ئادەمدەك يۈرىمەن، مىنى يەتكۈچە قىينىدىڭ، يەتكۈچە ئازابلىدىڭ، سىنى ياخشى كۆرگەنگە، ئەقىدە قىلغانغا تويغۇزىۋەتتىڭ، سەندىن ئازار يىگەن بۇ يۈرىكىم يەنە سىنى سىغىنىپ ماڭا نالە قىلىۋاتىدۇ، بىراق مەندە نىم ئامال دەيسەن؟ سىنىڭ قانداقلىقىڭنى بىلىپ تۇرۇپ يەنە، سەندىن نى ئۈمىد نى بەخىتلەرنى كۈتىۋاتىدۇ.
جىنىم ئەزىزىم، سەندىن ئۆتۈنەي قەلبىمدىكى بۇ ھىجران ئازابىغا خاتىمە بېرىپ مىنى بۇ تۈگىمەس ئازابدىن قۇتۇلدۇرغىن ، سەنسىز ئۆتكەن كۈنلىرىم، ئايلىرىم، يىللىرىم يىتەر ئەمدى مىنى قىينىما بولامدۇ؟! ئىسمىڭنىڭ ئىزىز بولغىنىدەك سەنمۇ مىنىڭ قەلبىمدە بىر ئۆمۈر ئەزىز ئىنسانسەن ، ئازابىم تۈپەيلى ساڭا ھاقارەت قىلىشنى ۋەياكى سەندىن ئاغرىنىشنى ئويلىمىدىم، سىنى نەچچە ۋاختىن بىرى قانداق ساقلىغان بولسام ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرغىچە تىنىقىم توختىغىچە شۇنداق ساقلايمەن! سىنى قانداق سۆيگەن بولسام تىنىقىم توختىغىچە شۇنداق سۆيىمەن، جىنىم سەندىن ئۆتۈنەي يىنىمغا قايتىپ كەلگىن! بۇ سىغىنىشىمغا خاتىمە بەرگىن .
ئۆتۈنەي جىنىم سەندىن ئۆتۈنەي، ناۋادا مۇشۇ دەملەردە ئۆلۈپ كەتسەم ئارماندا كىتىمەن، شۇڭايىنىمغا قايتىپ كەلگىن! سىنى ساقلاپ غىرىب ئاشىقىڭ ...
276 قېتىم كۆرۈلدى | دىلبەر ئەخەت | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-2-23 16:08:27 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|