مانا بۇ خانىم قىزلىرىمىزنىڭ ھەقىقىي گۈزەللىك ئۆلچىمى(2)
چەشمە
قەدىمكى زامانلار دىن تارتىپ ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىمىزنىڭ گۈزەللىكلىكى ،زىبالىقى ،ھۆسنى ۋە ناز خۇلقى ھەر قايسى دەۋىرلەردە ئوخشىمغان يازغۇچى ۋە شائىرلانىڭ ئوخشىمغان ئۇسلۇبى ،ئوخشىمىغان ژانىر ۋە ئىپادىلەش يوللىردىكى پەرق بىلەن گۈزەللىك، ھۆسۈنجامالدا تەڭداشسز دىيىلگەن ئۇيغۇر قىزلىرنى ئاجايىپ ھېس-تۇيغۇ ۋە سېھرې تەسسەۋۋۇر بىلەن سۈرەتلىگەنكى - ،گۈزەللەر جەننىتىدىكى ھۆل-غىلمانلار ئۇلارنى كۆرگەندە خىجىل بولۇپ ،باش ئىگىپ سالامدا بولدىغانلىقى يېزىلغان،،،،قارا خانيلقلار دەۋىردىكى مەيدانغا كەلگەن شېئرىيەت ئجادىيەتلىرى غەزەل ،نەزم ئەسەرلىرى تىپىك ۋەكىل بولالايدۇ. خۇلاسە شۇكى، ئۇيغۇر ئەھلىنىڭ زىننىتى قىز-ئاياللىرىنىڭ گۈزەللىكىنى ئەڭ پاساھەتلىك، دەبدەبىلىك سۆز-ئىبارلەر بىلەن تەسۋىرلىسەكمۇ ئەرزىيدۇ ،بىراق جەميئەت ھەرتەرەپتىن تەرەققىي قىلىشقا يۈزلىنىپ، ئقتساد ،سودا-سانائەت ، تور ،پەن -تېخنىكا بەسلىشپ ئۇچقاندەك يۈكسەلگەن ،ئۆزئارا رىقابەتلىشپ ئىلگىرلەۋاتقان زامانۋى دەۋىردە ، ئەينى زاماندىكى ،ئەدەپ-ئەخلاقلىق بولۇپ بىر ئۆينى تۇتۇپ كۈن ئۆتكۈزۈش بىلەن مۇھىتقا ماسلىشىپ مەدەنىي شەھەر پۇقراسى بۇلۇش ،كۈندىن -كۈنگە تېزلىشۋاتقان تۇرمۇش رېتىمى،مال باھاسنىڭ ئېششغا قارىماي تۈرلۈك ئېھتياجلارنىڭ كۆپىيىپ، ئۆرلىشى كىشلەرنىڭ باش قېتىنچىلقى بۇلىۋاتقان مەزگىلدە ،دەۋىر بىلەن ماس قەدەمدە ئىلگىرلەپ تۈرلۈك مەسىللەرنى توغرا قارار بىلەن بىر تەرەپ قىلىش ئقتىدارنى يىتلدۈرۈش زۆرۈر . شۇنداق بولغاندىلا كىشلىك تۇرمۇش قارشىڭىز زامانىۋى ئلغار ئىدىيەلەر بىلەن تۇلۇقلىنىپ،سزدىكى گۈزەللككە بولغان يۈزەكى تۇنۇشلار يوقاپ ،مۇكەممەل گۈزەللىكڭىزنى ئۆز قولىڭىز بىلەن يارتىسز ،شۇڭا تەرەققىي قىلغان دەۋىردىكى مودا ۋە مەدەنىي،گۈزەللكنى قوغلاشسىڭىز پەقەت سىرتقى زىننەتلەشكىلا قارىماي ،ئۆزىڭىزدە مەلۇم دەرىجىدىكى بىلىم قۇرۇلمىسى ۋە ئۇنۋېرسال ساپانى يىتىلدۈرۈڭ ،تەرەققىياتقا ماسلىشىپ كىتۋاتقان ئىدىيە قاراشلىرىڭىز ھەققى گۈزەللىكنى ئۆزىڭىز ئارقىلىق نامايەن قىلىپ بېرىدۇ،،،
186 قېتىم كۆرۈلدى | qaxma | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-8 1:25:17 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|